نورۋېگىيەدىكى يېڭى كۆچمەن

ئوخشىمىغان تۇرۇش سەۋەپلىرى

 

نورۋېگىيەدىكى چەتئەللىكلەرگە بېرىلگەن تۇرۇش رۇخسەتنامىلىرى ھەر خىل بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بولغانلىرى مۇنۇلار:

  • ياۋرۇپا ئىتپاقى، ياۋرۇپا ئىختسادى ھەمكارلىق رايۇنى ۋە ياۋرۇپا ئەركىن سودا ئۇيۇشمىسى(EU/EØS/EFTA) پۇقرالىرىنىڭ نورۋېگىيەدە تۇرۇش ھۇقۇقى
    ياۋرۇپا ئىتىپاقى، ياۋرۇپا ئىختسادى ھەمكارلىق رايۇنى ۋە ياۋرۇپا ئەركىن سودا ئۇيۇشمىسى ( EU/EØS/EFTA) دۆلەتلىرىنىڭ پۇقرالىرى،نورۋېگىيەگە كەلسە،تۇرۇش رۇخسەتنامىسىگە ئىلتىماس قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق،ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. بۇ تور ئارقىلىق ئېلىكتىرونلۇق ئۇسۇلدا قىلىنىدۇ. ئۇندىن كېيىن ئۆزى چۇقۇم ساقچىخانىغا بېرىشى كېرەك.
  • ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزىسىدىن ياكى نورۋېگىيەگە باغلىنىشى بولغانلىغى سەۋەپلىرىدىن بېرىلىدىغان كۆچمەنلىك تۇرۇش رۇخسەتنامىسى. (ئىنسانپەرۋەرلىك ئاساسىدا)
    ئۆز دۆلىتىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ياكى خەتەرگە دۇچ كەلگەن ئادەم نورۋېگىيەدە قوغدىلىشنى(پاناھلىق) ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. نورۋېگىيەدە قوغدىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئۇ كىشى ئۆزى ساقچىغا مۇراجەت قىلىدۇ. ئىلتىماسنى چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى(UDI) بىرتەرەپ قىلىدۇ. بەزى كۆچمەنلەر نورۋېگىيەگە بىۋاستە FN (ب.د.ت) سېستىمىسى ئارقىلىق كېلىدۇ.
  • بىرسىنىڭ نورۋېگىيەدە ئائىلە ئەزالىرى بولسا ياكى نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق بىرسى بىلەن ئائىلە قۇرماقچى بولسا ئۇ ھالدا بۇ كىشى ئائىلە كۆچمەنلىگى رۇخسەتنامىسىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
    بۇنىڭدا ئائىلە جەملەيدىغان نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق تەرەپكە مەلۇم تەلەپلەر قۇيىلىدۇ. مەسىلەن،ئۇ ئەرنىڭ ياكى ئۇ ئايالنىڭ چۇقۇم ئۆيى بولۇشى ۋە ئائىلىسىنى باقالايدىغان بولۇشى كېرەك. ئىلتىماس قائىدە بۇيىچە نورۋېگىيەنىڭ چەتئەلدىكى بىر ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرۇلىشى كېرەك.
  • ئىشلەش ئۈچۈن بېرىلگەن تۇرۇش رۇخسەتنامىسى
    نورۋېگىيەدە ئىشلەشنى ئارزۇ قىلغان چەتئەللىكلەرگە بېرىلىدىغان تۇرۇش رۇخسەتنامىلىرى ھەر تۈرلۈك بۇلىدۇ.
  • ئەگەر بىرسى تۇرمۇش قۇرغان جۆرىسى تەرىپىدىن زوراۋانلىققا يولۇققان ياكى خورلانغان بولسا تۇرۇش رۇخسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
    تۇرمۇش قۇرغان جۆرىسى تەرىپىدىن زوراۋانلىققا يولۇققان ياكى خورلانغان،مەجبۇرلاش ئاستىدا توي قىلغان،ياكى بولمىسا، ئائىلىۋى تۇرمۇشى بۇزۇلغاندىن كېيىن ئىجتىمائى ۋە مەدەنيەت ئامىللىرى سەۋەپلىك ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كېتەلمەيدىغان كىشى مۇستەقىل تۇرۇش رۇخسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ بەلگىلىمە ئۇ كىشىنىڭ پەرزەنتىگىمۇ ئائىت.

پاكىتلار

ئولتۇراقلىشىش رۇخسەتنامىسى

ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ، كىشلەرگە ئولتۇراقلىشىش رۇخسەتنامىسى بېرىشكە ئائىت تۈزگەن بەلگۈلىمىلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. كىمنىڭ ئولتۇراقلىشىش رۇخسەتنامىسى ئېلىشى ياكى ئالالماسلىغىنى ھۆكۈمەت قارار قىلىدۇ.

ئۆزى تۇرىۋاتقاندۆلەتتە، دۆلەتنىڭ قانۇنى تۇرۇش رۇخسەتنامىسى بىلەن تۇرۇش ،ئالدى بىلەن ھەر بىر شەخسنىڭ مەجبۇريىتى. شۇنىڭ ئۈچۈن،نورۋېگىيەدە تۇرىۋاتقان كۆچمەنلەر زۈرۈر بولسا،ئولتۇراقلىشىش رۇخسەتنامىسىغا ئىلتىماس قىلىشى ۋە ئولتۇراقلىشىش رۇخسەتنامىسىنى ئۇزارتىشى كېرەك.