نورۋېگىيەدىكى يېڭى كۆچمەن

نورۋېگچە ئۈگۈتۈش پروگراممىسى

نورۋېگ تىلى كۇرسىدىن بىر پارچە سۈرەت

نورۋېگ تىلى ۋە جەمىيەت بىلىملىرى ئۈگۈتۈش پروگراممىسىغا قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇريىتى

بەزى كۆچمەنلەرنىڭ نورۋېگ تىلى ۋە جەمىيەت بىلىملىرىنى ئۈگۈتۈش پروگراممىسىغا ھەقسىز قاتنىشىش ھۇقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.
بۇنىڭغا ئائىتلار:

  • پاناھلانغۇچىلار
  • ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزىسىدىن تۇرىۋاتقانلار
  • كوللىكتىپ قوغدالغۇچىلار
  • يۇقارقى گۇرۇپپىلادىن بىرىگە تەۋە بولغان ئائىلە جەملەشتۈرگۈچىلەر
  • نورۋېگىيە ياكى شىمالى ياۋروپا پۇقرالىرى بىلەن ئائىلە جەملەشتۈرگۈچىلەر
  • دائىملىق تۇرۇش رۇخسىتى بارلار بىلەن ئائىلە جەملەشتۈرگۈچىلەر

تونۇشتۇرۇش(پروگراممىسى) قانۇنى
تونۇشتۇرۇش(پروگراممىسى) قانۇنى، 2020.12.31 دىن بۇرۇن تۇرۇش رۇخسىتىگە ئېرىشكەنلەرگە ئائىت بولۇپ، بۇ قانۇن بويىچە، پەقەت يېشى 16 – 67 ئارىسىدىكى كىشلەرنىڭلا نورۋېگ تىلى ئۈگۈتۈش پروگراممىسىغا قاتنىشىش ھۇقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.

تونۇشتۇرۇش(پروگراممىسى) قانۇنىغا چۈشىدىغانلارغا نىسپەتەن بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ھوقۇق دىگەندە، ئوقۇشنىڭ ھەقسىز بولۇشىغا قارىتىلغان. مەجبۇرىيەت بولسا، بۇ كىشلەر مەڭگۈلۈك تۇرۇش رۇخسىتى (ياكى گىراجدانلىق)نى ئېلىش ئۈچۈن چۇقۇم 600 سائەت دەرس ئېلىشى كېرەك. بۇنىڭ 50 سائىتى قاتناشقۇچى چۈشىنىدىغان بىر تىلدا ئۆتۈلىدىغان جەمىيەت بىلىملىرى دەرسى بۇلىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، خەقسىز نورۋېگچە دەرس ئېلىش سائىتىنى كۆپەيتىش تەستىقىنى ئالغىلىمۇ بولىدۇ. دەرس سائىتى ئېھتىياجغا قاراپ تەقسىملىنىدۇ، لېكىن جەمئى 3000 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىگى كېرەك.

ئۆزلىشىش قانۇنى
2021- يىلى يانۋاردا «ئۆزلىشىش قانۇنى» دىگەن يېڭى قانۇن چىقتى. ئۇشبۇ ئۆزلىشىش قانۇنىغا ئاساسەن، يېشى 18- 67 ئارىسىدا بولغان كىشلەرنىڭ نورۋېگ تىلى ئۈگۈتۈش پروگراممىسىغا قاتنىشىش ھۇقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. ئۆزلىشىش قانۇنىغا چۈشىدىغانلارنىڭ نورۋېگ تىلىدا ھىچ بولمىغاندا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە بولسىمۇ يېتىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇريىتى بار. بۇ خىل سەۋىيە، قاتناشقۇچىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى(ئوقۇش ئارقا كۆرنۈشى)گە قاراپ بېكىتىلىدۇ. نورۋېگ تىلى ئۈگىنىش ۋاقتى ئەسلىدە ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. نورۋېگىيەگە كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە، نورۋېگىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن تولۇق ئوترا ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار ئۈچۈن، نورۋېگ تىلى ئۈگۈنۈش ۋاقتى 18 ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىگى كېرەك.

قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى، نورۋېگىيەگە 2021- يىلى 31- دېكابىردا، ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن كەلگەنلەر يەنىلا 50 سائەتلىك جەمىيەت بىلىملىرى دەرسى ئېلىشى لازىم. قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى، نورۋېگىيەگە 2022- يىلى 1- يانۋاردا، ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەنلەر، ئۆزى بىلىدىغان بىر تىلدا 75 سائەتلىك جەمىيەت بىلىملىرى دەرسى ئېلىشى لازىم.

نورۋېگ تىلى ۋە جەمىيەت بىلىملىرى ئۈگۈنۈش پروگراممىسىغا قاتنىشىش مەجبۇريىتى

بەزى كۆچمەنلەرنىڭ ھەقسىز دەرس ئېلىش ھۇقۇقى يوق،ئەمما، دەرس ئېلىش مەجبۇريىتى بار. تۇنۇشتۇرۇش (پروگراممىسى) قانۇنى بۇيىچە دەرس ئېلىش مەجبۇريىتى بولغانلارنىڭ بولسا،دائىملىق تۇرۇش رۇخسەتنامىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن 300 سائەت نورۋېگ تىلى ۋە جەمىيەت بلىملىرى دەرسى ئېلىش مەجبۇريىتى بار. «ئۆزلىشىش قانۇنى» غا ئاساسەن دەرس ئېلىش مەجبۇريىتى بولغان كۆچمەنلەرنىڭ ھىچ بولمىغاندا نورۋېگ تىلىدا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە يېتىش،ياكى،300 سائەت نورۋېگ تىلى ۋە جەمىيەت بىلىملىرىنى ئۈگۈنۈش پروگراممىسىغا قاتنىشىش مەجبۇريىتى بار. نورۋېگىيەگە 2022- يىلى 1- يانۋاردا، ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئۈچۈن بولسا،بۇنىڭ(300 سائەتنىڭ) 75 سائىتى جەمىيەت بىلىملىرى دەرسى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭغا ئائىتلار:

  • ياۋرۇپا ئىتىپاقى، ياۋرۇپا ئىختسادى ھەمكارلىق رايۇنى ۋە ياۋرۇپا ئەركىن سودا ئۇيۇشمىسى(EU/EØS/EFTA)
    رايۇنىنىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىشچى كۆچمەنلەر
  • بۇ دۆلەتكە ئائىلە جەملەشتۈرۈش سەۋەبى بىلەن (EU/EØS/EFTA) رايۇنىنىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر(ئائىلە جەملەشتۈرۈش كۆچمەنلىرى)

نورۋېگ تىلى ۋە جەمىيەت بىلىملىرى ئۈگۈتۈش پروگراممىسىغا قاتنىشىش ھۇقۇقىمۇ مەجبۇريىتىمۇ بولمىغانلار

بەزىلەرنىڭ ھەقسىز نورۋېگ تىلى ۋە جەمىيەت بىلىملىرى ئۈگۈتۈش پروگراممىسىغا قاتنىشىش ھۇقۇقىمۇ مەجبۇريىتىمۇ يوق. بۇنىڭغا ئائىتلار:

  • ئوقۇغۇچىلار
  • ئائۇ پايىر(بىر تۈرلۈك ئۆي ئشلىرى ياردەمچىسى) لار ۋە باشقا
  • ۋاقىتلىق تۇرغۇچىلار
  • شىمالى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ پۇقرالىرى
    ياۋرۇپا ئىختسادى ھەمكارلىق رايۇنى ۋە ياۋرۇپا ئەركىن سودا ئۇيۇشمىسى(EØS/EFT) نىڭ قائىدە- پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن تۇرىۋاتقانلار

پاكىتلار

نورۋېگ تىلى كۇرسى

نورۋېگىيەدە ياشايدىغان ھەممە ئادەم،نورۋېگچىنى سۆزلىيەلەيدىغان ۋە چۈشىنەلەيدىغان بۇلۇشى كېرەك. نورۋېگىيە جەمىيىتى،ھەممە ئادەمنىڭ جەمىيەت ھاياتىغا قاتنىشىشىنى ۋە مۇتلەق كۆپساندىكىلەرنىڭ خىزمەت قىلىپ، ئۆزىنى- ئۆزى بېقىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ. مۇتلەق كۆپ كومۇنالار نورۋېگ تىلى كۇرسى ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇندىن باشقا،بىرمۇنچە شەخسىلەر ئاچقان نورۋېگ تىلى كۇرسلىرمۇ بار. نەزى كۆچمەنلەر كومۇنادىكى ھەقسىز نورۋېگ تىلى كۇرسىغا قاتنىشالايدۇ،باشقا بىرقىسىملار بولسا پۇل تۆلەپ قاتنىشىشى كېرەك. بۇ شۇ ئادەمنىڭ قايسى خىل ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتى بارلىغىغا باغلىق.