نورۋېگىيەدىكى يېڭى كۆچمەن

تۇنۇشتۇرۇش پروگراممىسى

 


يېڭى كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ نورۋېگىيەدىكى ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، گۇرۇپپىلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇش پروگراممىسى يولغا قۇيۇلغان. تۇنۇشتۇرۇش پروگراممىسى نورۋېگىيە جەمىيىتىدىكى بىر تەييارلىق باسقۇچى بولۇپ، بۇ پروگراممىغا كوممۇنالار (يەرلىك ھۆكۈمەتلەر) مەسئۇل.

تۇنۇشتۇرۇش پروگراممىسى، كۆچمەنلەرنىڭ كەسپى ۋە جەمىيەت ھاياتىغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتىنى ئاشۇرىدۇ. مەقسەت بولسا كۆچمەنلەرنىڭ ئىختىسادى مۇستەقىللىغىنى كۈچەيتىش.

بەزى كۆچمەنلەرنىڭ تۇنۇشتۇرۇش پروگراممىسىغا قاتنىشىش ھۇقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار، لېكىن ھەممىسىنىڭ ئەمەس. بۇ تۇرۇش رۇخسەتنامىسىنىڭ نىمىگە ئاساسلانغانلىغىغا باغلىق.

تۇنۇشتۇرۇش پروگراممىسىغا قاتنىشىش ھۇقۇقى ۋە مەجبۇريىتى بولغان بۇ گۇرۇپپىلار:

  • كۆچمەنلەر
  • ئىنسانپەرۋەرلىك ئاساسىدا تۇرۇش رۇخسىتى ئالغۇچىلار
  • يۇقارقى ئىككى گۇرۇپپىدىكىلەر بىلەن ئائىلە جەملەشتۈرگۈچىلەر(ئائىلە جەملەشتۈرۈش كۆچمەنلىرى)
  • شۇ كىشى ياكى پەرزەنتى،ئائىلىۋى تۇرمۇشتا زوراۋانلىققا يولۇققان ياكى خورلانغان،مەجبۇرلاش ئاستىدا توي قىلغان ياكى بولمىسا، ئائىلىۋى تۇرمۇشى بۇزۇلغاندىن كېيىن ئىجتىمائى ۋە مەدىنيەت ئامىللىرى سەۋەپلىك ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كېتەلمەيدىغان سەۋەپلەر تۈپەيلى مۇستەقىل تۇرۇش رۇخسىتىگە ئېرىشكەنلەر.

پاكىتلار

تونۇشتۇرۇش پروگراممىسى بولسا:

  • كۆچمەنلەرنىڭ خىزمەت ۋە جەمىيەت ھاياتىغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتىنى كۈچلەندۈرىدۇ
  • كۆچمەنلەرنىڭ ئىختىسادى مۇستەقىللىغىنى كۈچلەندۈرىدۇ
  • نورۋېگ تىلىدىن ئاساسى ماھارەت يېتىشتۈرىدۇ
  • نورۋېگىيە جەمىيەت ھاياتى ھەققىدە ئاساسى بىلىم بېرىدۇ