نورۋېگىيەدىكى يېڭى كۆچمەن

قانداق قىلغاندا ئورۇنلىشىۋالغىلى،شۇنىڭدەك ئش ۋە جەمىيەت ھاياتىغا ئاكتىپ قاتناشقىلى بۇلىدۇ؟

 ئسكىلات ئشچىسى

نورۋېگىيەگە يېڭى كەلگەن بىرسى ئۈچۈن،كۆپ نەرسىلەر يېڭى ۋە ناتۇنۇش بۇلىدۇ. بۇ كىشىنىڭ،ئشلىرىنى تېزراق يولغا كىرگۈزىۋېلىشى ۋە بارا- بارا ئۆزىنى نورۋېگىيە جەمئيىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ ھىس قىلىشى، ھەم شۇ كۆچمەننىڭ ئۆزى ئۈچۈن ھەم جەمىيەت ئۈچۈن مۇھىم.

بۇنىڭدا قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش، نورۋېگچە ئۈگۈنۈش.
تىلنى ئوخشىمىغان ئۇسۇللاردا،ئوخشىمىغان ساھەلەردە ئۈگۈنۈش مۇمكىن. كۆپۈنچىلەر،نورۋېگچە كۇرستىن پايدىلىنىشنى خالايدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە، شۇ تىلنى قوللىنىدىغان ئورۇنلارغا بېرىشمۇ مۇھىم. بۇلار،خىزمەت ئورۇنلىرى،تەشكىللەنگەن ئشتىن سىرتقى پائالىيەتلەر ۋە شەخسى تۇرمۇش مۇھىتى بۇلۇشى مۇمكىن. بەزىلەر تېلىۋىزوردىكى بالىلار پروگراممىسى،خەۋەر ۋە (نورۋېگچە) تېكستلىق پروگراممىلارنى كۆرۈش ئارقىلىقمۇ كۆپ ئۈگۈنىۋالىدۇ.

نورۋېگچە ئۈگۈتۈش پروگراممىسىدا،قاتناشقۇچىلار تىل پىراكتىكىسى پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ ئەنئەنىۋى سىنىپتا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ بىر تۇلۇقلىمىسى. تىل پراكتىكا ئورنىدا ئادەم، بىر ئىش مۇھىتىدا نورۋېگچە سۆزلەشنى مەشق قىلىۋالالايدۇ. قاتناشقۇچىلار تىل پراكتىكىسى ئارقىلىق بىرتەرەپتىن تىل ئۈگۈنەلەيدۇ،يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىۋاتقانلاردىن تۇنۇش تاپالايدۇ.

نورۋېگىيەدە ئش تېپىشنى ئارزۇ قىلغان ئادەم،ئۆزى چۇقۇم ئاكتىپ بۇلۇشى كېرەك. بۇنىڭدا، تىل ئۈگۈنۈش، مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش ۋە خىزمەت تەجىربىسىگە ئىگە بۇلۇش مۇھىم. بەزىلەر مەلۇم بىر شىركەتتە خىزمەت پىراكتىكىسى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئىش پراكتىكىسى NAV تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرلىدۇ.

باشقا دۆلەتتىن ئالغان لاياقەتنامىسى بولغان كىشلەر،بۇنى نورۋېگىيەدە تەستىقلىتىشقا ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ. لاياقەتنامىنى تەستىقلاشنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرى بار. تەپسىلى مەلۇماتنى بۇ يەردىن تاپالايسىز: www.nokut.no.

ئش ھاياتىغا قاتنىشىش،جەمىيەتنىڭ ئاكتىپ بىر ئەزاسى بۇلۇشنىڭ بىردىن- بىر يولى ئەمەس. كىشلەر قاتناشسا بۇلىدىغان كۆپلىگەن خالىسانە جەمىيەتلەر، تەنتەربىيە ئۇيۇشمىلىرى، سىياسى ۋە دىنىي تەشكىلاتلار بار. بۇ باشقىلار بىلەن تۇنۇشۇش،تىلنى ئشلىتىش، شۇنىڭدەك ئۆز قابىليىتى ۋە قىزىقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىر ياخشى ئۇسۇلىدۇر.

نورۋېگىيەدە، پەرزەنتى بارلار، باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ يەنە بىر قۇشۇمچە پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. بالىلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن تولغان بۇلىدۇ. ئاتا- ئانىلار بالىلىرى بىلەن بىرگە ئىختىيارى پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ۋاقتىدا، بالىلارنىڭ مەشقى ياكى ئاتا- ئانىلار يىغىنىغا بارغاندا باشقا ئاتا- ئانىلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ. نورۋېگىيەلىكلەر،نورۋېگىيەدە يېڭى بىر جايغا كۆچۈپ بارغاندا دائىم مۇشۇ خىل پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ يېڭى دوست تاپىدۇ ۋە مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. شۇ ئوخشاش ئىشنى ئەلۋەتتە كۆچمەنلەرمۇ قىلسا بۇلىدۇ. بۇ چاغدا ئادەم نورۋېگچە سۆزلەشنى سىناپ باققىلى ۋە باشقىلار بىلەن تونۇشقىلى بۇلۇدۇ.

پاكىتلار

تىل پىراكتىكىسى سىزگە مۇنۇلارنى بېرىدۇ:

  • تىل جەھەتتىن چېنىقىش
  • قىممەتلىك خىزمەت تەجىربىسى
  • پايدىلىق تونۇشتۇرۇش(تەۋسىيەچى)
  • ئالاقە تورى

نورۋېگىيەدە پەرزەنتىڭىز بارمۇ؟ بالىڭىزنى ھەر خىل، دەرستىن سىرتقى پالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇڭ. بالىڭىز بىلەن بىرگە بېرىڭ،پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يېڭى كىشلەر بىلەن تۇنۇشۇڭ.