تارىخ،جۇغراپىيە ۋە تۇرمۇش ئادىتى

جۇغراپىيە

Norge i Verden

نورۋېگىيەنىڭ دۇنيادىكى جايلاشقان ئورنى

نورۋېگىيەنىڭ يەر كۆلىمى 385 199 كۋادرات كلومېتىر. بۇ دىگەنلىك نورۋېگىيەنىڭ يەر كۆلىمى تايلاندت، ئىراق، تۈكىيە ۋە سومالىيادىن كىچىكراق. نورۋېگىيەنىڭ يەر تۈزلىشى ئۇزۇن ۋە تار بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئوسلو بىلەن پارىجنىڭ ئارلىغى، ئوسلو بىلەن ترومسونىڭ ئارلىغى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش كېپ قالىدۇ.

نورۋېگىيە،شىۋېتسىيە، دانىيە، فىنلاندىيە ۋە ئىسلاندىيە قوشۇلۇپ شىمالى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنىڭدەك نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە ۋە دانىيە قۇشۇلۇپ سىكاندىناۋىيەنى تەشكىل قىلىدۇ.
نورۋېگىيە،شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە ۋە رۇسسىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ.

رايۇنلارغا بۆلۈنۈشى

نورۋېگىيە بەش رايۇنغا بۆلۈنگەن: شىمالى نورۋېگىيە،ترۆندېلاگ (Trøndelag)، غەربى نورۋېگىيە، جەنۇبى نورۋېگىيە ۋە شەرقى نورۋېگىيە

ناھيىلەر

نورۋېگىيەدە 11 فۈلكە(ناھيە) بار
شىمالى نورۋېگىيە: نۇرلان ،ترۇمس ۋە ۋە فىنمارك
ترۆندېلگ: ترۆندېلاگ
غەربى نورۋېگىيە: ۋەستلان،روگالان ۋە مۆرە ۋە رۇمسدال
جەنۇبى نورۋېگىيە: ئاگدېر
شەرقى نورۋېگىيە: ۋەستفول،تېلىمارك،ۋىكەن،ئىنلانە ۋە ئوسلو

Norgeskart og flagg

شەھەرلەر

نورۋېگىيەدە 100 گە يېقىن شەھەر بار. ئوسلو ېنىقكى بۇنىڭ ئىدىكى ئەڭ چوڭى بولۇپ، تەخمىنەن 600 000 نۇپۇسى بار(2017).
تۆۋەندىكىلەر نورۋېگىيەدىكى 10 چوڭ شەھەر(ئەڭ چوڭلىرى يۇقۇرغا تىزىلغان) :

      • ئوسلۇ

Oslo

    • بېرگىن

Bergen

    • ترونخېيم (تەخمىنەن نۇپۇس)

Trondheim

  • سىتاۋانگېر )
  • كرىستىئانسان )
  • فرېدرىكستاد )
  • ترۇمسۆ ( )
  • ساندنەس )
  • دراممەن )
  • سارپسبورگ )
  • ssb.no

 

باشقا جۇغراپىيەلىك مەلۇماتلار

      • نورۋېگىيەدىكى ئەڭ ئىگىز تاغنىڭ ئىسمى گالدھۆپىگگەن (Galdhøpiggen). ئۇنىڭ ئىگىزلىگى 2469 مېتىر. نورۋېگىيە زىمىنىنىڭ ئاساسەن يېرىمىنى تاغلىق رايۇنلار تەشكىل قىلىدۇ.

    • نورۋېگىيەدىكى ئەڭ چوڭ كۆلنىڭ ئىسمى ميۆسا( Mjøsa). ئۇنىڭ چوڭلىغى 365 كۇۋادرات مېتىر.
    • نورۋېگىيەدىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريانىڭ ئىسمى گلومما( Glomma). ئۇنىڭ ئۇزۇنلىغى 610 كىلۇمېتىر.
    • دېڭىز ساھىلىرىدا نۇرغۇن قولتۇقلار بۇلۇپ،ئەڭ ئۇزۇن قولتۇق بولسا سوڭنە قولتۇغى(Sognefjorden). ئۇنىڭ ئۇزۇنلىغى 204 كلومېتىر، ئەڭ چۇڭقۇر يېرى 1308 مېتىر كېلىدۇ.

Sognefjorden

  • نورۋېگىيە يەر كۆلۈمىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى تاغلىق رايون ئىگەللەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچدەن بىر قىسمىنى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ. پەقەت ئىككى پىرسەنت قىسمى ئولتۇراقلىشىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. (قۇرۇلۇش ۋە يول سېلىشقا بولىدۇ)
  • پاكىتلار

    (رايۇنلارغا) بۆلۈنۈشى

    نورۋېگىيە جۇغراپىيەلىك جايلىشىشى بۇيىچە بەش رايۇنغا بۆلۈنگەن ۋە بۇلار 11 ناھيە(فۈلكە) ۋە 356 كوممونادىن تەشكىل تاپقان

    تاغلار ۋە ئورمانلار

    نورۋېگىيە زىمىنىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى تاغلىق رايۇنلار،%38 نى ئورمانلىق تەشكىل قىلىدۇ. يەر مەيدانىنىڭ پەقەت %3 تىلا تېرىلغۇ يەر.