دىمگۇراتىيە ۋە پاراۋانلىق جەمىيىتى

بىر دىمگۇراتىك دۆلەتتىكى ، ئەركىنلىكلەر ۋە ھۇقۇقلار


نورۋېگىيە بولسا بىر دىمگۇراتىك دۆلەت. “دىمگۇراتىيە” دىگەن سۆز ئەسلى گرىكچىدىن كەلگەن بۇلۇپ،”خەلقنىڭ ھاكىميىتى” دىگەن بۇلۇدۇ. خەلق، پارلامېنتقا كىرىدىغان سىياسى پارتىيەلەرنى،ناھيىلىك كېڭەشنى ۋە كومۇنا ئىدارە ھەيئىتىنى سايلاش ئارقىلىق نورۋېگىيەنىڭ سىياسىتىنى باشقۇرىدۇ. سايلامدا ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن پارتىيە ياكى پارتىيەلەر، پارلامېنتتا، ناھيىلىك كېڭەشتە ياكى كومۇنا ھۆكۈمىتىدە ئەڭ كۆپ ئورۇنغا ئېرىشىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن كۆپ سانلىقلار قارار قىلالايدۇ. لېكىن،مۇھىم بولغان بىر پىرىنسىپ شۇكى،كۆپسانلىقلار سىياسەت تۈزگەن ۋاقتىدا، ئاز سانلىقلارنىڭ پىكرىنىمۇ نەزەرگە ئېلىشى كېرەك.

بىر دىمگۇراتىك دۆلەتتە،پۇقرالارنىڭ مۇئاييەن ھۇقۇق ۋە ئەركىنلىگى بۇلۇدۇ:

ئىنسان ھەقلىرى

FN-flagget FN-bygningen i New York
ئىنسان ھەقلىرى ھەممە ئىنسانغا ئائىتتۇر،بىز بۇ ھوقۇققا،دۇنيانىڭ مەلۇم بىر يېرىدە ياشىغانلىغىمىز،ياكى مەلۇم بىر دىنغا ئېتىقات قىلغانلىغىمىز ۋە ياكى بىر ئالاھىدە مىللەتكە مەنسۇپ بولغانلىغىمىز ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى ئىنسان بولغانلىغىمىز ئۈچۈن ئېرىشكەنمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز، ئىنسان ھەقلىرى دۇنياۋىدۇر دەيمىز.
ئىنسان ھەقلىرى تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا شەخس بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى شەرھىلەيدۇ.

1948- يىلى ب.د.ت، “دۇنيا كىشلىك ھۇقۇق خىتاپنامىسى”نى ماقۇللىدى. كىشلىك ھۇقۇق خىتاپنامىسى پۈتۈن ئىنسانلارغا ئالاقىدار بولۇپ،ئۇنىڭدا مەسىلەن مۇنۇلار بېكىتىلگەن:

  • ھەممە ئادەم ئەركىن،ئىززەت- ھۆرمەت ۋە ھۇقۇقتا باراۋەر بۇلۇپ تۇغۇلغان.
  • ھەممە ئىنسان، جىنسى، دىنى، ئىرقى، سىياسى كۆز قارىشى، دۆلەت تەۋەلىگى ۋە باشقا پەرقلىرىدىن قەتئىنەزەر،ئوخشاش ئىنسانى ھەق- ھۇقۇقلىرىغا ئىگە.
  • ھەممە ئىنسان ئەركىنلىك ۋە شەخسى بىخەتەرلىكتىن بەھرىمەن بۇلۇشقا ھۇقۇقلۇق.
  • ئىنساننى ھەرقانداق شەكىلدىكى قىيناش مەنئى قىلىنىدۇ
  • ھەممە ئىنسان،قانۇننىڭ قوغدىشىدىن بەھرىمەن بۇلۇشقا ھۇقۇقلۇق
  • ھەممە ئىنسان ئەركىن ئاۋاز بېرىش ۋە يۇشۇرۇن سايلاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسۈتۈش ھۇقۇقىغا ئىگە.

ب.د.ت كىشلىك ھۇقۇق خىتاپنامىسىنىڭ نۇرغۇن ماددىلىر نورۋېگىيە قانۇنلىرىغا كىرگۈزۈلگەن.

باراۋەرلىك

Personar i rullestol Homofilt par To eldre damer på tur Fem barn sammen

ئەنئەنە بۇيىچە ئويلىغاندا،” باراۋەرلىك’ دىگەن ئۇقۇم، ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ ھوقۇق ۋە ئىمكانىيەتلەردە باراۋەر بۇلۇشىغا ئائىتتى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئۇقۇمنىڭ مەنىسى كېڭەيدى: ھەممە ئىنسان، يېشى،مىللىتى، ئىقتىدارى،جىنسى،دىنى ۋە جىنسى يۈلۈنىشىنىڭ قانداق بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر- ھۇقۇق ۋە ئىمكانىيەتلەردە باراۋەر بۇلۇدۇ.

باراۋەرلىك يەنە باشقا ئىشلارغىمۇ، مەسىلەن،تەسىر كۆرسۈتۈش، مەسئۇليەت ۋە يۈك باراۋەر تەقسىملىنىشى كېرەك،ئادەم ئۆزىنى بىخەتەر ھىس قىلىشى ۋە باشقىلارنىڭ ھۇجىمىغا يولۇقماسلىقى لازىم.

سۆز- ئىپادە ئەركىنلىگى

سۆز- ئىپادە ئەركىنلىگى دىگەندە،بىر ئادەم سىياسى ۋە دىن ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى ئەركىن بايان قىلالايدىغان،
باشقىلار بىلەن ئەركىن مۇنازىرلىشەلەيدىغان،ئۆز قاراشلىرىنى ئەركىن يازالايدىغان ۋە بۇ سەۋەپلىك جازاغا ئۇچرىمايدىغان بۇلۇش دىگەنلىكتۇر.

شۇنداقتىمۇ،ئۆزى خالىغاننى دىيىش ۋە يېزىش بىلەن باشقىلارنى ھاقارەت قىلىش ئوترىسىدا بىر چېگرا بۇلۇدۇ. شۇنىڭ ئۆچۈن بىزدە، سۆز- پىكىر ئەركىنلىگىگە چەك قويۇدىغان بىر قىسىم قانۇنلار بار. مەسىلەن،ئاممىۋى مۇنازىرىدە،ئرقچىلىق ۋە كەمسىتىش خارەكتىرلىك سۆزلەرنى،مەيلى ئېغىزچە ياكى يازمىچە بولسۇن- ئىشلىتىش قانۇنغا خىلاپ.

سۆز- ئىپادە ئەركىنلىگى ھەم شەخسلەرگە، ھەمدە رادىو،تىلۋىزور ۋە گېزىتلارغا ئائىتتۇر.

قانۇنى قۇغدۇلۇش كاپالىتى

نورۋېگىيەدە پۇقرالار ياخشى قانۇنى قۇغدۇلۇش كاپالىتىگە
ئىگە. بۇ مەسىلەن، تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  • ھېچقانداق ئادەمگە،سوت قىلماستىن تۇرۇپ تۈرمە جازاسى بېرىشكە بولمايدۇ. سوتلاش دىگەنلىك،بىر مۇستەقىل سوت كوللىگىيىسى، مەزكور قارىلانغۇچىنىڭ گۇناھكار ياكى گۇناھسىزلىغىغا ھۆلۈم قىلىدۇ، بىر مۇستەقىل سوتچى بولسا، ناۋادا قارىلانغۇچى گۇناھكار بولۇپ چىققان تەغدىردە،ئۇنىڭغا قانداق جازا بېرىشنى قارار قىلىدۇ. ئەمما، سوت بۇلۇشتىن بۇرۇن،ساقچىلار بىر جىنايى مەسىلىنى ئېنىقلاپ بولغىچە بولغان ئارلىقتا،كىشلەر(گۇماندار) ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرىلىدۇ.
  • بارلىق ئەيىپلەنگۈچىلەرنىڭ ئاقلۇغۇچى (ئادۋۇكات) قۇللۇنۇش ھۇقۇقى بار.
  • سوت مەھكىمىلىرى مۇستەقىل بۇلۇدۇ. بۇنىڭ مەنىسى، سوت مەھكىمىلىرى ،سوتنىڭ كونكىرېت بىر سوت ئىشى ئۈستىدىكى خىزمىتىگە، سىياسەتچىلەر ،ئاخپارات ۋاستىلىرى ياكى باشقىلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىگە يول قويمايدۇ دىگەنلىكتۇر. مەيلى پارلامېنت،ھۆكۈمەت ياكى باشقا ھوقۇق ئۇرگانلىرى بولسۇن، سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە ئارلىشالمايدۇ.
  • ھىچقانداق قانۇننىڭ ئۆتمۈشكە تەدبىقلىنىش كۈچى بولمايدۇ. بۇ دىگەنلىك،مەلۇم بىر ئادەم ئۆتمۈشتە بىر ئىش سادىر قىلغان بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ گۇناھىنى بېكىتىش ۋە تېگىشلىك جازاسىنى بېرىشتە شۇ ۋەقە سادىر بولغان ۋاقىتتىكى مەۋجۇت،ئىناۋەتلىك قانۇنلار ئىشلىتىلىدۇ دىگەنلىكتۇر

دىنى ئېتىقات ئەركىنلىگى

دىنى ئېتىقات ۋە ئەقىدە ئەركىنلىگى دىگىنىمىز،
كىشلەرنىڭ،قايسى دىن ياكى ئەقىدىگە ئىشىنىش ۋە شۇنى ئەمەلدە كۆرسۈتۈشنى تاللاش ئەركىنلىگى بار- دىگەنلىكتۇر. ھىچكىمنىڭ، باشقا بىرسىنى بىرەر دىنى گۇرۇپپىغا ياكى مەلۇم بىر دىنى جامائەتكە ئەزا بۇلۇپ كىرىش ياكى چېكىنىشكە زورلاش ھوقۇقى يوق. ھەرقانداق ئادەم 15 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ،دىن|ئەقىدە جەمىيەتلىرىنىڭ ئەزالىغىدىن ئۆز ئالدىغا چېكىنىپ چىقىشقا ھۇقۇقلۇق. ھىچقانداق ئادەم،ئۆز دىنى ئېتىقادى سەۋەپلىك زىيانكەشلىك ياكى جازاغا ئۇچرىماسلىغى كېرەك.

كىشلەر، قايسى دىن|ئېتىقاتنى تاللاش ئەركىنلىگىگە ئىگە بولغىنىدەك، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ھىچقانداق دىن ياكى ئېتىقاتقا ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىگىگىمۇ ئىگىدۇر.

تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش ئەركىنلىگى

تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش ئەركىنلىگى بىرقانچە مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. تۆۋەندىكىلەر شۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بولغانلىرى:

  • كىشلەر،زىيانكەشلىككە ياكى جازالىنىش خەۋپىگە ئۇچرىماستىن تۇرۇپ،تۈرلۈك سىياسى پارتىيەلەرگە ۋە ئىجتىمائى تەشكىلاتلارغا ئەزا بۇلۇش ھۇقۇقىغا ئىگە.
  • كىشلەر،زىيانكەشلىككە ياكى جازالىنىش خەۋپىگە ئۇچرىماستىن تۇرۇپ،ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىغا ئەزا بۇلۇش ھۇقۇقىغا ئىگە. مەلۇم ئەھۋاللاردا، ئىش تاشلاش بۇلۇش ھۇقۇقىغىمۇ ئىگە.
  • كىشلەر، قانۇنلۇق نامايىشلار ئارقىلىق ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەش ھۇقۇقىغا ئىگە.

پاكىتلار

سايلاش ھۇقۇقى

  • نورۋېگىيەدە،سايلاش ھۇقۇقىغا ئىگە بۇلۇش يېشى 18 ياش.
  • پارلامېنت سايلىمىدا ئاۋاز بېرەلىشىڭىز ئۈچۈن،چۇقۇم نورۋېگىيە گىراجدانى بۇلۇشۇڭىز كېرەك.
  • ناھيىلىك ھۆكۈمەت ۋە كومۇنا ئىدارە ھەيئىتى سايلىمىدا ئاۋاز بېرىش ئۈچۈن،سايلامنىڭ
  • ئادىدىكى ئاخىرقى ئۈچ يىلدا نورۋېگىيەدە تۇرغان بۇلۇشىڭىز كېرەك.

ئىرقچىلىق ماددىسى(جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 185§)

“باشقىلارغا قارتا كەمسىتىش ياكى نەپرىتىنى ئىپادە قىلش دىگەندە، بىراۋغا تۆۋەندىكى قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن تەھدىد سېلىش ياكى ھاقارەت قىلىش، نەپرەت ئويغۇتۇش، زىيانكەشلىك قىلىش ياكى كەمسىتىشنى كۆرسۈتۈدۇ.
كەمسىتىش خارەكتىرلىك ياكى، نەپرەتلىك سۆز- ھەركەت دىگەندە، بىرسىگە تەھدىت سېلىش ياكى غۇرۇرىغا تېگىش،ياكى، تۆۋەندىكى:

  • ئا) ئۇنىڭ تېرىسىنىڭ رەنگى، دۆلەت ياكى مىللەت تەۋەلىگى
  • ب) دىنى ئېتىقادى ياكى ھاياتلىق قارىشى
  • س) ئوخشاش جىنسلىقلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىغى، ياكى
  • د) جىسمانى ياكى روھى كەمتۈكلىگى

ئىرقچىلىق ماددىسى كۆپ تالاش- تارتىش قىلىندى. بىرقىسىم كىشلەر بۇ ماددىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى ئارزۇ قىلدى، چۈنكى،ئۇلارنىڭ قارىشىچە،بۇ ماددا،سۆز- پىكىر ئەركىنلىگىگە خىلاپ كېلىدىكەن. بۇ ماددىغا بىنائەن جازالانغان ئادەملەر بەك ئاز.

2011- يىلى،22- ئىيۇل

2011- يىلى،22- ئىيۇل، نورۋېگىيەنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى بىر خاتىرە كۈنىدۇر. بۇ كۈندە،نورۋېگىيە بىر تېرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئوسلودىكى ھۆكۈمەت بىناسىدا پارتىلىغان بومبىدا سەككىز ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئۈتۆيا(Utøya)دا،ياشلار ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان سىياسى يازلىق لاگېردا 69 ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. يەنە نۇرغۇن كىشلەر يارلاندى. ھەر ئىككىلا ۋەقەنى بىرلا جىنايەتچى سادىر قىلغان.