تارىخ،جۇغراپىيە ۋە تۇرمۇش ئادىتى

كىلىمات

نورۋېگىيەدە تۆت پەسىل بۇلۇدۇ: باھار،ياز،كۈز ۋە قىش.

نورۋېگىيەنىڭ ھاۋا كىلىماتى رايۇنلارنىڭ ئوخشىماسلىغىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. بەزىدە،ئوخشاش بىر رايۇننىڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ھاۋاسىدىمۇ رۇشەن پەرقلەر بولغاننىڭ سىرتىدا يەنە،بىر يىل بىلەن يەنە بىر يىلنىڭ ھاۋاسىدىمۇ چوڭ پەرقلەر يۈز بېرىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا،دېڭىز بۇيى رايۇنلىرى قىشتا ئىللىق بۇلۇپ قار كەم ياغىدۇ. ئەكسىچە، ئىچكى رايۇنلىرىدا قىش ۋاقتى قار كۆپ يېغىپ قاتتىق سوغاق بۇلۇدۇ. بۇنۇڭغا مۇناسىپ ھالدا،ئىچكى رايۇنلارنىڭ يېزى كۆپۈنچە ئسسىق ۋە قۇرغاق بولۇدۇ. شەرقى نورۋېگىيەگە سېلىشتۇرغاندا غەربى نورۋېگىيەدە يامغۇر كۆپ ياغىدۇ. دېڭىز بويلىرىدا شامال كۆپ چىقىدۇ،بولۇپمۇ كۈزدە.

ئۇنىڭدىن باشقا، دۆلەتنىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبىدا كۈندۈزنىڭ پەرقى چوڭ بۇلىدۇ. قىش كۈنلىرى شىمالغا ماڭغانسېرى كۈن شۇنچە قىسقىراپ ماڭىدۇ. ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇغىنىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان شەھەر ھاممەرفەستنىڭ، قىش پەسلىدىكى قاراڭغۇلۇق مەزگىلى ئاساسەن ئىككى ئايچە داۋام قىلىدۇ. ئۇ چاغدا پەقەتلا كۈندۈز بولمايدۇ. ئەمما ياز ۋاقتىدا بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يېرىم كېچىدە قۇياش چاقناپ تۇرىدۇ.

Midnattssol

نورۋېگىيەنىڭ جەنۇبىدىمۇ ياز ۋە قىش پەسلىدە كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىغىدا چوڭ پەرق بۇلۇدۇ. لېكىن جەنۇپتا قاراڭغۇلۇق مەزگىلىمۇ، ياكى يېرىم كېچە قۇياشىمۇ بولمايدۇ.

مو ئى رانانىڭ سەل يۇقۇرىسىدىن ئۆتىدىغان شىمالى قۇتۇپ چەمبىرىگى،قاراڭغۇلۇق مەزگىل ۋە كېچىلىك قۇياش بولىدىغان جايلارنىڭ چېگراسىنى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

پاكىتلار

ھاۋا تېمپۇراتۇرىسى

نورۋېگىيەدە ئۆلچەنگەن ئەڭ ئىسسىق تېمپۇراتۇر پۇلۇس 35،6 گىرادۇس.(نېسبۈئەن،1970 – يىلى،20- ئىيۇل)

نورۋېگىيەدە ئۆلچەنگەن ئەڭ سوغاق تېمپۇراتۇر، مىنۇس 51،4 گىرادۇس.(كاراشوك، 1886- يىلى،1- يانۋار)

ئىللىق دېڭىز ئېقىمى

گەرچە نورۋېگىيە يىراق شىمالغا جايلاشقان بولسىمۇ، دۇنيادىكى شىمالى رايۇنلارغا جايلاشقان باشقا كۆپلىگەن جايلارغا سېلىشتۇرغاندا،نورۋېگىيەنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىللىقراق. بۇ،ئوترا ئامرىكىدىكى مېكسىكا قولتۇغىدىن كېلىدىغان ئىللىق دېڭىز ئېقىمىنىڭ نورۋېگىيە دېڭىز قىرغاقلىرىغا ئۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىدىن بولغان.