تارىخ،جۇغراپىيە ۋە تۇرمۇش ئادىتى

ئەنئەنىلەر ۋە بايراملار

خاتىرە كۈنلەر

يېڭى يىل بايرىمى
بىرىنچى ئاي يىلنىڭ باشلىنىش ئېيى. 1- يانۋار كۈنىنى بىز يېڭى يىل بايرىمى دەپ ئاتايمىز. بۇ كۈندە كۆپۈنچە دۇكانلار تاقىلىدۇ، ئىشلەيدىغانلارنىڭ نۇرغۇنى دەم ئالىدۇ ۋە بالىلار مەكتەپكە بارمايدۇ.

ئاياللار بايرىمى
8- مارت بولسا خەلقئارا ئاياللار بايرىمى كۈنىدۇر. 1970- يىللاردا تېخىمۇ كۆپ ئاياللار، ئەر- ئاياللار باراۋەرلىگى ۋە ئاياللار ھۇقۇقى ئۈچۈن بۇلۇنغان خىزمەتلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى،ۋە نورۋېگىيەدە 1972- يىلدىن تارتىپ خەلقئارا ئاياللار بايرىمى خاتىرلىنىدىغان بولدى. ئەمما، 8- مارت رەسمى دەم ئېلىش كۈنى ئەمەس.

پاسخا بايرىمى
مارت ياكى ئاپرىلدا پاسخا بايرىمى بۇلۇدۇ. بايرام ۋاقتى يىلدىن- يىلغا ئۆزگۈرۈپ بارىدۇ.

پاسخا بايرىمى بولسا بىر خىرىستىئان دىنى بايرىمىدۇر. ئەمما نۇرغۇن كىشلەر ئۈچۈن بۇ بايرامنىڭ دىن بىلەن ئالاقىسى يوق. پاسخا بايرىمى ئۇزۇن قىشتىن كېيىنكى بىرقانچە كۈن ئارتۇقراق دەم ئېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ.
پاسخا بايرىمى ھارپىسىدىكى پەيشەنبە،ئۇزۇن جۈمە ۋە پاسخا بايرىمىنىڭ 1-كۈنى بولسا دىنى بايرام كۈنلىرىدۇر.
پاسخا بايرىمىدا دۇكانلار بىرقانچە كۈن تاقىلىدۇ ۋە نۇرغۇنلار ئشلىمەي دەم ئالىدۇ. مەكتەپ بالىلىرى پاخا بايرىمى مەزگىلىدە تولۇق قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە كۆپلىگەن خىزمەتچىلەر بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىگە قوشۇپ تەتىل ئالىدۇ.

خىرىستىئان ئەرشكەچىقىش كۈنى ۋە ئەشكە كىرىش كۈنى
پاسخالدىن 40 كېيىن خىرىستىئان ئەرشكەچىقىش كۈنى،50 كۈندىن كېيىن ئەشكە كرىش كۈنى بۇلۇدۇ. ھەر ئىككىسى خىرىستىئان دىنى بايرىمىدۇر. خىرىستىئان ئەرشكەچىقىش كۈنى ۋە ئەرشكەكىرىش كۈنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى دەم ئېلىش كۈنى.

ئەمگەكچىلەر بايرىمى
1- ماي كۈنى بولسا خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىىدۇر
بۇ كۈنى نۇرغۇنلار پاراتقا(Tog) قاتنىشىدۇ ۋە قايسى خىل سىياسى مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىغىنى نامايەن قىلىدۇ.

دۆلەت بايرىمى
17.mai 17.mai 17.mai

17- ماي كۈنى نورۋېگىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىدۇر. بۇ كۈندە بىز، دۆلىتىمىزنىڭ 1814- يىلى 17- مايدا ئۆزىنىڭ ئاساسى قانۇنىغا ئېرىشكەنلىگىنى تەبرىكلەيمىز.

17- ماينى ئەمىلىيەتتە بالىلارنىڭ بايرىمى دىيىشكىمۇ بۇلىدۇ. بۇ كۈنى، ئاساسەن بارلىق يەسلى ۋە مەكتەپ بالىلىرى نورۋېگىيە بايرىغىنى لەپىلدىتىپ،ناخشا ئيتىشىپ پاراتتىن ئۆتىدۇ. كۆپۈنچىسى چىرايلىق ياسىنىدۇ. پارات سېپىنىڭ ئەڭ بېشىدا چىرايلىق فورما كىيىشكەن مۇزىكا ئۆمىگى ماڭىدۇ. نۇرغۇن بالىلار بۇ مۇزىكا ئۆمىگىدە مۇزىكا چالىدۇ.

17- ماي كۈنى،بالىللار مارۇجنى ۋە قېزىنى قانچە كۆپ يىسە رۇخسەت. نورۋېگىيەلىك بالىلار بۈكۈنگە بەك تەقەززا.
17- ماي بولسا ئاممىۋى دەم ئېلىش كۈنىدۇر.

روژدېستىۋا بايرىمى

12- ئايدا بىز روژدېستىۋا بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز. روژدېستىۋا بولسا، ئەيسانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەيدىغان خىرىستىئان دىنى بايرىمىدۇر. روژدېستىۋا بايرىمى ۋە روژدېستىۋا بايرىمى تەبرىكى بولسا، كۆپۈنچە كىشلەر ئۈچۈن مۇھىم بولغان بىر ئەنەنىدۇر. روژدېستىۋا بايرىمىنى بىر ئائىلە بايرىمى دىسەكمۇ بۇلۇدۇ.

روژدېستىۋا بايرىمى يىلنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ. نۇرغۇنلار ئۈچۈن تالا ئەڭ قاراڭغۇ ۋە قاتتىق سوغاق بۇلۇدىغان كۈنلەردىكى بۇ بايرام يورۇقلۇق ۋە ئسسىغلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. نورۋېگىيە خىرىستىئان دۆلىتى بۇلۇشتىن خېلە زامانلار ئىلگىرمۇ، يىلنىڭ مۇشۇ مەزگىلىدە كاتتا تەبرىكلەش پالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئەدەتتىكى ئەھۋال بولۇپ، بەلكىم بۇمۇ قاراڭغۇلۇققا نۇر بېرىش ئۈچۈن بولسا كېرەك.

24- دېكابىرنى روژدېستىۋا ھارپىسى دەيمىز. بۇ چاغدا ئائىلىدىكىلەر جەم بۇلۇپ ئەنەنىۋى روژدېستىۋا تامىغى يىيىش ئومۇملاشقان بىر ئادەت. نورۋېگىيەنىڭ ھەرقايسى رايۇنلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان ئەنەنىلىرى بار. كۆپۈنچىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسى بۇلۇپ،ئۇنى ساقلاپ قېلىشنى مۇھىم دەپ قارايدۇ. روژدېستىۋا ھارپىسىدا ئۆز- ئارا سوغا تەقدىم قىلىش ئومۇملاشقان.

روژدېستىۋادىن بۇرۇن نۇرغۇن كىشلەر تەبرىك كارتىسى ۋە ئېل- خەت يوللاش ئارقىلىق دوستلىرى ۋە تۇققانلىرىغا روژدېستىۋالىق تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلىدۇ. روژدېستىۋا بايرىمىدا مەكتەپ بالىلىرى تولۇق قۇيۇپ بېرىلىدۇ، كۆپلىگەن خىزمەتچىلەر دەم ئالىدۇ. روژدېستىۋا بايرىمى مەزگىلىدە،دۇكانلار بىرنەچچە كۈن تاقىلىدۇ.

يېڭى يىل ھارپىسى
Fyrverkeri

31- دېكابىر، نۇرغۇن كىشلەر ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلەن بىرگە يېڭى يىلنى تەبرىكلەيدۇ. نۇرغۇنلىرى ساليوت ئاتىدۇ. ھەر دائىم يېرىم كېچە بولۇپ ساليوتلار ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن ۋە بوشلۇقتا ئېتىلىپ چاقنىغاندا كېچە ئاسمىنىدا كارامەت مەنزىرە ھاسىل بۇلۇدۇ.
يېڭى يىل ھارپىسى دەم ئېلىش كۈنى ئەمەس.

كالىندارغا چۈشمىگەن بىر قىسىم ئەنئەنىلەر ۋە خاتىرە كۈنلەر

تۇغۇلغان كۈن
Bursdagsbarn som blåser ut lys på kaka

تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش ئومۇملاشقان،بولۇپمۇ بالىلار ئۈچۈن. بۇ چاغدا ئائىلىۋى تەبرىكلەش قىلغاندىن سىرت يەنە، بالىلار دائىم، يەسلى ياكى مەكتەپتىكى دوستلىرىنى تۇغۇلغان كۈن ئولتۇررۇشىغا تەكلىپ قىلىدۇ.

كۆپىنچىسى تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشىنى ئۆز ئۆيىدە ئۆتكۈزىدۇ، لېكىن باشقا جايلاردا،مەسىلەن، بىر پىسسا رېستۇرانىدا، بىر سۇ ئۈزۈش زالىدا ياكى بىر بالىلار پالىيەت ئورنىدا ئۆتكۈزىدىغانلارمۇ بار.
مېھمانلار تۇغۇلغان كۈنى بولغان بالىغا بىرەر تال كىچىك سوغات ئالغاچ كېلىدۇ.

توي
Brudepar

نورۋېگىيەدە،ھەر يىلى تەخمىنەن 23000 جۈپلەر توي قىلىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى چېركاۋدا توي قىلىدۇ، قالغانلىرى بولسا ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىدا توي قىلىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە، ئوخشاش جىنستىكىلەرنىڭ ئۆز- ئارا نىكاھلىنىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنىدۇ.

توي قىلغانلارنىڭ كۆپۈنچىسى، تويىنى ئۇرۇق-تۇققانلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزىدۇ. ئادەتتە، توينىڭ مېھمانلىرى،تويى بولغان جۈپلەرنى ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تونۇيدىغانلار تويى بولغان جۈپلەرگە سوغا بېرىدۇ.

يۇيۇندۇرۇش مۇراسىمى
نورۋېگىيەدە ھەر يىلى تەخمىنەن 60 000 بالا تۇغۇلىدۇ.
بۇنىڭدىن 50 – 60% قىسمى بوۋاق ۋاقتىدا چېركاۋدا يۇيۇندۇرۇلدى. قاچانكى بالا يۇيۇندۇرۇلغاندا چېركوۋغا ئەزا بولغان بولۇدۇ. بالىنىڭ يۇيۇندۇرلۇش يۇيۇندۇرماسلىغىنى ئاتا- ئانىسى قارار قىلىدۇ.

بالىلارنىڭ يۇيۇندۇرلۇش مۇراسىمى بولغاندا،دائىم دىگۈدەك ئۆيدە چوڭ تەبرىكلەش ئولتۇرۇشى ئۇيۇشتۇرلىدۇ،يۇيۇندۇرۇلغان بالا سوغىغا ئېرىشىدۇ.
چېركاۋدا يۇيۇندۇرۇلمىغان بالىلارنىڭ ئۆيىدىمۇ،دىنىي بولمىغان تەبرىكلەش پالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بەزىلەر مەخسۇس ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىنسانى ئىسىم قويۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا تامامەن خۇسۇسى بىر تەبرىكلەش ئۆتكۈزىدۇ.

چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى

بالىلار 14- 15 ياشقا تولغاندا، چوقۇندۇرلۇش ياكى چوقۇندۇرلماسلىقنى ئۆزلىرى قارار قىلىدۇ. ئەگەر ئۆسمۈرلەر چېركاۋدا چوقۇندۇرلسا بۇ ئۇلارنىڭ داۋاملىق چېركاۋنىڭ ئەزاسى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىغىنى ئىپادىلەيدۇ. چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى بولسا يۇيۇندۇرۇش مۇراسىمىنى كۈچكە ئىگە قىلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى.

ئاخىرقى 10 يىل ئىچىدە،دىندىن خالى بولغان ئىنسانىلىق چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى بارغانسىرى كەڭ ئومۇملىشىۋاتىدۇ. بۇ دىگەنلىك،ئۆسمۈرلەر ئۆتكۈزگەن دىندىن خالى بولغان تەبرىكلەش مۇراسىمىنى كۆرسۈتۈدۇ. چوقۇندۇرۇش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، ئۆسمۈرلەر ياكى چېركاۋدا،ياكى باشقا بىر ئېتىقات جەمىيىتىدە تەيارلىق كۇرسىغا قاتنىشىدۇ. چېركاۋنىڭ چۇقۇندۇرۇش مۇراسىمى ئۈچۈن ئېچىلغان كۇرستا ئۇلار، خىرىستىئان دىنى بىلىملىرىنى ئۈگىنىدۇ ھەمدە، روھى ۋە ئەخلاقى مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگىزىدۇ. ئىنسانپەرۋەرلىك چوقۇندۇرۇش مۇراسىمى كۇرسىدا بولسا، ئىنسانپەرۋەرلىك ھەققىدە تەلىم ئالىدۇ، شۇنىڭدەك، ھاياتلىق قارىشى، روھى ۋە ئەخلاقى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگىزىدۇ.

ھەرقاچان بىر ياش چۇقۇندۇرۇلغاندا، ئۆيىدە دائىم كاتتا ئلتۇرۇش بۇلۇدۇ، چوقۇندۇرۇلغۇچى سوغاتقا ئېرىشىدۇ. تەخمىنەن 60% ياش چېركاۋدا چۇقۇندۇرلۇدۇ،تەخمىنەن %20 تى ئىنسانپەرۋەرلىك چوقۇندۇرۇش مۇراسىمىنى تاللايدۇ. تەخمىنەن %20 ياش چوقۇندۇرۇرۇلمايدۇ.

دەپنە ئىشلىرى
Kiste

نورۋېگىيەدە ھەر يىلى تەخمىنەن 40 000 ئادەم ئۆلىدۇ. بۇنىڭ %90 تىن كۆپىرەگى چېركاۋنىڭ رىياسەتچىلىگىدە دەپنە قىلىنىدۇ. بۇ دىگەنلىك، دەپنە مۇراسىمىغا بىر پوپ رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

ئاساسلىغى ئىككى خىل دەپنە ئۇسۇلى بار:
جەسەت ساندۇغى دەپنىسى ۋە جەسەت كۈلى دەپنىسى. جەسەت ساندۇغى دەپنىسىدە ئۆلگۈچىنىڭ جەسەت ساندۇغى تۇپراققا كۆمۈلىدۇ، جەسەت كۈلى دەپنىسىدە بولسا،ئۆلگۈچى كۆيدۈرلۈپ، جەسەت كۈلى قۇتىسى يەرگە كۆمۈلىدۇ. نورۋېگىيەدە،جەسەت كۆيدۈرۈش بارغانچە ئومۇملىشىۋاتىدۇ. ئۆلگەنلەرنىڭ تەخمىنەن %40 تى كۆيدۈرۈلىدۇ.

پاكىتلار

1- يانۋار: يېڭى يىل بايرىمى

8- مارت: خەلقئارا ئاياللار بايرىمى

مارت|ئاپرىلدا: پاسخال بايرىمى

پاسخال بايرىمىدىن 40 كۈن كېيىن: ئەيسانىڭ ئەرشكە چىققان كۈنى

پاسخال بايرىمىدىن 50 كۈن كېيىن: پىنسە(دىنى بايرام)

1- ماي: خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى

17- ماي: نورۋېگىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى

24- دېكابىر: روجدېستىۋا ھارپىسى

31- دېكابىر: يېڭى يىل ھارپىسى