تارىخ،جۇغراپىيە ۋە تۇرمۇش ئادىتى

نورۋېگىيەدىكى دىن ۋە ئەقىدىلەر

Religiøse symboler

نورۋېگىيەدە تۇلۇق دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىگى يولغا قويۇلغان. بۇ دىگەنلىك بىر ئادەم ئۆز دىنىى ئېتىقادى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراش ياكى جازالىنىشتىن ئەندىشىلەنمەستىن تۇرۇپ ئۆزى ئىشەنگەن دىنغا ئېتىقات قىلالايدۇ دىگەندىن ئىبارەت. شۇنىڭدەك بۇ يەنە،ھەر بىر شەخس قايسى دىنغا ئشىنىشنى ئۆزى ئەركىن قارار قىلالايدۇ دىگەننى بۈلدۇرىدۇ. يەنە شۇمۇ ئوخشاشلا مۇھىمكى،ھەر بىر شەخس دىنغا ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىگىگە ھەم ئىگە.

نورۋېگىيەدىكى ئەڭ چوڭ دىنى جەمىيەت بولسا نورۋېگىيە چېركاۋى بولۇپ بۇ بىر خەلق چېركاۋىدۇر. بۇ دىگەنلىك پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ،بوۋاقلار يۇيۇندۇرۇلۇش مۇراسىمىغا ۋە ئەزالىقتىن چىقىپ كەتمىگەنلەرگە ئاساسلانغان. ئاھالىنىڭ تەخمىنەن %75 تى بۇنىڭغا ئەزا. ئەمما،ئەزالار سانى پۇرسەنتىنىڭ يۇقۇرى بۇلۇشى قانداقتۇر، دىننىڭ ھەممىلا ئادەمنىڭ ھاياتىدا بەك مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىغىدىن دەرەك بېرىشى ناتايىن. مەسىلەن،سىتاستىكىدىن مەلۇم بۇلۇشىچە،پەقەتلا %12 نورۋېگىيىلىك چېركاۋغا ئايدا بىر قېتىمدىن كۆپرەك بارىدىكەن. %37 ئادەم ھىچقاچان چېركاۋغا بېرىپ باقمىغانلىغىنى ئېيتقان. لېكىن،چېركاۋ، يۇيۇندۇرۇش، چوقۇندۇرۇش، توي ۋە دەپنە مۇراسسىمى شۇنىڭدەك روجدىستىۋا بايرىمى ئىشلىرىدا ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىگى ئۈچۈن داۋاملىق مۇھىم.

ھەرقايسى ئوخشىمىغان دىنى جەمىيەتلەرگە ئۈچۈن دۆلەتتىن پۇل بېرلىدۇ.

دىن ۋە ئەقىدە جەمىيەتلىرىگە دۆلەتتىن ۋە كومۇنالاردىن ئىختىسادى ياردەم بېرىلىدۇ. تەستىقلانغان دىن ۋە ئېتىقات جەمىيەتلىرى ئۆلىرىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىغا دۆلەتلىك چېركاۋنىڭ بىلەن ئوخشاش مىقتاردا ياردەم ئالالايدۇ.

نورۋېگىيە،كۆپ مەدەنىيەتلىك ۋە دىندىن خالى بىر دۆلەتتۇر

Moské Ei kyrkje Shiva

خىرىستىئان دىنى،نورۋېگىيە بۇندىن تەخمىنەن 1000 يىل ئاۋۋال كىرگەن ۋە 1500- يىللاردىكى دىنى ئىسلاھاتتىن باشلاپ،لۇتېرچە خىرىستىئان دىنى(پروتېستانىزىم) نورۋېگىيەدىكى ئاساسى دىن بۇلۇپ كەلگەن.

بۇرۇن نورۋېگىيەلىكلەرنىڭ چېركاۋ ئەزالىغىدىن چېكىنىپ چىقىشى مەنئى قىلىنغان بۇلۇپ، خىرىستىئان بولمىغان دىنى جەمىيەتلەرنىڭ نورۋېگىيەدە قۇرلىشىغا تېخى بۇندىن تەخمىنەن 100 يىلچە ئىلگىرىلا، ئاندىن يول قۇيۇلىدىغان بولغان.

بۈگۈنكى كۈندە جەمىيەت بارغانسىرى دىندىن خالىلىشىۋاتىدۇ. بۇ، دىننىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنىڭ مەيلى شەخلەر ئۈچۈن بولسۇن، ياكى دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىنى تۈزۈشتە بولسۇن، بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ ئاجىزلىغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ.

نورۋېگىيەدىكى ئوخشىمىغان دىن ۋە ئېتىقات گۇرۇپپىلىرى

نورۋېگىيەدىكى ئاھالىنىڭ تەخمىنەن %25 تى دۆلەتلىك چېركاۋغا ئەزا ئەمەس. بۇنىڭ تەخمىنەن يېرىمى باشقا دىن ۋە ئېتىقات جەمىيەتلەرگە ئەزا،قالغان يېرىمى بولسا، ھىچقايسىسىغا ئەزا ئەمەس.

نورۋېگىيە دۆلەتلىك چېركاۋنىڭ سىرتىدىكى باشقا دىن ۋە ئەقىدە جەمىيەتلەرگە ئەزا بولغانلارنىڭ بۆلۈنۈشى مۇنداق:

Medlemmer i tros- og livssynssamfunn utenfor Den norske kirke

پاكىتلار

خەلق چېركاۋى

  • نورۋېگىيە چېركاۋى بولسا بىر خەلق چېركاۋىدۇر. ئۇ نورۋېگىيەدىكى ئەڭ چوڭ دىنى جەمىيەت بولۇپ،خىرىستىئان دىنىنىڭ لوتېرچە- پروتېستانچىلار مەزھىبىگە ئېتىقات قىلىدۇ.
  • ئىلگىرى، نورۋېگىيە چېركاۋى،نورۋېگىيەنىڭ دۆلەتلىك چېركاۋى ئىدى. 2012- يىلى،21- مايدىن تارتىپ، نورۋېگىيەدە دۆلەت دىنى بۇلۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.