تارىخ،جۇغراپىيە ۋە تۇرمۇش ئادىتى

نورۋېگىيەنىڭ نۇپۇسى ۋە ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالى

  • نورۋېگىيەدە بەش مىليۇندىن كۆپرەك ئادەم ياشايدۇ.
  • ئاھالىنىڭ تەخمىنەن %75 تى دېڭىز ياقىسىنى بويلاپ
  • ئولتۇراقلاشقان. نورۋېگىيە ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن %50 تى شەرقى نورۋېگىيەگە ئولتۇراقلاشقان.
  • ئاھالىنىڭ تەخمىنەن %17 نى كۆچمەنلەر(كۆچمەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ نورۋېگىيەدە تۇغۇلغان بالىلىرى). ئوسلۇ بىلەن دراممەن، نورۋېگىيەدىكى كۆچمەن نۇپۇسنىڭ ئىگەللىگەن پىرسەنتى ئەڭ يۇقىرى بولغان شەھەرلەردۇر.
  • نورۋېگىيەنىڭ نۇپۇسى ھەققىدىكى تەپسىلى مەلۇماتنى تۆۋەندىكى ئۇلۇنۇشتىن كۆرسىڭىز بولۇدۇ:
    www.ssb.no

پاكىتلار

سامىلار

نورۋېگىيەدە ” سامى ” دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرلىك مىللەت بار بۇلۇپ،ئۇلار ئەڭ شىمالدا ياشايدىغان خەلقتۇر. نورۋېگىيەدە،تەخمىنەن،40 000 دىن 50 000غا قەدەر سامىلار ياشايدۇ. يەنە، شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە ۋە روسسىيەدە ياشايدىغان تەخمىنەن 50 000سامى بار. سامىلارنىڭ ئۆز تىلى،يەنى،سامى تىلى بار. بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان،بىرقانچە سامى تىللىرى تېپىلىدۇ.
1989- يىلدىن باشلاپ،سامىلار ئۆزىنىڭ يەرلىك سامى پارلامېنتىغا ئىگە بولدى. سامى پارلامېنتىدا ئاساسلىغى،سامى مىللىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئەمما، نورۋېگىيە قانۇنى،نورۋېگىيەدىكى باشقا بارلىق پۇقرالارغا ئىشلىگىنىگە ئوخشاش،سامى خەلقىگىمۇ ئوخشاش ئىشلەيدۇ.