دىمگۇراتىيە ۋە پاراۋانلىق جەمىيىتى

پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت

پارلامېنت

Stortingsbygningen - © Stortingsarkivet/ foto: Teigens fotoatelier as.
نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ ئىسمى ستۇرتىڭەت. پارلامېنتتا،خەلق تەرىپىدىن ھەر تۆت يىلدا بىر سايلىنىدىغان 169 ۋەكىل بار. ئۇلار ھەرقايسى ئوخشىمىغان پارتىيەلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. پارلامېنت نورۋېگىيەدىكى ئەڭ ئالى ھوقۇق ئورگىنى.

پارلامېنتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

  • يېڭى قانۇنلارنى تەستىقلاش ۋە كونا قانۇنلارنى ئۆزگەرتىش
  • دۆلەت خام چوتىنى تەستىقلاش
  • ھۆكۇمەت ۋە مەمۇرى ئاپراتلارنى نازارەت قىلىدۇ
  • سىياسى مەسىلىلەرنى ۋە چوڭ پىلانلارنى مۇزەكىرە قىلىدۇ

Stortingssalen - © Stortingsarkivet/ foto: Teigens fotoatelier as.

پارلامېنتىكى سىياسى مۇزاكىرىلەر ئامما ئۈچۈن ئوچۇق. ئارزۇ قىلغان ھەرقانداق ئادەم، سىياسى مۇزاكىرىلەر بولغاندا بىللە تۇرۇپ ئاڭلىسا بۇلۇدۇ. لېكىن ئاممىنىڭ پارلامېنتتا مۇزەكىرى قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە گەپ قىلىش ياكى تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى يوق. ئەمما،كىشلەر،ئېلخەت(e-post)،ياكى ئادەتتىكى خەت ئارقىلىق پارلامېنت ئەزالىرىغا سۇئال قويسا بۇلۇدۇ. بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئېلخەت ئادرىسىنى بۇ تور بەتتىن تاپالايسىز: stortinget.no.

ھۆكۈمەت

بىر قېتىملىق پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن،بىر ياكى بىرقانچە پارتىيەلەر بىرلىشىپ بىر ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىدۇ. ھۆكۈمەت،مىنستىرلار(ھەرقايسى مىنستىرلىكلەرنىڭ باشلىغى) ۋە دۆلەت مىنىستىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ.

ھۆكۈمەت،پارلامېنتتا ئېلىنغان قارارنى ئەمىلى ئىجرا قىلىنىشىغا مەسئۇل. ھۆكۈمەت يەنە،ھەر يىلى دۆلەت خام چوتى لاھيەسى تۈزىدۇ. ھۆكۈمەت،ھەر جۈمە كۈنى پادىشا بىلەن كۆرۈشىدۇ. بۇ چاغدا،مىنىستىرلار ھەر خىل سىياسى مەسىلىلەر ھەققىدە پادىشاغا مەلۇمات بېرىدۇ. بۇ كۆرۈشۈش،ئىچكى كابېنت يىغىنى دىيلىدۇ. پادىشانىڭ سىياسى ھوقۇقى بەك كىچىك،شۇنداقتىمۇ بۇ ئۇچرىشىشلار مۇھىم.

قاچانكى،بىرقانچە پارتىيەلەر ھەمكارلىشىپ بىر ھۈكۈمەت قۇرسا، بۇ بىرلەشمە ھۈكۈمەت دىيلىدۇ. ئەگەر ھۈكۈمەتتىكى بىر پارتىيە ياكى بىرقانچە پارتىيە قوشۇلۇپ پارلامېنتتا كۆپ سانلىقنى ئىگەللىسە،بىز بۇنى كۆپ سانلىقلار ھۆكۈمىتى دەيمىز. ئەكسچە،ھۆكۈمەت قۇرغان بىر پارتىيە ياكى بىرقانچە پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى قوشۇلۇپ، پارلامېنتتىكى ۋەكىللەرنىڭ يېرىمىدىن ئاز بولسا بۇنى بىز ئاز سانلىقلار ھۆكۈمىتى دەيمىز.
نورۋېگىيەدە ئاخىرقى مەزگىللەردە قۇرۇلغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەممىسى بىرلەشمە ھۈكۈمەتتۇر.

ھوقۇق تەقسىملەش پىرىنسىپى:

پاكىتلار

ھوقۇق تەقسىملەش پىرىنسىپى

ھوقۇق تەقسىملەش پىرىنسىپى،ھۇقۇقنى،ئۈچ مۇستەقىل ھاكىميەت ئورگىنىغا تەقسىملەيدۇ،ئۇلار:

  • بىر قانۇن تۈگۈچى ئورگان،يەنى پالامېنت. – پالامېنت قانۇن ماقۇللايدۇ.
  • بىر ئىجرا قىلغۇچى ئورگان،يەنى ھۆكۈمەت. – ھۆكۈمەت قانۇن لاھيەسى سۇنىدۇ،قانۇنلارنىڭ يولغا قۇيۇلىشى ۋە ئىخقرا قىلىنىشىغا مەسئۇل بۇلۇدۇ.
  • بىر ئەدلىيە ئورگىنى،يەنى،سوت مەھكىمىلىرى. – سوت مەھكىمىلىرى كونكىرېت مەسىلىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ.