نورۋېگىيە پادىشالىغى

نورۋېگىيە بىر پادىشالىق دۆلەت. بىر پادىشالىق دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىغى پادىشا ياكى خانىش بۇلۇدۇ. نورۋېگىيەدە، پادىشانىڭ سىياسى ھوقۇقى كىچىك،ئەمما،ئۇنىڭ ھۆكۈمەت ئۈچۈن ھەپتىدە بىر قېتىم ئىچكى كابېنت يىغىنى ئېچىشتىن ئىبارەت بىر رەسمى ۋەزىپىسى بار.
پادىشاھ(ئەر پادىشا|ئايال پادىشا)،خەلق تەرىپىدىن سىياسى سايلام ئارقىلىق سايلانمايدۇ. پادىشاھلىق ھوقۇق ئاتا- ئانىدىن بالىغا مىراس قالىدۇ.
نورۋېگىيەنىڭ پادىشاسىنىڭ ئىسمى ھارالد 5 (Harald 5). ئۇ خانىش سونيا بىلەن توي قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى بار – مەلىكە مارتا لۇئىس(1971- يىلى تۇغۇلغان) ۋە تەخت ۋارىسى شاھزادە ھوكۇن ماگنۇس(1973- يىلى تۇغۇلغان). تەخت ۋارىسى شاھزادە ھوكۇن ماگنۇس دادىسىدىن كېيىن پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلۇدۇ. ئۇنىڭ قىزى مەلىكە ئىڭرىد ئالېكساندرا(2004- يىلى تۇغۇلغان) ئۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ بۇلۇدۇ.