دىمگۇراتىيە ۋە پاراۋانلىق جەمىيىتى

نورۋېگىيەنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا قاتنىشىشى

نورۋېگىيە،نورۋېگىيەنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىرقانچە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئەزا. مەسىلەن،ب.د.ت(FN)، ن.ئا.ت.ئۇ(NATO) ۋە ئې.ئۆ.س(EØS).

ب.د.ت(بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى)

FN-flagget

ب.د.ت بولسا،1945- يىلى 24- ئۆكتەبىردە قۇرۇلغان بىر خەلقئارالىق تەشكىلات. ب.د.ت، خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ،ھەمدە ئۇ،دۇنيادىكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان بىر سەھنە. ھازىر ب.د.ت نىڭ 193 ئەزاسى بار.

ب.د.ت يەنە،خەلقئارا قانۇن،ئىختىسادى تەرەققىيات ۋە كىشلىك ھۇقۇق ساھەلىرى بۇيىچىمۇ خىزمەت قىلىدۇ. تىنچلىق بەرپا قىلغۇچى تەشكىلات بۇلۇش، ب.د.ت نىڭ مۇھىم بىر رولىدۇر.
ب.د.ت نىڭ مالىيەسى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىختىسادى ياردەملىرى ئارقىلىق قامدىلىدۇ.

شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى(NATO)

NATO-landene (Kilde: Wikimedia Commons)شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى(NATO)، بولسا، ياۋرۇپا ۋە شىمالى ئامرىكىدىكى 28 ئەزا دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان بىر مۇداپىئە ئىتپاقىدۇر. ن.ئا.ت.ئۇ 1949- يىلى قۇرۇلغان. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ، ئۆزئارا بىر- بىرىگە قارىتا، ناۋادا بىر ياكى بىرقانچە ئەزا دۆلەت باشقا بىر ياكى بىرقانچە دۆلەت تەرىپىدىن تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىسا،بىرلىشىپ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە بىر- بىرىنى قوغداش مەجبۇريىتى بار.

ياۋرۇپا ئىختىسادى ھەمكارلىق رايۇنى(EØS)

نورۋېگىيە ياۋرۇپا ئىتپاقىنىڭ ئەزاسى ئەمەس،لېكىن بىز يەنىلا ياۋروپادىكى ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى ھىساپلىنىمىز. بۇ ھەمكارلىق كېلىشىمى، ياۋرۇپا ئىختىسادى ھەمكارلىق رايۇنى (EØS)دىيلىدۇ.
EØS كېلىشىمى، EØS دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى سودا ۋە باشقا ئىختىسادى مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەيدۇ. مەسىلەن بىز،تاۋار،مۇلازىمەت ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەركىن ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردا ياۋرۇپا ئىتپاقىنىڭ بۇ ساھەدىكى بەلگىلىمىلىرىگە بوي سۇنىمىز.

نورۋېگىيەدە، ياۋرۇپا ئىتپاقى (EU)غا ئەزا بۇلۇش- بولماسلىق ھەققىدە ئىككى قېتىم(1972 ۋە 1994) ئومۇم خەلق ئاۋازغا قويۇش پالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ھەر ئىككى قېتىمدا،ئاھالىنىڭ كۆپ سانلىغى نورۋېگىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتپاقىغا كىرىشىگە قارشى ئاۋاز بەردى.

EU- og EØS-området (Kilde: Wikicommons)كۆك رەڭدە بۇيالغىنى ياۋرۇپا ئىتپاقى(EU)غا ئەزا دۆلەتلەر.
نورۋېگىيە،ئىسلاندىيە ۋە لىچتېنشتېين(يېشىل رەڭدە بۇيالغان) ۋە EU دۆلەتلىرى قوشۇلۇپ، ياۋرۇپا ئىختىسادى ھەمكارلىق رايۇنى (EØS) كېلىشىمى ئىچىگە كىرىدۇ.

شېنگېن كېلىشىمى

شېنگېن كېلىشىمى بولسا،كىلىشىم قىلغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى چېگرا تەكشۈرۈشىنىڭ ئورنىغا تاشقى چېگرا تەكشۈرۈشنى دەسسىتىش ھەققىدىكى بىر كېلىشىمدۇر. بۇنداق بولغاندا،شېنگېن دۆلەتلىرى بىر چوك رايۇن دەپ قارىلىپ،بۇنىڭ ئىچىگە كىرىش ئۈچۈن پاسپوتنى كۆرسۈتۈش ياكى قانۇنلۇق ۋىزا بۇلۇش كېرەك. ئادەم قاچانكى، شېنگېن رايۇنىنىڭ ئىچىگە كىرىپ بولغاندىن كېيىن،ئۇ ھالدا باشقا شېنگېن دۆلەتلىرىگىمۇ پاسپورت تەكشۈرۈشىسىز بىمالال بارالايدۇ.(ئەمما ئالاھىدە ئەھۋاللاردا بۇنىڭدا ئۆزگىرىز بولۇدۇ،شۇڭا نورۋېگىيە ساقچى دائىرلىرى كىشلەرنىڭ چەتئەلگە سەپەر قىلغاندا پاسپورتنىنى ئېلىۋىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ).
بۇ كېلىشىمگە 1985- يىلى لۇكسېمبۇرگدىكى شېنگېندە ئىمزا قۇيۇلغان. ھازىر بۇ كېلىشىم ياۋرۇپادىكى 27 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالۇدۇ.

شېنگېن كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر: Schengen-området (Kilde: Wikicommons)