دىمگۇراتىيە ۋە پاراۋانلىق جەمىيىتى

پاراۋانلىق جەمىيەت

بىر پاراۋانلىق جەمىيەتتە،خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتى،
مائارىپ ۋە سالامەتلىك قاتارلىق مۇھىم ساھەلەر كوللىكتىپنىڭ ئورتاق ھەسسىسى بىلەن كاپالەتلەندۈرلىدۇ. كوللىكتىپ پاراۋانلىق ھەممىگە ئائىت بۇلۇپ،
ئۇنۋىرېسسالدۇر. بىر پاراۋانلىق جەمىيەتتە بايلىقنى ھۆكۈمەت تەقسىملەيدۇ، شۇنداق بولغاندا بارچە پۇقرا تۇرالغۇ،يىمەكلىك،داۋالىنىش ۋە ئوقۇش قاتارلىق ئاساسلىق بەھرىمەنلىكلەرگە ئىگە بۇلالايدۇ.

نورۋېگىيە پاراۋانلىق جەمىيىتى، بىر پاراۋانلىق دۆلىتى دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى،ھۆكۈمەتنىڭ يەنى،ھەم مەركىزى ھۈكۈمەت ۋە كومۇنالارنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرىدا ئاساسلىق مەسئۇليىتى بار.

پاراۋانلىغى جەمىيىتى ئاساسلىغى پۇقرالار تۆلىگەن باج- سېلىقلار ئارقىلىق تەمىنلىنىدۇ. دۆلەت بۇنىڭدىن سىرت، ئىكسپورت كىرىمى،مەسىلەن، نېفت ۋە گاز كىرىمىنىمۇ پاراۋانلىق ئىشلىرىنى تەمىنلەشكە ئىشلىتىدۇ.

گەرچە پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئاساسلىغى ھۆكۈمەت مەسئۇل بولسىمۇ،خالىسانە تەشكىلاتلار ۋە شەخسىلەرنىڭمۇ مۇھىم ۋە چوڭ ھەسسىلىرى بار.

پاكىتلار

بىر پاراۋانلىق جەمىيىتى

  • بىر پاراۋانلىق جەمىيىتى بولسا،پاراۋانلىقلار يۇقۇرى ۋە ئىنتايىن تەكشى تەقسىملەنگەن بىر جەمىيەتتۇر.
  • پاراۋانلىق پۇل بىلەن بۇلۇدۇ. نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ھەممە ئادەم،باج ۋە سېلىقلارنى تۆلەش ئارقىلىق پاراۋانلىققا ھەسسە قوشۇدۇ.