دىمگۇراتىيە ۋە پاراۋانلىق جەمىيىتى

پاراۋانلىق دۆلىتىنىڭ ئاساسى ۋەزىپىلىرى

نورۋېگىيە پاراۋانلىق جەمىيەتى ،ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى مەسئۇليەتچانلىغى بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ. پاراۋانلىق بەھرىمەنلىكلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى،دۆلەت،ناھيە ۋە كومۇنا ھۆكۈمەتلىرى تەمىنلەيدۇ،شۇنداقلا ئۇلار، ئاھالىلارنىڭ، پاراۋانلىق سېستىمىسىنىڭ قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ. مەقسەت بولسا،بارلىق پۇقرالارنىڭ،باراۋەر مۇئامىلىگە ئېرىشىشى ۋە پاراۋانلىق بەھرىمەنلىكلىرىنىڭ ئادىل تەقسىملىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر.

كۆپلىگەن جەمىيەتلەردە،ئائىلە ئەزالىرىغا ياردەم بېرىش مەسئۇليىتىنى شۇ ئائىلە ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇلۇدۇ. نورۋېگىيەدىمۇ،ئادەتتە، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرى ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا ئۇلارغا ياردەم قىلىش نورمال ئەھۋال،ئەمما ھازىرقى كۈندە، كۆپۈنچە مەسئۇليەتنى ھۆكۈمەت ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

بىر پاراۋانلىق دۆلىتى، پۇقرالارنى كۆپلىگەن ئىجتىمائى بەھرىمەنلىكلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. لېكىن،شۇ نەرسە ئېنىق بۇلۇش كېرەككى، پاراۋانلىق دۆلىتىدىكى پۇقرالارنىڭمۇ مەسئۇليىتى بار. پاراۋانلىق دۆلىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىشىدىكى مۇھىم بىر ئالدىنىقى شەرت بولسا،ئىشەنچتۇر. بىرسىگە ئىشەنچ قىلىشنىڭ مەنىسى،قارشى تەرەپكە ئىشىنىش دىگەنلىكتۇر. بىز،قاچانكى ياردەمگە مۇھتاج بولغىنىمىزدا،پاراۋانلىق دۆلىتىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدىغانلىغىغا ئىشىنىدىغان بۇلۇشىمىز كېرەك. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە،دۆلەت ۋە كومۇنالارمۇ،ئۆز پۇقرالىرنىڭ توغرا مەلۇمات بېرىدىغانلىغىغا، پاراۋانلىقتىن قالايمىقان پايدىلىنىپ كەتمەيدىغانلىغىغا ئىشىنەلىەيدىغان بۇلۇشى كېرەك.

پاكىتلار

پاراۋانلىق دۆلىتىنىڭ مەقسىدى:

بارچە كىشلەرنى خاتىرجەملىككە ئىگە قىلىش، پاراۋانلىق بەھرىمەنلىكلىرىنى ئادىل تەقسىملەش.

پاراۋانلىق جەمىيىتى ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ!

پاراۋانلىق دۆلىتىنىڭ ئاساسى ۋەزىپىلىرى بولسا:

  • پۇقرالارنىڭ ساغلاملىغى
  • پۇقرالارنىڭ تەلىم- تەربىيىسى
  • بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش
  • ياشانغانلارغا ۋە باشقا ھاجىتى چۈشكەنلەرگە غەمخورلۇق قىلىش
  • ھەر بىر پۇقرانى ئىختىسادى كاپالەتكە ئىگە قىلىش