دىمگۇراتىيە ۋە پاراۋانلىق جەمىيىتى

پاراۋانلىق بەھرىمەنلىكلىرى

En eldre dame får medisinsk hjelp Personer i rullestol Eldre par Elever på biblioteket Barnehage Nyfødt barn på vekt
بۇ سۈرەتلەر،نورۋېگىيە جەمىيىتىدىكى بىرقىسىم پاراۋانلىق بەھرىمەنلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

نورۋېگىيەدىكى پاراۋانلىق بەھرىمەنلىكلىرى ئۇنۋىرىسسالدۇر. بۇنىڭ مەنىسى، ئۇنىڭدىن ھەممە ئادەمنىڭ بەھرىمەن بۇلۇش ھەققى بار.

گەرچە ھەممە كىشىنىڭ پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بۇلۇش ھەققى بولسىمۇ، بۇ قانداقتۇر،ھەممە ئادەم بارلىق پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك دىگەن مەنانى بەرمەيدۇ.

مۇتلەق كۆپچىلىگىمىز بەزى پاراۋانلىقتىن ئۇزۇن مۇددەت بەھرىمەن بۇلۇمىز. بەزى پاراۋانلىق بەھرىمەنلىكلىرى مەسىلەن،ئوقۇش ۋە پېنسىيە پۇلىدىن ھەممە ئادەم بەھرىمەن بولۇدۇ ۋە بۇنى پاراۋانلىق دۆلىتى تەمىنلەيدۇ. يەنە مەسىلەن،نورۋېگىيەدىكى ھەممە بالىلار ۋە ئۆسمۇرلەرنىڭ 10 يىل، تولۇقسىز ئوترا سەۋىيىسىدە مەكتەپتە ئوقۇش ھەققى ھەم مەجبۇريىتى بار،شۇنىڭدەك مۇتلەق كۆپچىلىگى تولۇق ئوترىدا ئوقۇيدۇ. يەنە نۇرغۇنلىرىمىز بەختىمىزگە يارىشا پېنشۇنىست بولغىچە ياشايمىز.

بەزى پاراۋانلىقلاردىن بەلكىم ھاياتىمىز بۇيى پەقەت بىر- ئىككى قېتىملا پايدىلىنىشىمىز مۈمكىن. نورۋېگىيەدە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەقسىز،لېكىن بىز دوختۇرغا كۆرەنگەندە ئۆز ئۈلۈش پۇلى(egenandel) تۆلەيمىز.

بەزى پاراۋانلىق بەھرىمەنلىكلىرى،ھاياتىمىزنىڭ قىيىن مەزگىللىرىدە بىزگە ياردەم بېرىشنى مەقسىدىدە يولغا قۇيۇلغان،مەسىلەن،ئىشسىز قالغاندا، كېسەل سەۋەبىدىن ئىشقا بارالمىغاندا. بۇنداق ئەھۋاللاردا بىزگە بىرىلگەن بۇ ياردەم،تۇرمۇشىمىزغا ئاسانچىلىق تۇغدۇرۇش مەقسىدىدە ۋاقىتلىق بىرىلگەن بۇلۇدۇ.

پاكىتلار

پاراۋانلىق دۆلىتى پۇقرالارغا يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقان ئەشۇ ھەرتۈرلۈك مۇلازىمەتلەرنى بىز- پاراۋانلىق بەھرىمەنلىكلىرى دەپ ئاتايمىز.

  • بەزى بىر پاراۋانلىق بەھرىمەنلىكلىرىدىن بىز ئۇزۇن مۇددەت پايدىلىنىمىز.
  • بەزى پاراۋانلىق بەھرىمەنلىكلىرىدىن پەقەت ئاندا- ساندا پايدىلىنىمىز.
  • يەنە بەزى پاراۋانلىق بەھرىمەنلىكلىرىدىن بەلكىم،ھىچقاچان پايدىلانماسلىغىمىز مۇنكىن.