دىمگۇراتىيە ۋە پاراۋانلىق جەمىيىتى

ئىختىسات

ئىشلەۋاتقان كىشلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن باج كەچۈرۈم قىلىش مىقدارىدىن كۆپ كىرىم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى باج تۆلەيدۇ. باجنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شۇ كىشى ئۆزى تۇرىۋاتقان كومۇناغا بارىدۇ ،بىر قىسمى ناھيەلىك ھۆكۈمەت ۋە دۆلەتكە بارىدۇ. ياشانغانلار پېنسىيىسى ئالىدىغانلار ۋە ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى ۋە باشقا ئىجتىمائى كاپالەت پۇلى ئالىدىغانلارمۇ باج تۆلەيدۇ. شىركەتلەرمۇ دۆلەتكە باج تاپشۇرىدۇ.

بىز يەنە،سېتىۋالغان توۋار ۋە مۇلازىمەتلىرىمىز ئۈچۈنمۇ دۆلەتكە بىر تۈرلۈك خىراجەت تاپشۇرىمىز. بۇ خىراجەت، قۇشۇمچە قىممەت بېجى (mva ياكى moms) دىيلىدۇ. قۇشۇمچە قىممەت بېجىنىڭ نورمال مىقتارى %25،ئەمما يىمەك- ئىچمەك ماللىرى ئۈچۈن %14 .
بۇ دىگەنلىك،سىز بىر نەرسە سېتىۋالغاندا تۆلىگەن پۇلنىڭ بىر قىسمى، باج ھېساۋىدا دۆلەتكە كېتىدۇ. قۇشۇمچە قىممەت بېجى دۆلەتنىڭ مۇھىم بىر كىرىم مەنبەسى. دۆلەتنىڭ ئومۇمى باج كىرىمىنىڭ %20 دىن كۆپرەگى قۇشۇمچە قىممەت بېجى(moms ) دىن كېلىدۇ.

نورۋېگىيە پاراۋانلىق جەمىيىتىنىڭ نورمال ئايلىنىشىنىڭ بىر ئالدىنقى شەرتى،مۈمكىنقەدەر،ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىگىنىڭ ئىشلەپ ۋە باج تۈلەش ئارقىلىق پاراۋانلىق سېستىمىسىغا ھەسسە قۇشۇشىدۇر. دۆلەتنىڭ كىرىمى چۇقۇم چىقىمىدىن كۆپ بۇلۇشى كېرەك.

نورۋېگىيە جەمىيىتىدىكى بىر قىسىم پاراۋانلىق ياردەملىرىگە دۆلەت مەسئۇل بۇلۇدۇ،مەسىلەن،دوختۇرخانىلارنى ئىش يۈرۈتۈش. لېكىن،پاراۋانلىقنىڭ كۆپرەك قىسمىغا كومۇنالار مەسئۇل.

Statens inntekter 974 milliarder

Kommunenes inntekter: 343 milliarder kroner

پاكىتلار

باج ۋە سېلىقلار

باج تۆلەيدىغان بارلىق كىشلەردىن باجغا تۆلەشكە تېگىشلىك بولغان مەلۇم مىقتاردىكى پۇل ئاپتوماتىك يۇسۇندا تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ئۇ ھالدا، كىشلەر تۆلەيدىغان باج سەل ئازىيىدۇ. ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدە تۆلەيدىغان پۇلنىڭ قانچىلىك مىقداردا ئىكەنلىگىنى تەپسىلى بىلمەكچى بولسىڭىز باج ئىدارىسىنىڭ توربېتىەە قاراڭ. www.skatteetaten.no/no/Tabeller-og-satser/Minstefradrag

  • نورۋېگىيە پاراۋانلىق جەمىيىتىنىڭ ئىختىسادى، ئاساسلىغى باج ۋە سېلىقلار ئارقىلىق تەمىنلىنىدۇ.
  • باج ۋە سېلىقلاردىن كىرگەن كىرىم،پاراۋانلىق بەھرىمەنلىكلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك پۇلنىڭ بۇلۇشى ۋە پاراۋانلىق جەمىيىتىنىڭ يۈرۈشىشى ئۈچۈن بەك مۇھىم.