دىمگۇراتىيە ۋە پاراۋانلىق جەمىيىتى

پاراۋانلىق جەمىيىتىدىكى ھوقۇقلار ۋە مەجبۇرىيەتلەر

پاراۋانلىق دۆلىتى تامامەن،ئىختىسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئىمكانى بولغان بارلىق كىشلەرنىڭ ياردەم بېرىشىگە تايىنىدۇ. پۈتۈن سېستىما شۇنداق تۈزۈلگەنكى،ئۇنىڭدا، بىز تۆلىگەن باج پۇلى ئادىل ئۇسۇلدا تەقسىملىنىشى ۋەچۇقۇم، ھەقىقى ئېھتىياجلىق بولغان كىشلەرگە ئىشلىتىلىشى كېرەك. ھاياتىمىز داۋامىدا بىز،كۆپلىگەن ۋە ھەر خىل پاراۋانلىقتىن بەھرىمان بۇلۇمىز. ھەممە ئادەم، ھاياتى داۋامىدا بىر ياكى بىرقانچە قېتىم پاراۋانلىق سېستىمىسىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بۇلۇدىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئادەم بىر ھادىسىگە يولۇقۇشى،ياكى بىر ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بوپ قېلىشى مۈمكىن، ۋە ياكى ئادەم ئىشسىز قېلىشى ياكى ھاياتتىكى باشقا ئېغىر ۋەزىيەتلەرگە دۇچار بۇلۇشى مۈمكىن. بۇنداق چاغدا،ئادەم ئۆزىنىڭ غەمخورلۇققا ئېرىشەلەيدىغانلىغىنى بىلىش بىر ياخشى ئىش.

ئادەم ساغلام ۋە ئىشلىيەلەيدىغان ۋاقتىدا،ئىشلەش ۋە باج تۆلەش ئارقىلىق ھەسسە قۇشىدۇ. مۇنداقچە ئيتقاندا،ئادەم ئىلگىرى ئالغان ياردىمىنى ئەمدى قايتۇرغان ،ياكى ئادەمگە كېيىنچە كېرەك بولۇدىغىنىغا ئالدىن تۆلىگەندەك بولۇدۇ. شۇڭلاشقا مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشلەر بۇنىڭ بىر ياخشى سېستىما ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىدۇ. پاراۋانلىق دۆلىتىدە،پۇقرالارنىڭ ئىختىسادى ھۇقۇقلىرى ۋە مەجبۇريەتلىرى بولۇدۇ.

  • ھۇقۇقلارغا،مەسىلەن مۇنۇلار كىرىدۇ: كېسەللىك پۇلى،ئىشسىزلىق پۇلى،تۇنۇشتۇرۇش پروگراممىسى پۇلى،بالىلار پاراۋانلىق پۇلى ۋە ياشانغانلار پېنسىيە پۇلى.
  • مەجبۇريەتلەرنىڭ مىسالى بولسا: باج تۆلەش،ھۆكۈمەتكە ئۆزىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ھەققىدە توغرا مەلۇمات بېرىش ۋە ئىختىسادى ياردەملەردىن قالايمىقان پايدىلىنىپ كەتمەسلىك.

پاكىتلار

ئەركىنلىك ۋە مەسئۇليەت

  • پاراۋانلىق دۆلىتى بولغان نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق كىشلەرنىڭ، ھەم ئەركىنلىگى ھەم مەسئۇليىتى،شۇنىڭدەك ھەم ھەق- ھۇقۇقى ھەمدە مەجبۇريەتلىرى بار. بىزنىڭ ھاياتىمىزنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى تاللاش ئەركىنلىگىمىز بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،سېستىمىنىڭ مەقسەتتىكىدەك ئايلىنىشى ئۈچۈن بىزنىڭ قانۇن- قائىدىلەرگە بوي سۇنۇش مەجبۇريىتىمىز ھەم بار.