دىمگۇراتىيە ۋە پاراۋانلىق جەمىيىتى

تارىخى تەرەققىيات

نامراتلاغا ياردەم بېرىش ئورگىنىدىن، پاراۋانلىق دۆلىتىگىچە

Suppeservering for vanføre, 1905, (Oslo Museum, fotograf: Anders Beer Wilse)

نورۋېگىيەدىكى بۈگۈن بىز كۆرۈپ تۇرغان بۇ پاراۋانلىق جەمىيىتى، تارىخ نۇقتىسىدىن قارىغاندا بىر ياش سېستىما.
بۈگۈنكى نورۋېگىيەنىڭ پاراۋانلىق سېستىمىسى بولسا بارلىق پۇقرالار ئۈچۈن ئورتاقتۇر. بۇندىن 100 يىل ئىلگىرى،ئەھۋال ھازىرقىغا تامامەن ئوخشىمايتتى. ئۇ چاغدىكى سېستىمىنى بىز،ئىجتىمائى ياردەم سېستىمىسى دەپ ئاتايمىز. پەقەت، ئەڭ ئاجىز،ئەڭ نامراتلىرى دۆلەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيتتى، شۇنداقلا بىرىلگەن ياردەم چوڭ يەرلىك پەرقلەگە ئىگە ئىدى.

كۆپلىگەن پاراۋانلىق ياردەملىرى پەيدىن- پەي يولغا قۇيۇلدى. بەزى پاراۋانلىق ياردەملىرى 2- دۇنيا ئۇرۇشى(1940–1945) دىن ئىلگىرى يولغا قۇيۇلۇشقا باشلىغانتى،لېكىن مۇتلەق كۆپچىلىگى كېيىكى دەۋرلەردە پەيدىن- پەي مەيدانغا كەلدى.

لېكىن،بىر خىل پاراۋانلىق نورۋېگىيەدە ئۇزۇن ئەنئەنىگە ئىگە: يەنى 1739- يىدىن تارتىپ بالىلار ھەقسىز مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولغان!

بەزى پاراۋانلىق تۈرلىرى ئەمگەكچىلەرنىڭ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. كېيىكى 60- 70 يىل داۋامىدا، پۇقرالارنىڭ پاراۋانلىىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا دۆلەتنىڭ مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىگى ھەققىدە بىرقەدەر كەڭ سىياسى بىردەكلىك مەيدانغا كەلدى.

Slumsøster hos den syke, 1908 Arbeidsstue for barn, ca 1920 Frelsesarmeens suppekjøkken for uteliggere, 1920 Kø ved Christiania Dampkjøkken, 1903 Arbeidsstue for barn (1920)

پاكىتلار

تارىخ <تەرەققىيات

  • 1909: كېسەللىك سۇغۇرىسى قانۇنى
  • 1915: ئىش ۋاقتى قانۇنى(بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 سائەت،بىر ھەپتىدە 54 سائەت)
  • 1935: ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى قانۇنى
  • 1937: ئەمگەكچىلەرنى ئاسراش قانۇنى(مەسىلەن،9 كۈن مۇئاشلىق دەم ئېلىش)
  • 1946: بالىلار پاراۋانلىق پۇلى يولغا قۇيۇلدى
  • 1956: ھەممە كىشى ئۈچۈن كېسەللىك پاراۋانلىق پۇلى
  • 1957: كەسپى زەخمىلىنىش پاراۋانلىق پۇلى ۋە قېرىلىق پاراۋانلىق پۇلى
  • 1960: مەجروھلۇق پاراۋانلىق پۇلى
  • 1965: تۇل(ئەر ياكى ئايال)لۇق ۋە ئانىلار پاراۋانلىق پۇلى
  • 1967: خەلق پاراۋانلىغى قانۇنى