بالا ۋە ئائىلە

ئائىلىلەر

Foreldre og barn

نورۋېگىيەدە ھەر يىلى تەخمىنەن 60 000 بالا تۇغۇلۇدۇ.
نورۋېگىيەدىكى ھەر بىر ئايال ئوترىچە ئىككى بالىلىق بۇلۇدۇ.
ھەر تۆت بالىنىڭ ئۈچى دادىسى ۋە ئاپىسى بىلەن بىللە تۇرىدۇ. قېپقالغان بىرى،يا دادىسى يا ئاپىسى بىلەن،ياكى بۇ ئىككىسىدىن بىرى ۋە ئۇنىڭ يېڭى ھەمراھى بىلەن بىللە تۇرىدۇ.

Eit ungt par Mor, far og to barn Eit homofilt par Eit eldre par Far og dotter

بىللە ياشايدىغان ھەر تۆت جۈپنىڭ ئۈچى توي قىلغان، قالغان بىر جۈپى بولسا،(توي قىلماي) بىللە ياشايدىغانلار. ئەر ھەم ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە توي قىلىش يېشى تۇنجى قېتىم 30 ياشتىن ئاشتى. نۇرغۇنلار توي قىلىشتىن ئىلگىرى بىر قانچە يىل بىرگە ياشايدۇ. ھەر يىلى تەخمىنەن 10 000 ئەر- ئايال نىكاھتىن ئاجرىشىدۇ. بۇ سان ھەر يىلى توي قىلىدىغانلارنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ.
نورۋېگىيەدىكى ئاھالىنىڭ تەخمىنەن %40 تى تەنھا ياشايدۇ.

پاكىتلار

ئائىلە

مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەر بىر ئائىلىنىڭ تەركىۋى قىسمى. بەزىلەر باشقا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە تۇرسا،يەنە بەزىلەر بولسا يالغۇز تۇرىدۇ. يالغۇز تۇرىدىغانلارنىڭمۇ،كۆپۈنچە ھاللاردا ئاتا- ئانا،قېرىداشلىرى بار،ئەمما ئۇلار بەلكىم باشقا بىر ئۆيدە،باشقا بىر شەھەردە ياكى باشقا بىر دۆلەتتە تۇرۇدىغان بۇلۇشى مۇمكىن.

بىر ئۆيدىكى كىشلەر(Husholdning)

بىر ئۆيدىكى كىشلەر دىگىنىمىز،بىر ئۆيدە بىللە تۇرىدىغان، ئىختىسادى ئورتاق بولغان كىشلەرنى كۆرسۈتىدۇ. بىر ئۆيلۈك كىشلەر بىر كىشىدىن،ياكى بىرقانچە كىشىدىن تەركىپ تاپقان بۇلۇشى مۇمكىن.