بالا ۋە ئائىلە

بالىلىق، بالىلار قانۇنى ۋە بالىلار مۇھاپىزەت ئشخانىسى

بەش بالا بىللە ئويناۋاتقان بالا قىشلىق ئۇيۇن ئويناۋاتقان بالا

ب.د.ت نىڭ بالىلارنى قوغداش قانۇنى 42 نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ، ئۇنىڭدا بالىلارنىڭ قايسى خىل ھۇقۇقلارغا ئىگە ئىكەنلىگى سۆزلەنگەن. بۇ قانۇن 1989- يىلى تەستىقلاندى، نورۋېگىيە ئۇنىڭغا 1991- يىلى قول قويدى. بۇ قانۇن 18 ياشتىن تۈۋەن بولغان بالىلارغا قارىتىلغان ۋە بۇنىڭدا ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلار ئالدىدىكى مەسئۇليىتى ھەمدە بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلارغا قارىتا ھەق- ھۇقۇقلىرى ھەققىدە كۆپ توختالغان.

تۆۋەندىكىسى، بالىلار قانۇنىدىكى بەزى مۇھىم نۇقتىلار:

  • بالا تۇغۇلغاندا،دوختۇر ياكى تۇغۇت ئانىسى نۇپۇس ئىشخانىسىغا تۇغۇم خەۋىرىنى يوللايدۇ. بۇنىڭدا، بالىنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ كىم ئىكەنلىگى ۋە ئۇلارنىڭ بىرگە ياشايدىغان،ياشىمايدىغانلىغى مەلۇم قىلىنىدۇ. ئەگەر بالا دوختۇرسىز تۇغۇلغان، ياكى ئانا بولغۇچى بالىنى چەتئەلدە تۇققان بولسا،ئۇ ھالدا بۇنى مەلۇم قىلش ئانىنىڭ مەجبۇريىتىدە بۇلۇدۇ.
  • قائىدە بۇيىچە،بالاغا بولغان ئاساسى مەسئۇليەت ئاتا- ئانىنىڭ ئۈستىدە بۇلۇدۇ ۋە بالىنىڭ ئاتا- ئانىسىدىن ئۆزىنى بېقىش ۋە غەمخورلۇق قىلىشنى تەلەپ قىلىش ھەققى بار.
  • ئاتا- ئانىنىڭ باللىرىنى بېقىش مەجبۇريىتى بار. بۇ دىگەنلىك، ئاتا- ئانا بولغۇچى، بالىسىنىڭ خاتىرجەم ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن،ئۇنى تاماق، كىيىم ۋە باشقا كېرەكلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. بۇ خىل بېقىش مەجبۇريىتى بالا 18 ياشقا تولغانغاقەدەر كۈچكە ئىگە. بۇندىن باشقا يەنە، ئاتا- ئانىنىڭ بالا تۇلۇق ئۇترىنى پۈتتۈرگىچە ئۇنى داۋاملىق بېقىش مەجبۇريىتى بار،گەرچە بۇ چاغدا بالا 18 قا كىرىپ بولغان بولسىمۇ.
  • ئاتا- ئانىنىڭ بالىنى ياخشى تەربىلش مەسئۇليىتى بار، شۇنىڭدەك، ھەمىشە بالىنىڭ مەنپەتى ۋە ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك. بالىلار قانۇنى، بالىلارنى تەربىلەشتە زورلۇق ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىدۇ. بالىلارغا ئېغىردەرىجىدە زوراۋانلىق ئىشلىتىش ياكى كەمسىتىش جىنايەت ھېساپلىنىدۇ ۋە بۇنداق ئەھۋالدا بالىلار مۇھاپىزەت ئشخانىسى بۇ ئشقا ئارلىشىدۇ.
  • شەخسى ئشلاردا، بالىلار ئۆزى قارار قىلالمايدىغان ئەھۋالدا ئاتا- ئانىنىڭ قارار قىلىش مەجبۇريىتى ۋە ھۇقۇقى بار. بالىلار قانۇنىدىكى مۇھىم بىر پىرىنسىپ شۇكى، ئاتا- ئانا، بالىلىڭ چوڭ بۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بالىنىڭ ئۆزىنىڭ قانداق قارايدىغانلىغىغا بارغاسىرى كۆپ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بالا چوڭ بۇلۇپ تەرەققى قىلغانچە،بالىغا تېخىمۇ كۆپرەك مۇستەقىل قارار قىلىش ھۇقۇقى بېرىلىشى لازىم. 7 ياشلىق بىر بالىنىڭ،ئۆزىگە ئائىت شەخسى ئىشلاردا، ئاتا- ئانىسى قارار بېرىشتىن بۇرۇن، ئۆز پىكرىنى ئيتىش ھۇقۇقى بار. بالىلار قانۇنىدا، بالا 12 ياشقا تولغاندا، ئۇنىڭ پىكرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىملىغى بەلگۈلەنگەن.
  • 15 ياشقا تولغان بىر بالىنىڭ، ئوقۇشقا ئائىت ئىشلاردا، بىرەر جەمىيەتكە ئەزا بۇلۇپ كىرىش ياكى چېكىنىشتە ئۆزىنىڭ قارار بېرىش ھۇقۇقى بار. بۇ دىگەنلىك مەسىلەن، تولۇق ئۇترىنىڭ قايسى خىل ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلىشنى بالا ئۆزى بەلگۈلەيدۈ. ئاتا- ئانا بىلەن بالا بۇ ھەقتە مۇزەكىرلەشسە ۋە ئاتا- ئانا بالىسىغا مەسلەھەت بەرسە بۇلۇدۇ، لېكىن قارارنى بالا ئۆزى بېرىدۇ.ئۇندىن باشقا يەنە،سىياسى تەشكىلاتلارغا، دىنى جامائەتلەرگە ۋە باشقا جەمىيەتلەرگە ئەزا بۇلۇش- بولماسلىقنى ياش بالا ئۆزى قارار قىلىدۇ.
  • ئاتا- ئانا، بالىلىرىنىڭ،باشلانغۇچ مەجبۇرى مائارىپ تەربىيىسىگە قانىشىشىغا ،شۇنىڭدەك، بالىلانىڭ ئۆز ئىقتىدارى ۋە قىزىقىشىغا لايىق تەلىم كۆرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
  • بالىلارنىڭ ھەم دادا ۋە ئاپا بىلەن بىرگە بۇلۇش ھۇقۇقى بار،گەرچە ئۇلار ئايرىم تۇرىۋاتقان ھالەتتىمۇ.
  • نورۋېگىيەدە قورامىغا يېتىش يېشى 18. بۇ دىگەنلىك،ئادەم قانۇنى توختامنامىلەرنى تۈزۈش ئۆزىنىڭ ئىختىسادىنى ئۆزى كونتۇرۇل قىلالايدىغان ياشقا يەتتى دىگەنلىكتۇر. شۇندىن باشلاپ بۇ خىل ئىشلاردا مەسئۇلىيەت ئاتا-ئانىلارغا يۈكلەنمەيدۇ.

بالىلار مۇھاپىزەت ئشخانىسى (Barnevernet)

نورۋېگىيەدىكى بالىلار مۇھاپىزەت ئشخانىسى
بالىلارنى بېقىش ۋە تەربىيلەش تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا ئاتا- ئانىنىڭ مەسئۇليىتى. ھالبۇكى،ئاتا- ئانىلار بەزىدە، مەسىلەن بىر تۇرمۇش قىيىنچىلغى تۈپەيلى، قىسقا ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ياردەمگە مۇھتاج بۇلۇدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بالىلار مۇھاپىزەت ئشخانىسى ياردەمدە بۇلۇدۇ.

ھەر بىر كومۇنادا بىردىن بالىلار مۇھاپىزەت ئشخانىسى بار.
بالىلار مۇھاپىزەت ئشخانىسىنىڭ خىزمەتلىرى بالىلار قانۇنى تەرىپىدىن ماسلاشتۇرلىدۇ. بۇ قانۇن،بالىلارنىڭ ئارقا كۆرنۈشى،مىللىتى ۋە دۆلەت تەۋەلىگىنىڭ قانداق بۇلۇشىدىن قتئىنەزەر، نورۋېگىيەدە تۇرىۋاتقان بارلىق بالىلارغا ئائىتتۇر.

بالىلارنىڭ مەنپەتى بىرىنچى
بالىلار مۇھاپىزەت ئشخانىسى بالىلارنىڭ مەنپەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ ب.د.ت نىڭ بالىلار قانۇنىغىمۇ ئۇيغۇن، ھەمدە نورۋېگىيە قانۇنىڭمۇ بىر قىسمى. بالىلار قانۇنىدا، بالىلارنىڭ ياشاش، تەرەققى قىلىش، قوغدۇلۇش ۋە قاتنىشىشتىن ئىبارەت ئالاھىدە ئېھتىياج ۋە ئاساسى ھوقۇقلارغا ئىگە بولغان مۇستەقىل شەخسلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىگى ئېنىق قەيت قىلىنغان.

بالىلارنى ئاسراش ئشخانىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى
– ياردەم بىرىش ۋە قوللاش:

بالىلار ئائىلىسىدىكى ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان ئەھۋال ئاستىدا، بالىلار مۇھاپىزەت ئشخانىسى بالىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ياردەمدە بۇلۇدۇ. بۇ خىل ياردەم،مەسلەھەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش شەكلىدىمۇ، ياكى، ئىختىيارى پالىيەتلەرگە قاتنىشىش، يەسلىسى ۋە ياكى س.ف.ئو (مەكتەپ دەرستىن سىرتقى پالىيىتى) ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش شەكلىدىمۇ بۇلۇشى مۇمكىن.

– ئارلىشىش مەسئۇليىتى، ( ئاتا- ئانىلارنىڭ ئىرادىسىگە قارشى بولغان ھالەتتىمۇ):

قائىدە بۇيىچە، بالىلانىڭ ئۆز ئائىلىسىدە چوك بولغىنى ئەڭ ياخشى. ئەمما، ئائىلىدە كۆرسۈتۈلگەن خالىس ياردەم چارىلىرى بالىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمىغاندا، بالىلار مۇھاپىزەت ئشخانىسىنىڭ ئارلىشىش مەسئۇليىتى بار. بالىلار مۇھاپىزەت ئشخانىسى بالىلارنى بېقىش مەسئۇليىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى ئۈچۈن، ناھايتى چۇڭ سەۋەپلەر بۇلۇشى كېرەك. بۇنىڭغا مىسال، بالىلار ئائىلىسىدە ياخشى بېقىلمىسا، مەسىلەن خورلانسا. ناۋادا بىر بالا ئاتا- ئانىسىنىڭ رازىلىغىسىز، ئۆز ئۆيىدىن باشقا بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولسا، بۇنىڭغا، بالىلار بالىلار مۇھاپىزەت ئشخانىسى ۋە باشقا ئىجتىمائى ئىشلارغا مەسئۇل، سوتقا ئوخشايدىغان بىر ئورگان- ناھيىلىك تەپتىش ئورگىنى قارار بېرىشى كېرەك.

بىر قېتىملىق بالىلارنى ئاسراش مەسىلىسىنىڭ ئىش تەرتىۋى
نۇرغۇن بالىلار مۇھاپىزەت مەسىلىسى،ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۆزى بالىلارنى ئاسراش ئشخانىسى بىلەن ئالاقەلىشىپ ياردەم سوراش بىلەن باشلىنىدۇ. بالىلار مۇھاپىزەت ئشخانىسى يەنە،سەھىيە پۇنكىتلىرى،دوختۇرخانا، مەكتەپ،يەسلى، خوشنىلاردىن ۋە بىر بالىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرىگەن باشقا كىشلەر تەرىپىدىن مۇراجەت تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. مەكتەپ، يەسلى ۋە سالامەتلىك ئاسراش مەركەزلىرى قاتارلىق ئاممىۋى ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ، بىر بالىنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشىلەنگەن ۋاقىتتا دەرھال بالىلارنى بالىلار مۇھاپىزەت ئشخانىسىغا ئەھۋال يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتى بۇلۇپ، بۇ قانۇندا بېكىتىلگەن. بالىلار مۇھاپىزەت ئشخانىسى تاپشۇرۇپ ئالغان بارلىق ئۇچۇرلار كۆزدىن كەچۈرلىدۇ. ئەگەر بالىلار مۇھاپىزەت ئشخانىسى زۈرۈر تاپسا، بالىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇمات ئىگگللەش ئۈچۈن،بالا ۋە ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ.

بالىلار ۋە چوڭلار بالىلارنى ئاسراش ئشخانىسى بىلەن قانداق ئالاقىلىشىدۇ؟
ھەممە كومۇنادا بىردىن بالىلار مۇھاپىزەت ئشخانىسى بۇلۇپ، كۈندۈزى ئوچۇق بۇلۇدۇ. بالا ياكى بىر بالىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلغان كىشلەر ئاخشامدا|كېچىدە ۋە ھەپتە ئاخىردا بالىلار ۋە ياش- ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن جىددى تەلپۇن لىنيەسى 116 111 گە تەلپۇن قىلسا بۇلۇدۇ.

پاكىتلار

بالىلار پاراۋانلىق ياردىمى

بالىلار پاراۋانلىق پۇلى بولسا،نورۋېگىيەدە ئولتۇرۇشلۇق 18 ياشتىن تۈۋەن بارلىق بالىلارغا بېرىلىدىغان ئىختىسادى ياردەمدۇر.بۇ پۇل،بالىلارنىڭ چىقىملىرىنى قامداشقا ياردەمدە بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.تۆۋەندىكى تور ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى، بالىلار پاراۋانلىق پۇلىنىڭ مىقدارىنى ھەم ئۆز ئىچىگە ئالغان تېپسىلى مەلۇماتلاغا ئېرىشەلەيسىز. Nav barnetrygd

نەق پۇل ياردىمى

نەق پۇل ياردىمى بولسا، بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان، يەسلىسىگە بارمايدىغان بالىلارغا بېرىلىدىغان ئىختىسادى ياردەمدۇر. نەق پۇل ياردىمى،13 – 23 ئايلىققىچە بولغان بالىلارغا ھەر ئايدا بېرىلىدۇ. يەسلىگە قىسمەن كۈن (تولۇق كۈن ئەمەس) بارىدىغان بالىلارغا بېرىلىدىغان نەق پۇل ياردىمى كەمەيتىپ بېرىلىىدۇ. تۆۋەندىكى تور ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى، نەق پۇل ياردىمىنىڭ مىقدارىنى ھەم ئۆز ئىچىگە ئالغان تېپسىلى مەلۇماتلاغا ئېرىشەلەيسىز. Nav kontantstøtte