بالا ۋە ئائىلە

بالىلار تەربىيىسى

Barn og foreldre

بالا ئاتا- ئانىسىغا مۇھتاج، بالىلارنى بېقىش ۋە تەربىيلەشتىكى ئاساسى مەسئۇليەت بولسا ئاتا- ئانىلارنىڭ زىممىسىدە. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا، بالىلار “كىچىك چوڭ ئادەم” دەپ قارىلاتتى ۋە ھەمىشە ئائىلىنىڭ كىرىمىنى قامداشقا ياردەملىشەتتى. بۇرۇن يەنە،چوڭ ئائىلىلەردە تۇرۇش ئومۇملاشقان بۇلۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بولسا مۇتلەق كۆپچىلىك بالىلار كىچىك ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. مۇتلەق كۆپچىلىك بالا يەسلىگە بارىدۇ، 6 ياشقا كىرگەندە بولسا ھەممە بالىلار مەكتەپكە بارىدۇ.

بالىلارنى تەربىيلەش قارىشى ئۆزگەردى. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، بالىلىق بىر ئويۇن ۋە ئۈگۈنۈش دەۋرى بۇلۇپ،بالىلارغا بۇرۇنقى زامانلاردىكى ئۇسۇللار بۇيىچە تەلەپ قويۇلمايدۇ. ئاتا- ئانىلار بالىلار بىلەن كۆپرەك بىرگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە ئۆزلىرى بىللە بولالمىغان ۋاقىتلاردا بالىلارنىڭ قانداق تۇرغانلىغىنى بىلگۈسى كېلىدۇ. شۇڭا ئاتا- ئانىلار يەسلى ۋە مەكتەپ بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشقا ئالاھەدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، كۆپۈنچە ئاتا- ئانىلار باللىرىنىڭ دوستلىرى ۋە ئاتا- ئانىلىرىنى بىلىشنى مۇھىم دەپ قارايدۇ.

چۈنكى بالىلار ئۆينىڭ تېشىدا كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگۈنىدۇ ۋە تەجىربىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار يەنە جەمىيەتنىڭ ۋە ياشىغان مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ھىچقانداق بىر ئاتا- ئانا بالىلارنىڭ قانداق تەرەققى قىلىشىنى تەل- تۆكۈس كونتۇرۇل قىلىپ بولالمايدۇ، ھەمدە ھىچقانداق بالا ئۆزىنىڭ ئاتا- ئانىسىىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئاتا- ئانىلار بالىلار ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە باللىرىغا ئازىنى قانداق تۇتۇشنى ھەمدە تۈرلۈك ئەھۋاللارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئۈگىتىدۇ.

كۆپلىگەن ئاتا- ئانىلار بەزىدە، بالا تەربىلەشنىڭ قىيىنلىغىنى ھىس قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا،ئۇلار مەسىلەن،بۇ ھەقتە ياخشى بىلىدىغان كىشلەردىن مەسلەھەت سورىسا، ئالاقىدار تېما ئۈستىدە يېزىلغان كىتاپلارنى ئوقۇسا ياكى ئىنتېرنىتتىن مەلۇمات ئىزدىسە بۇلۇدۇ.