بالا ۋە ئائىلە

ھەر خىل ئۆيلەر

Boliger i Bergen

نورۋېگىيەدە ئىككى مىليۇندىن كۆپرەك ئۆي بار. بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەگى ئايرىم ئۆيلەر. ئوسلۇغا ئوخشاش چوڭ شەھەرلەردە،ئۆيلەرنىڭ %70 تى قەۋەتلىك ئۆيلەر ۋە يۈرۈشلۈك ياتاق ئۆيلەر(Bygård). كىچىك كومۇنىلاردا، ئايرىم ئۆيلەر %90 گىچە يېتىپ بارىدۇ. ئاھالىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىرى ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىدۇ،قالغانلارنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسى ئۆيى بار.

شەخسى ئۆيگە ئىگەدارچىلىق قىلىشنىڭ ئىككى خىل يولى بار، ئۇنىڭ بىرى،ئۆزى مۇستەقىل ئىگىدارچىلىق قىلىش، يەنە بىرسى بولسا، بىر ئاھالە ئولتۇراق رايۇنى ياكى بىر پايچەك شىركىتى ئارقىلىق ئگىدارچىلىج قىلىش.

نورۋېگىيەدىكى ئاساسەن ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مۇنچا، ھاجەتخانىسى ۋە ئاشخانىسى بار.

Leiligheter i Nordland Hus i Geiranger Enebolig Hus i Lofoten

پاكىتلار

سىز بىلەمسىز…

  • ئۆينى ئىسسىتىش ئۈچۈن،ئادەتتە توك ئىشلىتىمىز. %90 تىن كۆپرەك ئۆيلەر توك بىلەن ئىسسىيدۇ. بىر قىسىملار ئوتۇن ياكى ماي ئىشلىتىدۇ.
  • نورۋېگىيەدىكى ئائىلىلەرنىڭ خىراجىتىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىمى ئولتۇراق ئۆينىڭ چىقىملىرىنى قامداشقا كېتىدۇ، ھالبۇكى،ئوترا ھېساپ بىلەن ھەر بىر نۇپۇسنىڭ يىمەك- ئىچمەككە خەجلىگەن پۇلى ئومۇمى خىراجەت سوممىسىنىڭ پەقەت %11 نى تەشكىل قىلىدۇ.