بالا ۋە ئائىلە

باراۋەرلىك

Likestilling
ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۆز ھاياتى ۋە ۋەزىپىلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە باغلىق. شۇنداقتىمۇ، بىز تەڭلىك ۋە باراۋەرلىك ھەم بۇ ھەقتىكى قانۇن- قائىدىلەرنى ئويلىماي تۇرالمايمىز. نورۋېگىيەدە ياشىغان ھەرقانداق ئادەم بۇ قائىدە-قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى كېرەك. بۇ مەسىلەن: باراۋەرلىك قانۇنى، نىكا قانۇنى ۋە مىراس قانۇنۇنلىرىغا ئائىت.

نورۋېگىيە جەمىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم قىممەت قارىشىنىڭ بىرى، كىشلەر ئارىسىدىكى باراۋەرلىكتۇر. بۇ، كىشلەردىكى، ئادەملەر جىنسى،يېشى،قابىليىتى،مەدەنىيەت ئارقا كۆرنۈشى،قايسى مىللەتتىن بۇلۇشى ۋە جىنسى يۆلىنىشىنىڭ قانداق بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر ئادەملەر قەدىر- قىممەتتە باراۋەر بۇلۇدۇ دىگەن ئورتاق تۇنۇشنى ئىپادىلەيدۇ. جەمىيەت، ھەممە ئادەمگە، ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا قاراپ تۇرۇپ باراۋەر پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بۇنىڭ مىسالى، مەكتەپلەرنىڭ ھەر خىل مېيىپ بالىلارغا يارىتىپ بەرگەن شارائىتلىرى ۋە كۆچمەن بالىلار ئۈچۈن نورۋېگ تىلى دەرسى، شۇنىڭدەك ئوخشاش خىزمەت ئۈچۈن ئوخشاش مۇئاش بېرىش پىرىنسىپى قاتارلىقلار.

ئاخىرقى بىرقانچە ئون يىل ئىچىدە، جىنسلار باراۋەرلىگى ساھەسىدە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. بىز كىشلەرنىڭ، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ جەمىيەتتىكى، ئائىلىدىكى ۋە ئۆيدىكى ۋەزىپىسى ھەم ئۇرنىغا بولغان تۇنۇشىنىڭ ئۆزگەرگەنلىگىگە گۇۋاچى بولدۇق.

Likestilling i arbeidslivet Likestilling i hjemmet

1970- يىللاردا،ئاياللارنىڭ جەمىيەتتىكى ھۇقۇقى، ئۇلارنىڭ ئوقۇش ۋە خىزمەتتىكى ئىمكانىيەتلىرى مەسىلىلىرىگە كۆپ دىققەت ئاغدۇرۇلدى. ئاياللارنىڭ كەسپى پائالىيەتلىرى شىددەت بىلەن ئاشتى ۋە بۈگۈنكى كۈندە خىزمەت قىلىدىغان ئاياللارنىڭ سانى ئەرلەرنىڭكى بىلەن ئاساسەن تەڭ. ھېلىھەم،تىپىك ئاياللار ۋە ئەرلەر كەسپلىرى مەۋجۇت، شۇنىڭدەك، يېرىم كۈنلۈك ئىشلەيدىغان ئاياللار ئەرلەردىن كۆپ. نۆۋەتتە،ئالى مەلۇماتلىق ئاياللارنىڭ سانى ئەرلەرنىڭكى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ،ئەمما،ئاياللارنىڭ كۆپۈنچىسى يەنىلا ئەنئەنىۋى كەسپلەرنى تاللايدۇ. ئاياللار كۆپراق، سالامەتلىك پەرۋىشى ۋە ئوقۇتۇش ساھەلىرىنى، ئەرلەر بولسا، تېخنىكا ۋە تەبى پەن ساھەلىرىنى تاللايدۇ. گەرچە، نۆۋەتتە ئشلەۋاتقانلارنىڭ ئاساسەن يېرىمىنى ئاياللار تەشكىل قىلسىمۇ، ئىش يېرىدىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى يەنىلا ئەرلەر.

بۈگۈنكى كۈندە،كۆپۈنچە ئائىلىلەردە،بۇلۇپمۇ ياش ئائىلىلەردە،ئەر – ئايالنىڭ ھەم ئۆيدىكى ئىشلارنى ۋە پەرۋىش خىزمىتىنى بۆلۈشۈپ قىلىش ئادەتتىكى ئەھۋال،لېكىن ئاياللارنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا سەرپلەيدىغان ۋاقتى يەنىلا ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ.

پاكىتلار

باراۋەرلىك ۋە كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى

باراۋەرلىك ۋە كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى بولسا،باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كەمسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن. بۇ قانۇننى تۈزۈشتىن مەقسەت، ھەممە ئادەمگە ئوقۇش، خىزمەت، مەدەنىيەت ۋە كەسپى جەھەتتە باراۋەر پۇرسەت يارىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت. بۇ قانۇن،بارلىق ئاممىۋى ئورگانلارغا جەمىيەتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىش مەجبۇريىتىنى يۈكلىگەن.
ئۇندىن باشقا بۇ قانۇن يەنە،ئىش بەرگۈچىلەر ۋە ئىش بەرگۈچىلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدا ۋە ئورگان-ئۇيۇشمىلاردا باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەجبۇريىتىنى يۈكلىگەن. پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، ئەمما، قىسمەن ئەھۋاللاردا باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىدىدە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشقا رۇخسەت.