بالا ۋە ئائىلە

توي قىلىشتىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەر

Brudepar

نىكاھ قانۇنىدىن ئۈزۈندە:

  • يېشى 18 دىن ئاشقان، ئىلگىرى توي قىلمىغان ۋە نورۋېگىيەدە قانۇنلۇق تۇرىۋاتقان ھەرقانداق ئادەم بۇ يەردە توي قىلسا بۇلۇدۇ.
  • بارلىق نىكاھ ئىختىيارلىق ئاساسىدا بۇلۇشى كېرەك. ئاياللارمۇ ۋە ئەرلەرمۇ ئۆز جورىسىنى ئەركىن تاللاشتا باراۋەر ھۇقۇققا ئىگە. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا،بىر ئادەمنى، زورلۇق،ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش،بېسىم ئىشلىتىش ياكى تەھدىد سېلىش ئۇسۇللىرى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىغۇچىلارغا، 6 يىلغا قەدەر قاماق جازاسى بېرلىدۇ- دەپ ئېنىق بەلگۈلەنگەن. بۇنىڭغا شېرىك بولغانلار ھەم ئوخشاش ئۇسۇلدا جازالىنىدۇ.
  • ناۋادا،ئادەم بۇندىن كېيىن جورىسى بىلەن بىرگە ياشىماسلىقنى قارار قىلسا،ئايرىلىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بۇلۇدۇ. بىر يىل ئايرىلىپ تۇرغاندىن كېيىن ئاجراشقىلى بۇلۇدۇ. ئەگەر ئادەم رەسمى ئايرىلىپ تۇرۇش رەسمىيىتى بىجىرمەستىن تۇرۇپ،ئىككى يىل بىر- بىدىن ئيرىلىپ ياشىسا،ئۇ ھالدا ئوخشاشلا ئاجرىشالايدۇ. ئاياللارمۇ ۋە ئەرلەرمۇ ئايرىلىپ تۇرۇش ئىلتىماسى سۇنۇش ۋە ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىشتا ئوخشاش ھۇقۇققا ئىگە.
  • ناۋادا،ئەر ياكى ئايال تەرەپ، جورىسى ياكى پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان،زوراۋانلىق قىلغان،قاتتىق قىينىغان ۋە ياكى بۇ تۈپەيلى ۋەھىمە پەيدا قىلغان بولسا،زىيانلانغۇچى تەرەپ ئايرىلىپ تۇرۇش رەسمىيىتى بىىجىرمەستىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا بۇلىدۇ. شۇنداقلا، بۇ بىر مەجبۇرلاش ئاستىدا قىلىنغان توي بولسا،ئۇ چاغدا ھەم ئەر ياكى ئايال تەرەپ ئۆز ئالدىغا ئاجرىشىش تەلىۋى قويۇشقا بولىدۇ. ناۋادا بىرسى يۇقارقىدەك سەۋەپلەر بىلەن نىكاھ مۇناسىۋىتىنى بۇزسا،ئۇ ھالدا بۇنىڭ نورۋېگىيەدە تۇرۇش رۇخسىتىگە ئېرىشىشكە ھۇقۇقلۇق بولۇشقا چېتىلىدۇ.
  • ئەر- ئايالنىڭ ئائىلىنى بېقىش ۋە خەۋەر ئېلىشتا ئورتاق مەسئۇليىتى بار. ئۇلار ئىختىسادى مەسئۇلىيەتنى ئۇرتاق ئۈستىگە ئالىدۇ،شۇنداقلا يەنە،ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن ئىشلىنىدىغان ئىشلاردا ئەر- ئايالنىڭ ئورتاق مەسئۇليىتى بار. ئەمما،ئۇلار بۇنىڭغا ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن ھەسسە قۇشۇشى مۈمكىن. مەسىلەن، پۇل تېپىش يۇلى بىلەن، ئۆيىنىڭ ئشلىرىنى قىلىش، بالىلىرىنى بېقىش ياكى باشقا يوللار بىلەن. ئەر ياكي ئايال تەرەپ، بەزى ئەھۋاللاردا، زۈرۈر چىقىملارنى قامداش ئۈچۈن جورىسىدىن پۇل تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. نىكاھ قانۇنىنىڭ 39 § فارگىرافىدا،ئەر- خوتۇنلارنىڭ ئۆز ئىختىسادى ئەھۋالى توغرىسىدا بىر- بىرىگە مەلۇمات بېرىش مەجبۇريىتى بار- دىيىلگەن. مەسىلەن،ئەر ياكى ئايال تەرەپ جورىسىنىڭ باج مەلۇم قىلىش قەغىزىنىڭ كۇپىسىنى، بانكا كارت ئسچوت قەغىزىنى تەلەپ قىلالايدۇ.
  • نىكاھلىق تۇرمۇشتا،كىم نىمەگە ئىگىدارچىلىق قىلدۇ؟ ئادەم، توي قىلىشتىن بۇرۇن ئىگەدارچىلىق قىلغان نەرسىلىرىگە تويدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىگىدارچىلىق قىلالايدۇ. ئادەم،ئۇندىن باشقا يەنە،تويدىن كېيىن ئىگە بولغان مىراس ياكى سوۋغاتلار ۋە ئۆزى سېتىۋالغان نەرسىلەرگىمۇ ئىگەدارچىلىق قىلالايدۇ. ئادەم ئۆزى ئىگەدارچىلىقىدىكى نەرسىنى جورىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ساتسا ياكى بېرىۋەتسە بۇلۇدۇ.
    ئەر- خوتۇن ئۆيدە ئشلىتىش ئۈچۈن ئورتاق سېتىۋالغان نەرسىلەرگە ئىككىسى ئورتاق ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.

پاكىتلار

نىكاھ قانۇنى

نىكاھ قانۇنى،نىكاھتىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدۇ. نىكاھسىز بىر تۇرغۇچىلار، نىكاھلىق ئەر- خوتۇنلار ئىگە بولغان ھۇقۇق ۋە مەجبۇريەتلەرگە ئىگە ئەمەس. شۇڭا، نىكاھسىز بىرگە تۇرىدىغان جۈپلەر ئۆز ئالدىغا ئايرىم توختام تۈزۈشى كېرەك.