بالا ۋە ئائىلە

يېقىن تۇققانلار ئارىسىدىكى زوراۋانلىق

نورۋېگىيە قانۇنىدا،بارلىق زوراۋانلىق قىلمشى مەنئى قىلىنغان بولۇپ، مەيلى بۇ ئائىلىدە بولامدۇ،مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز- يىگىت ئارىسىدا بولامدۇ، نىكاھلانماي بىرگە ياشىغۇچىلار ياكى ئەر- خوتۇنلار ئارىسىدا بولامدۇ ئوخشاش.

بالىلار تەربىيىسىدە تەن جازاسى بېرىش،جىنسىيىتىنى ناكا قىلىش ۋە بىرلىرىنى ئارزۇسىغا قارشى توي قىلىشقا زورلاشقا ئوخشاش ئىشلارمۇ زوراۋانلىق ھېساپلىنىدۇ.

يېقىنلار ئارىسىدىكى زوراۋانلىق ھەققىدە بۇ تور بەتتىن تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئالالايسىز:www.kompetansenorge.no/vold.

پاكىتلار

زوراۋانلىق دىگەن نىمە؟

  • زوراۋانلىق،باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىش دىمەكتۇر.
  • زوراۋانلىق،باشقىلارغا زەخمىلىنىش،ئاغرىق ياكى قورقۇنچ ئېپ كېلىىدىغان بارلىق ھەركەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
  • زوراۋانلىق، ھەم جىسمانى ھەم روھى جەھەتتىنمۇ بۇلۇدۇ.

يېقىن كىشلەر ئارىسىدىكى زوراۋانلىق دىگەندە، زوراۋانلىق قىلغۇچى ۋە زوراۋانلىقنىڭ قۇربانى بولغۇچى ياكى بىر ئائىلە كىشلىرى، ياكى دوست، ياكى بولمىسا بىر- بىر ئۈچۈن قىممەتلىك بولغان كىشلەردۇر.
UDI eller politiet