سالامەتلىك

سالامەتلىك ۋە پاراۋانلىق

بىزنىڭ سالامەتلىگىمىزگە كىم مەسئۇل؟

ئىلگىرى كىشلەر دائىم،بىمارلارنىڭ سالامەتلىگىگە سەھىيە تارماقلىرى مەسئۇل دەپ ئويلايتتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولسا، سالامەتلىگىمىزگە ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇليىتىمىز بار – دەپ ئويلاش بارغانچە ئومۇملىشىۋاتىدۇ. بىز تاللىغان ياشاش ئۇسۇلى سالامەتلىەىمىزگە تەسىر كۆرسۈتىدۇ. سەھىيە تارماقلىرىنىڭ بىزگە مەسلەھەت بېرىش ۋە يول كۆرسۈتۈش مەسئۇليىتى بار، ئەمما بۇ مەسلەھەت بۇيىچە ئىش قىلىش بولسا،ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇليىتى. ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەر خىل كېسەل داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەققىدە مەلۇمات تېپىش ئاسان. ئىنتېرنېتتىكى مەلۇماتلاردىن تاشقىرى، دوختۇردا ۋە دورىخانىلاردىمۇ مەلۇمات دەپتەرچىلىرى بار.

سالامەتلىك تېمىسىدا كۆپلەپ مەلۇمات بېرىش ۋە تەربىيلەش ئىشلىرى ئېپ بېرلىدۇ. سالامەتلىك،مەكتەپتىكى مۇھىم بىر تېما ۋە دۆلەت ھەر خىل سەھيە بىلىملىرىنى يەتكۈزۈش كامپانىيەلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ. تېلۋىزور ۋە رادىولاردىمۇ بۇ ھەقتە كۆپ ماتېرياللار بار.

گەرچە پاراۋانلىق جەمىيىتى ئاھالىلارنىڭ ساغلاملىغىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە چوڭ بىر مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ،يەنە نۇرغۇن ئەھۋاللار ھەر بىر شەخسنىڭ ھاياتىنى قانداق كەچۈرىشى ۋە سالامەتلىگىنى قانداق ئاسرىشىغا باغلىق. كۆپلىگەن دۆلەتلەردە، بىمارلار دوختۇرلارنىڭ، قانداق داۋالاشنى قارار قىلىدىغان مۇتلەق نۇپۇزلۇق كىشى تەرىقىسدە ئىش ئېپ بېرىشىغا كۆنۈپ قالغان. شۇنىڭدەك بىمارلار يەنە،دوختۇرنىڭ ئالدىدىن رېتسىپسىز قايتىپ چىقماسلىققا كۆنۈپ كەتكەن. نورۋېگىيەدە بولسا، بىمار بىلەن دوختۇرنىڭ ئوخشاش بولمىغان داۋالاش ۋە كۈزۈتۈش ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە بىرگە مۇزاكىر قىلىشى نورمال ئەھۋال.

ساغلاملىق- يالغۇز كېسەلدىن خالى بولۇشلا ئەمەس، باشقا مەنەلارغىمۇ ئىگە ؟

بەزىلەر ساغلاملىقنىڭ مەنىسى ئاغرىپ قالماسلىقتۇر دەپ قارايدۇ. باشقىلار بولسا، ساغلاملىق دىگەنلىك، بىر ئادەمنىڭ ياخشى تۇرغان بۇلۇشى ۋە ھاياتىدىن رازىمەنلىك ھىس قىلىشىدۇر دەپ قارايدۇ.

ساغلاملىققا تەبىر بېرىشنىڭ بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلىنىڭ ھەر ئىككىسى توغرا. ئېغىر كېسەللىكلەر ۋە نامراتلىق ھاياتنىڭ چوڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان جەمىيەتتە بەلكىم بىرىنچى خىل قاراش ئومۇملاشقان بۇلۇشى مۇمكىن. مۇتلەق كۆپچىلىك كېسەللىكلەرگە دورا تېپىلىدىغان ۋە ھەممە ئادەم زۈرۈر بولغان دوختۇر ياردىمىگە ئېرىشەلەيدىغان جەمىيەتتە بولسا، كۆپلىگەن كىشلەر،ساغلاملىق پەقەت جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ساغلام بۇلۇشلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىن كۆپ مەنىلەرگە ئىگە دەپ قارايدۇ.

پاكىتلار

ئىخىتىسادى سېستىمىلار

پاراۋانلىق دۆلىتىنىڭ مەقسىدى،بارلىق پۇقرالارنىڭ مۇمكىن قەدەر ئەڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. بۇ يەنە،ساغلام بۇلۇشنى ھەم ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پاراۋانلىق دۆلىتى،پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بۇلالىشىغا،ئىختىسادى ئەھۋالىنىڭ قانداق بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر،ھەممە كىشلەرنىڭ ئېھتىياجلىق بولغان داۋالىنىشقا ئېرىشەلىشىگە مەسئۇل بۇلۇدۇ. بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش يۈستىدىن،ھەر خىل ئىخىتىسادى سېستىمىلار تۈزۈلگەن.

مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇريىتى

سەھىيە تارماقلىرىدا ئىشلەيدىغان بارلىق خادىملارنىڭ مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇريىتى بار. بۇ دىگەنلىك،ئۇلار بىمارلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى،بىمارنىڭ ماقۇللىغىسىز ھىچكىمگە بەرسە بولمايدۇ- دىگەنلىكتۇر.