سالامەتلىك

تۈرلۈك سالامەتلىك تۈزۈلمىلىرى

مۇقىم دوختۇر (Fastlege) بېكىتىش تۈزىمى

بارلىق پۇقرالارنىڭ ئۈنۋېرىسال كېسەل كۆرىدىغان بىر مۇقىم دوختۇرى بۇلۇشقا ھەققى بار. ئادەم كېسەل بولغاندا بىرىنچى بۇلۇپ شۇ مۇقىم دوختۇرىغا مۇراجەت قىلىش كېرەك. مۇقىم دوختۇرنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بىمارلىرىغا ياردەم بىرىش مەجبۇريىتى بار. بىمارلارنى باشقا مەخسۇسلاشقان سەھىيە مۇلازىمىتىگە يولاش ئىشىنىمۇ مۇقىم دوختۇر قىلىدۇ.
تۆۋەندىكى تور بەتتە سىز مۇقىم دوختۇرىڭىزنى ئالماشتۇرالايسىز ۋە سالامەتلىككە ئائىت مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز: https://helsenorge.no

دوختۇرنىڭ مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇريىتى بولۇپ، بىمارنىڭ ماقۇللىغى بولماي تۇرۇپ، دوختۇر بىلەن بىمارنىڭ سۆزلەشكەنلىرىنى باشقىلارغا دىسە بولمايدۇ.

دورا دۇكىنى

دورا دۇكانلىرى دورا سېتىش بىلەن بىرگە، ساغلاملىق مەسلەھەتى بېرىش ۋە ھەر خىل دورىلارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چۈشەندۈرۈش ئشلىرىنىمۇ قىلىدۇ. كۆپۈنچە دورىلارنى پەقەت دورا دۇۆانلىرىدىنلا سېتىۋالغىلى بۇلۇدۇ. بەزى دورىلار، مەسىلەن، يېنىكرەك ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى بولسا، يىمەكلىك دۇكانلىردىن ياكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدىن سېتىۋالسىڭىز بۇلۇدۇ. باھا،ئوخشىمىغان دورا ۋە يىمەكلىك دۇكانلىرىدا پەرقلىنىدۇ.

نۇرغۇن دورىلار رېتسىپ تەلەپ قىلىدۇ. بۇ دىگەنلىك، سىز شۇ دورىنى دوختۇر بىلەن سۆزلەشمەي تۇرۇپ سېتىۋالالمايسىز. دوختۇر بىر رېتسىپ يېزىپ بېرىشى كېرەك، ئۇنىڭدا،سىزگە قانداق دورىنىڭ لازىملىغى ۋە دورىنىڭ قانداق ئىشلىتىلىشى يېزىلغان بۇلۇدۇ.

“كۆك رېتسىپلىق” دورىلار

ئەگەر سىزدە ئېغىر ۋە ئاسان ساقايمايدىغان سوزۈلما خارەكتىرلىك بىر كېسىلىڭىز بولسا ،ئۇ ھالدا سىز دورا،ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئەشيالىرى ۋە داۋالىنىش ئۈسكىنە-ئەسۋاپلىرى قاتارلىقلارنى كۆك رېتسىپقا ئالالايسىز. كۆك رېتسىپلىق دورا ئالدىڭىز دىگەن گەپ،دورىنىڭ ھەممە پۇلۇنى ئەمەس، پەقەت ئۆز ئۈلۈشىڭىز بولغان قىسمىنىلا تۆلەيسىز،قالغان كۆپ قىسمىنى دۆلەت كۆتۈرىدۇ- دىگەنلىكتۇر.

كۆك رېتسىپلىق دورىلارغا تۆلەيدىغان ئۆز ئۈلۈش پۇلى (Egenandelen) بىلەن دوختۇرغا تۆلىگەن ئۆز ئۈلۈش قوشۇلۇپ ھەقسىز كېسەل كۆرسۈتۈش كارتىسى ئېلىشقا ھېساپلىنىدۇ.

چىش دوختۇرى

بالىلار ۋە ياش- ئۆسمۈرلەر، 18 گە تولغانغا قەدەر، قەرەرلىك ھالدا چىش تەكشۈرتۈشكە چاقىرتىلىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل چىش داۋالاش چىقىمىنى دۆلەت كۆتۈرۈدۇ. 18 ۋە 20 ياش ئارىسىدىكى ياشلار چىش داۋالىتىش چىقىمىنىڭ %25 نى ئۆزى تۆلەيدۇ، قالغان %75 نى دۆلەت تۆلەيدۇ. 20 ياشتىن ئاشقان چوڭلار چىش داۋالاش چىقىمىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى تۆلەيدۇ. قورامىغا يەتكەنلەر ئۆزى شەخسى چىش دوختۇرىغا كۆرۈنۈشى كېرەك، يىلدا بىر قېتىم چىشىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش نۇرمال ئەھۋال.

Egenandel hos tannlege for ungdom 18-20 år

ئەگەر بىر بالا ياكى ياش چىش رەتلىمە قىلدۇرماقچى بولسا، ئاتا- ئانىسى بۇنىڭ ئۆز ئۈلۈش قىسمىنى تۆلەش كېرەك.

Jente med tannregulering

دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش

دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەقسىز. پۈتۈن داۋالىنىش چىقىمى، ياتاق ۋە تاماق خىراجەتلىرىنى دولەت كۆتۈرۈدۇ.

ئەگەر بالنېستا يېتىش ئالدىن پىلان قىلىنغان بولسا، قايسى دوختۇرخانىدا يېتىشنى ئۆزىڭىز تاللىسڭىز بۇلۇدۇ. داۋالىنىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان ساقلاش ۋاقتى بولۇشى مۈمكىن، شۇڭا، بۇ تور بەتكە قاراپ بېقىشنىڭ پايدىسى بار: .

ئۇندىن باشقا نورۋېگىيەدە ناھايتى ئاز ساندىكى شەخسى دوختۇرخانىلارمۇ بار. ئەگەردە سىز شەخسى دوختۇرخانىدا داۋالىنىشنى تاللىسىڭىز، ئۇ ھالدا داۋالىنىش چىقىمىنى ئۆزىڭىز تۆلەيسىز.

دوختۇرخانىدا ئامبۇلاتۇريەلىك داۋالاش

دوختۇرخانىدا ئامبۇلاتۇريەلىك داۋالاش دىگىنىمىز، سىز بىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىسىز، ئەمما بالنىستا ياتمايسىز. يەنى،سىز بىر كېلىشىلگەن ۋاقىتتا كېلىسىز، داۋالاش تۈگىگەندە ئۆيىڭىزگە قايتىپ كېتىسىز. ئامبۇلاتۇريەلىك داۋالاشقا ئېرىشكەن ۋاقتىڭىزدا، خۇددى،مۇقىم دوختۇرغا ۋە تىببى مۇتەخەسىسكە كۆرۈنگەندىكىگە ئوخشاش ئۇسۇلدا ئۆز ئۈلۈش تۈلەيسىز.

تىببى مۇتەخەسىس

تىببى مۇتەخەسىس دىگەندە، مەسىلەن، بىر ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى،بىر تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرى، بىر قۇلاق- بۇرۇن- گال كېسەللىكلىرى دوختۇرى،ياكى بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرىنى كۆرسۈتۈدۇ.

ئادەم بىر تىببى مۇتەخەسىسكە كۆرۈنۈش ئۈچۈن، ئۆز مۇقىم دوختۇرىنىڭ، ياكى باشقا بىر ئونۋېرسال دوختۇرنىڭ تەۋسىيەسىنى ئالغان بۇلۇشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىغان تەغدىردە تۆلەيدىغان ئۆز ئۈلۈش يۇقىرىراق بۇلۇدۇ.

جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى

ئەگەر سىزگە جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كېرەك بولسا، جىددى نۇمۇرغا(113) تېلفۇن قىلىشىڭىز لازىم. بۇ ۋاقىتتا سىز جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى مەركىزىگە ئۇلىنىسىز. سىزنىڭ ئۇلارغا توغرا مەلۇمات بېرىشىڭىز مۇھىم:

سىز كىم؟
(ئسمىڭىز، تەلفۇن نۇمۇرىڭىز،قەيەردىن تېلفۇن قىلۋاتىسىز دىگەندەك)

نىمە ئىش يۈز بەردى؟
(قانچە ئادەم يارىلاندى، ئېغىر ياىلانغانلار بارمۇ دىگەندەك)

سىز قەيەردە؟
(توپ- توغرا ئادرىسىڭىز ياكى ئورۇن)

جىددى داۋالاش بۆلۈمى

ناۋادا ئادەم،نورمال ئىش ۋاقتىنىڭ سىرتىدا جىددى كېسەل كۆرسىتىدىغان بوپ قالسا، جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى بىلەن ئالاقە قىلسا بۇلىدۇ. (116 117)

نورۋېگىيەدىكى بارلىق كومۇنالارنىڭ بىردىن جىددى داۋالاش بۆلۈمى مۇلازىمىتى بار. جىددى داۋالاش بۆلۈمى ئادەتتىكى دوختۇر ئىشخانىلىرى تاقاقالغان ۋاقىتلاردا،يەنى ئاخشىمى، كېچىدە ۋە ھەپتە ئاخىردا ئىشلەيدۇ. ئادەم جىددى داۋالاش بۆلۈمىگە بارغاندا، داۋالاشنىڭ ئۆز ئۈلۈش قىسمىنى تۆلىگەندىن سىرت،تەكشۈرۈش، ماتېريال ۋە باشقا قوشۇمچە چىقىملارنىمۇ ئۆزى تۆلەيدۇ.

سىزگە ئەڭ يېقىن بولغان جىددى داۋالاش بۆلۈمىنىڭ نەدىلىگىنى بىلىۋېلىڭ!

پاكىتلار

ئۆز ئۈلۈش پۇلى

  • دوختۇر چىقىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى دۆلەت كۆتۈرۈدۇ. بىمارلار چۇقۇم ئۆز ئۈلىش پۇلىنى تۆلىشى كېرەك،
  • قالغان قىسمىنى دۆلەت كۆتۈرۈدۇ. بىمارلار ئۆز ئۈلۈش پۇلىنى تۆلىگەندىن سىرت، (تېڭىق)داكا، شپىرىس،
  • دورا،تەكشۈرۈشلەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان چىقىملارنى ئۆزى تۆلىشى كېرەك. 16 ياشتىن تۆۋەنلەر ئۆز ئۈلۈش پۇلى تۆلىمەيدۇ. ھامىلدارلىق تەكشۈرتۈشلىرىمۇ ھەقسىز. بىرقېتىملىق ئۆزىنىڭ مۇقىم دوختۇرغا
  • كۆرۈنگەندىكى ئۆز ئۈلۈش پۇلى ئادەتتە تەخمىنەن 150 -300 كرونغىچە.

ھەقسىز داۋالىنىش كارتىسى

سىزنىڭ بىر يىل ئىچىدە تۆلىگەن ئۆز ئۈلۈش پۇلىڭىزبېكىتىلگەن مەلۇم بىر مىقتارغا يەتكەندە ھەقسىز داۋالىنىش كارتىسىغا ئېرىشىش ھەققىڭىز بولۇدۇ. بەلگۈلەنگەن مىقتاردىكى ئۆز ئۈلۈش پۇلىنى تۆلەپ بولغان ۋاقتىڭىزدا،ئاپتوماتىك ھالدا، سەھىيە ئىختىسادى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن (HELFO) ئېۋەتىلگەن ھەقسىز داۋالىنىش كارتىسىنى پوچتىدىن تاپشۇرۇپ ئالىسىز.بۇنىڭ بىلەن يىلنىڭ قالغان قىسمىدا ئۆز ئۈلۈش پۇلىنى تۆلەشتىن قۇتۇلۇپ قالىسىز. helfo.no/frikort-for-helsetjenester-egenandelstak-1

تۆۋەندىكى تور بەتتىن مۇقىم دوختۇرلارنىڭ تىزىملىگىنى تاپالايسىزۋە بۇ تىزىملىكتىن مۇقۇم دوختۇرىڭىزنى تاللىسىڭىز بولۇدۇ. https://helsenorge.no/