سالامەتلىك

تۈرلۈك تۈزۈلمىلەر

مۇقىم دوختۇر (Fastlege) بېكىتىش تۈزىمى

بارلىق پۇقرالارنىڭ ئۈنۋېرىسال كېسەل كۆرىدىغان بىر مۇقىم دوختۇرى بۇلۇشقا ھەققى بار. ئادەم كېسەل بولغاندا بىرىنچى بۇلۇپ شۇ مۇقىم دوختۇرىغا مۇراجەت قىلىش كېرەك. مۇقىم دوختۇرنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بىمارلىرىغا ياردەم بىرىش مەجبۇريىتى بار. بىمارلارنى باشقا مەخسۇسلاشقان سەھىيە مۇلازىمىتىگە يولاش ئىشىنىمۇ مۇقىم دوختۇر قىلىدۇ.

دوختۇرنىڭ مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇريىتى بولۇپ، بىمارنىڭ ماقۇللىغى بولماي تۇرۇپ، دوختۇر بىلەن بىمارنىڭ سۆزلەشكەنلىرىنى باشقىلارغا دىسە بولمايدۇ.

دورا دۇكىنى

دورا دۇكانلىرى دورا سېتىش بىلەن بىرگە، ساغلاملىق مەسلەھەتى بېرىش ۋە ھەر خىل دورىلارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چۈشەندۈرۈش ئشلىرىنىمۇ قىلىدۇ. كۆپۈنچە دورىلارنى پەقەت دورا دۇۆانلىرىدىنلا سېتىۋالغىلى بۇلۇدۇ. بەزى دورىلار، مەسىلەن، يېنىكرەك ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى بولسا، يىمەكلىك دۇكانلىردىن ياكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدىن سېتىۋالسىڭىز بۇلۇدۇ. باھا،ئوخشىمىغان دورا ۋە يىمەكلىك دۇكانلىرىدا پەرقلىنىدۇ.
نۇرغۇن دورىلار رېتسىپ تەلەپ قىلىدۇ. بۇ دىگەنلىك، سىز شۇ دورىنى دوختۇر بىلەن سۆزلەشمەي تۇرۇپ سېتىۋالالمايسىز. دوختۇر بىر رېتسىپ يېزىپ بېرىشى كېرەك، ئۇنىڭدا،سىزگە قانداق دورىنىڭ لازىملىغى ۋە دورىنىڭ قانداق ئىشلىتىلىشى يېزىلغان بۇلۇدۇ.

“كۆك رېتسىپلىق” دورىلار

ئەگەر سىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك داۋالاشنى تەلەپ قىلىدىغان، سوزۈلما خارەكتىرلىك بىر كېسىلىڭىز بولسا، يەنى،ئۇزۇن داملىشىدىغان بىر كېسەللىك بۇلۇپ، سىزنىڭ بۇنىڭغا قارتا بىر يىل ئىچىد، كەمىدە ئۈچ ئاي دورا ياكى باشقا ماتىريال ئىشلىتىشىڭىز زۈرۈر بولسا،ئۇ ھالدا سىز كۆك رېتسىپلىق دورا ئالالايسىز. كۆك رېتسىپلىق دورا ئالدىڭىز دىگەن گەپ،دورىنىڭ ھەممە پۇلۇنى ئەمەس، پەقەت ئۆز ئۈلۈشىڭىز بولغان قىسمىنىلا تۆلەيسىز،قالغان كۆپ قىسمىنى دۆلەت كۆتۈرىدۇ- دىگەنلىكتۇر.

كۆك رېتسىپلىق دورىلارغا تۆلەيدىغان ئۆز ئۈلۈش پۇلى (Egenandelen) بىلەن دوختۇرغا تۆلىگەن ئۆز ئۈلۈش قوشۇلۇپ ھەقسىز كېسەل كۆرسۈتۈش كارتىسى ئېلىشقا ھېساپلىنىدۇ.

Egenandel medisiner på blå resept

چىش دوختۇرى

بالىلار ۋە ياش- ئۆسمۈرلەر، 18 گە تولغانغا قەدەر، قەرەرلىك ھالدا چىش تەكشۈرتۈشكە چاقىرتىلىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل چىش داۋالاش چىقىمىنى دولەت كۆتۈرۈدۇ. 18 ۋە 20 ياش ئارىسىدىكى ياشلار چىش داۋالىتىش چىقىمىنىڭ %25 نى ئۆزى تۆلەيدۇ، قالغان %75 نى دۆلەت تۆلەيدۇ. 20 ياشتىن ئاشقان چوڭلار چىش داۋالاش چىقىمىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى تۆلەيدۇ. قورامىغا يەتكەنلەر ئۆزى شەخسى چىش دوختۇرىغا كۆرنۈشى كېرەك، يىلدا بىر قېتىم چىشىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش نۇرمال ئەھۋال.

Egenandel hos tannlege for ungdom 18-20 år

 

ئەگەر بىر بالا ياكى ياش چىش رەتلىمە قىلدۇرماقچى بولسا، ئاتا- ئانىسى بۇنىڭ ئۆز ئۈلۈش قىسمىنى تۆلەش كېرەك.
چىش رەتلىمە تاقىغان قىز

دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش

دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەقسىز. پۈتۈن داۋالىنىش چىقىمى، ياتاق ۋە تاماق خىراجەتلىرىنى دولەت كۆتۈرۈدۇ.
ئەگەر بالنېستا يېتىش ئالدىن پىلان قىلىنغان بولسا، قايسى دوختۇرخانىدا يېتىشنى ئۆزىڭىز تاللىسڭىز بۇلۇدۇ. داۋالىنىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان ساقلاش ۋاقتى بولۇشى مۈمكىن، شۇڭا، بۇ تور بەتكە قاراپ بېقىشنىڭ پايدىسى بار: http://www.frittsykehusvalg.no/.

ئۇندىن باشقا نورۋېگىيەدە ناھايتى ئاز ساندىكى شەخسى دوختۇرخانىلارمۇ بار. ئەگەردە سىز شەخسى دوختۇرخانىدا داۋالىنىشنى تاللىسىڭىز، ئۇ ھالدا داۋالىنىش چىقىمىنى ئۆزىڭىز تۆلەيسىز.

دوختۇرخانىدا ئامبۇلاتۇريەلىك داۋالاش

دوختۇرخانىدا ئامبۇلاتۇريەلىك داۋالاش دىگىنىمىز، سىز بىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىسىز، ئەمما بالنىستا ياتمايسىز. يەنى،سىز بىر كېلىشىلگەن ۋاقىتتا كېلىسىز، داۋالاش تۈگىگەندە ئۆيىڭىزگە قايتىپ كېتىسىز. ئامبۇلاتۇريەلىك داۋالاشقا ئېرىشكەن ۋاقتىڭىزدا، خۇددى،مۇقىم دوختۇرغا ۋە تىببى مۇتەخەسىسكە كۆرۈنگەندىكىگە ئوخشاش ئۇسۇلدا ئۆز ئۈلۈش تۈلەيسىز.

تىببى مۇتەخەسىس

تىببى مۇتەخەسىس دىگەندە، مەسىلەن، بىر ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى،بىر تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرى، بىر قۇلاق- بۇرۇن- گال كېسەللىكلىرى دوختۇرى،ياكى بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرىنى كۆرسۈتۈدۇ.

ئادەم بىر تىببى مۇتەخەسىسكە كۆرۈنۈش ئۈچۈن، ئۆز مۇقىم دوختۇرىنىڭ، ياكى باشقا بىر ئونۋېرسال دوختۇرنىڭ تەۋسىيەسىنى ئالغان بۇلۇشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىغان تەغدىردە تۆلەيدىغان ئۆز ئۈلۈش يۇقىرىراق بۇلۇدۇ.

جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى

ئەگر سىزگە جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كېرەك بولسا، جىددى نۇمۇرغا تېلپۇن قىلىشىڭىز لازىم. بۇ ۋاقىتتا سىز جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى مەركىزىگە ئۇلىنىسىز. سىزنىڭ ئۇلارغا توغرا مەلۇمات بېرىشىڭىز مۇھىم:

سىز كىم؟
(ئسمىڭىز، تەلپۇن نۇمۇرىڭىز،قەيەردىن تېلپۇن قىلۋاتىسىز دىگەندەك)

نىمە ئىش يۈز بەردى؟
(قانچە ئادەم يارىلاندى، ئېغىر ياىلانغانلار بارمۇ دىگەندەك)

سىز قەيەردە؟
(توپ- توغرا ئادرىسىڭىز ياكى ئورۇن)

جىددى داۋالاش بۆلۈمى

ناۋادا ئادەم،نورمال ئىش ۋاقتىنىڭ سىرتىدا جىددى كېسەل كۆرسىتىدىغان بوپ قالسا،كومۇنانىڭ جىددى داۋالاش بۆلۈمى بىلەن ئالاقە قىلسا بۇلۇدۇ.

نورۋېگىيەدىكى بارلىق كومۇنالارنىڭ بىردىن جىددى داۋالاش بۆلۈمى مۇلازىمىتى بار. جىددى داۋالاش بۆلۈمى ئادەتتىكى دوختۇر ئىشخانىلىرى تاقاقالغان ۋاقىتلاردا،يەنى ئاخشىمى، كېچىدە ۋە ھەپتە ئاخىردا ئىشلەيدۇ.

ئادەم جىددى داۋالاش بۆلۈمىگە بارغاندا، داۋالاشنىڭ ئۆز ئۈلۈش قىسمىنى تۆلىگەندىن سىرت،تەكشۈرۈش، ماتېريال ۋە باشقا قوشۇمچە چىقىملارنىمۇ ئۆزى تۆلەيدۇ.

سىزگە ئەڭ يېقىن بولغان جىددى داۋالاش بۆلۈمىنىڭ نەدىلىگىنى بىلىۋېلىڭ!

پاكىتلار

ئۆز ئۈلۈش پۇلى

  • ئەسلىدىكى دوختۇرغا كۆرۈنۈش چىقىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى دۆلەت كۆتىرىدۇ. بىمار،ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان ئۆز ئۈلۈش پۇلىنى تۆلىشى كېرەك،قالغان قىسمىنى دۆلەت كۆتىرىدۇ.
  • بىمار ئۆز ئۈلۈش پۇلىنى تۆلىگەندىن سىرت يەنە،داكا، ئوكۇل،دورا، تەجىربە قىلىش ۋە شۇنىڭغا ئۇخشىغان باشقا چىقىملارنىمۇ ئۆزى تۆلەيدۇ.
  • 16 ياشتىن كىچىك بالىلار ئۆز ئۈلۈش پۇلى تۆلىمەيدۇ. ھامىلدارلىق تەكشۈرۈشى ھەقسىز.
  • مۇقىم دوختۇرغا كۆرۈنگەندە تۆلەيدىغان ئۆز ئۈلۈش پۇلى ئادەتتە 200 كرۇننىڭ تۆۋىنىدە بۇلۇدۇ.(2012- يىلى)

ھەقسىز داۋالىنىش كارتىسى

بىر يىل ئىچىدە تۆلىگەن ئۈز ئۈلۈش پۇلىڭىز بىكىتىلگەن بىر مىقتارغا يەتكەندە، ھەقسىز داۋالىنىش كارتىسىغا ئېرىشىش ھەققىڭىز بۇلۇدۇ. بۇنىڭ مىقتارى 2014- يىلى 2105 كرون قىلىپ بىكىتىلگەن. سىز تۆلىگەن ئۈز ئۈلۈش پۇلىڭىز 2105 كرۇنغا يەتكەندە،سەھىيە ئىختىسات باشقۇرۇش ئىدارىسى (HELFO) ئاپتۇماتىك شەكىلدە سىزگە،ھەقسىز داۋالىنىش كارتىسىنى پوچتىدىن ئېۋەتىپ بېرىدۇ. سىز دۇختۇرغا كۆرۈنگەندە ۋە كۆك رېتسىپقا دورا سېتىۋالىدىغاندا بۇ كارتىنى كۆرسىتىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ بىلەن يىلنىڭ قالغان قىسمىدا، ئۆز ئۈلۈش پۇلى تۆلەشتىن خالاس بۇلۇسىز.https://helsenorge.no/دىگەن تور بەتتىن،مۇقىم دوختۇرلارنىڭ تىزىملىگى بار. مۇشۇ تىزىملىكتىن مۇقۇم دوختۇرىڭىزنى تاللىسىڭى بۇلۇدۇ.

مەشىقلەرنى ئىشلەڭ