بالىلار ۋە سالامەتلىك
ھامىلدارلىق تەكشۈرۈشى ۋە تۇغۇت
بىر جەمىيەتتىكى بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسپىتى، ئاتا- ئانا ۋە بالىلارغا تەمىن ئېتىلگەن پاراۋانلىق كاپالىتى ھەمدە باشقا سوتسىئال پاراۋانلىق ئەۋزەللىكلىرىنىڭ تەسىرىدىن باشقا، تۇرمۇش ئۆلچىمى،سەھىيە مۇلازىمىتى ۋە داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە،كۆپلىگەن باشقا دۆلەتلەرگە ۋە بۇرۇنقى زامانلارغا
سېلۇشتۇرغاندا نورۋېگىيەدە بوۋاق بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسپىتى تۆۋەن. نورۋېگىيەدىكى ھامىلدار ئاياللار ھەقسىز ھامىلدارلىق تەكشۈرشى قىلدۇررۇش ھۇقۇقىغا ئىگە. تەكشۈرۈشنى، سەھيە پۇنكىتلىرى، ياكى، مۇقۇم دوختۇر قىلىدۇ. بۇنداق تەكشۈرۈش ئىختىيارى بولۇپ، مەقسەت، ئانا ۋە بالىنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلدىكى،تۇغۇت داۋامىدىكى ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى سالامەتلىگىگە كاپالەتلىك قىلىش. نورۋېگىيەدە، ھامىلدارلىق داۋامىدا، 10 قېتىمدىن 12 قېتىمغىچە تەكشۇرتۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. مۇتلەق كۆپۈنچەيلەن دوختۇرخانىدا تۇغۇدۇ ۋە بۇ ھەقسىز.
نورۋېگىيەدىكى بارلىق بالىلار ۋە ياش- ئۆسمۈرلەر قەرەرلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.بۇنداق تەكشۈرۈشلەر، بالىلارنىڭ بوۋاقلىق ۋاقتىدىن تارتىپ، ئوقۇش يېشىغىچە بولغان ئارلىقتا سالاامەتلىك ئاسراش مەركىزىدە ئېپ بېرلىدۇ. بالىلار مەكتەپكە باشلىغاندىن كېيىن بولسا، تەكشۈرۈشكە مەكتەپنىڭ سەھىيە مۇلازىمەت ئىشخانىسى مەسئۇل بۇلۇدۇ. سالاامەتلىك ئاسراش مەركىزىدە ۋە مەكتەپ سەھىيە ئىشخانىسىنىڭ مۇلازىمىتى ھەقسىز.
سالاامەتلىك ئاسراش مەركىزىدە ،بالىنىڭ تەرەققى قىلىش ئەھۋالى يەنى، بويىنىڭ ئۆسۈشى، ئېغىرلىغى نورمالمۇ- يوق، كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى ياخشىمۇ، چۈشۈنۈش ۋە سۆزلەشنى ئۈگىنەلەۋاتامدۇ دىگەندەك تەرەپلەر كۈزىتىلىدۇ. ئەگەر بالىنىڭ تەرەققىياتىدا بىر مەسىلە بولسا، سەھىيە پونكىتى بۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ ۋە يېتېكچىلىك قىلىدۇ.
نورۋېگىيەدىكى بارلىق بالىلار ۋە ياش- ئۆسمۈرلەر، ئېغىر كېسەللىكلەرگە قارشى ھەقسىز ۋاكسىنىلاشتىن (vaksinasjon) بەھرىمەن بولالايدۇ. ۋاكسىنىلاش،كېسەلگە قارشى مۇدەپەلىنىشنىڭ ئەڭ ئاددى، ئۈنۈملۈك ۋە بىخەتەر چارىسى. ۋاكسىنىلاش بولسا ئىختىيارى، لېكىن نورۋېگىيە ھۆكۈمەت دائىرلىرى ئاتا- ئانىلارنىڭ باللىرىنى ۋاكسىنىلىتىشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىدۇ.
ۋاكسىنىلاش بولسا، ۋاكسىنىلاش پروگرامماىسىنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ ھەقسىز. مەسىلەن،چەتئەلگە سەپەر قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن قوشۇمچە ۋاكسىنىلاشقا توغرا كەلسە، بۇنىڭغا ئۆزىڭىز پۇل تۆلەيسىز.