سالامەتلىك

ياشانغانلار ۋە سالامەتلىك

نورۋېگىيەدىكى ياشانغان كىشلەرنىڭ ھەممىسى پىنسىيە ئالىدۇ. پىنسىيەنىڭ مىقتارى ئىلگىركى ئىش كىرىمىگە قاراپ پەرقلىق بۇلۇدۇ.

نورۋېگىيەدىكى ياشانغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىگى ئۆز ئۆيىدە تۇرىدۇ. بىر قىسمى كومۇنانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ، مەسىلەن،ئۆي سېستىراسى،ئۆي ياردەمچىسى،كومۇنا ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزىدىن ئورۇن بېرىش قاتارلىق. ئەمما،نۇرغۇنلىرى ئۆز ئالدىغا، ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن تولۇق چىقالايدۇ.

En eldre dame får medisinsk hjelp
قاچانكى ئادەم ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ھالغا كەلگەندە، ياشانغانلار سانۇتۇريەسىدىن ئورۇنغا ئىلتىماس قىلسا بۇلۇدۇ. لېكىن، 90 ياشتىن ئاشقان كىشلەرنىڭ پەقەت يېرىمىلا ساناتۇريەدە تۇرىدۇ.

ئۆي مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولغۇچىلار،بۇ مۇلازىمەت ئۈچۈن ئۆز ئۈلۈش پۇلى تۆلەيدۇ. قالغان مۇلازىمەت چىقىملىرىنىڭ ھەممىسىنى كومۇنا تۆلەيدۇ. تۆلەيدىغان ئۆز ئۈلۈش پۇلىنىڭ ئاز- كۆپلىگى كومۇنادىن- كومۇناغا پەرقلىق بۇلۇدۇ.

ياشانغانلار ساناتۇريەسىدە تۇردىغانلارمۇ ، ئۆز ئۈلۈش پۇلى تۆلەيدۇ. ياشانغانلار ساناتۇريەسىدىكى بىر كىشلىك ئورۇننىڭ بىر يىللىق ئومۇمى چىقىمى،تەخمىنەن 800 000 كرۇنغا توختايدۇ. ئادەم ئۆزى قانچىلىك ئۆز ئۈلۈش پۇلى تۆلەيدۇ بۇ شۇ كىشىنىڭ كىرىمىغا باغلىق بۇلۇدۇ.

Eldre person i rullestol Eldre mann på sykehjem

ياشانغان كىشلەرنىڭ سالامەتلىگىدە ھەمىشە ئالاھىدە مەسىلىلەر بۇلۇدۇ.

  • ياشانغان ۋاقتىمىزدا،بەدىنىمىزمۇ چارچىغان بۇلۇدۇ. بەلكىم،مۇسكۇل ۋە سۈڭەكلىرىمىز بەكرەك ئاغرىشى، بۇرۇنقىدەك جىق ئىشلارنى قىلىشقا بەرداشلىق بېرەلمەسلىگىمىز مۈمكىن. بۇ،ئادەمنى روھى چۈشكۈنلۈك ۋە يالغۇزلۇققا دۇچار قىلىدۇ.
  • نورۋېگىيەدىكى تەخمىنەن 100 000 ياشانغان كىشى روھى چۈشكۈنلۈكنىڭ ئازابىنى چېكىدۇ. بۇنىڭغا،سالامەتلىكنىڭ ئومۇمەن ئىلگىركىدىن ناچار بۇلۇشى سەۋەپ بۇلۇدۇ. لېكىن،تەنھالىق ۋە يالغۇز قېلىشمۇ يەنە بىر تۈلۈك سەۋەپ.
    ياشانغالاردا، خاتىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئومۇمى بىر ئەھۋال ۋە نۇرغۇن كىشلەردە بۇ دىۋەڭلىك(گومۇشلۇق)كېسىلىگە تەرەققى قىلىدۇ. دىۋەڭلىك بىر تۈرلۈك ھالكى،ئۇنىڭدا مېڭە زەخمىلەنگەن بۇلۇدۇ ھەمدە، بۇ بېرىپ، خاتىرە، ھىس- تۇيغۇ ۋە ئىجتىمايى ئىقتىدارىنى كاردىن چىقىرىدۇ.
  • بەزىلەر ياشانغاندا تاماققا ئىشتىيىنى يوقۇتۇدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇلارغا بىر بولسا ئۇزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ ياكى بولمىسا، ئۇزۇقلۇنۇش تەڭپۇڭسىزلىغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىممۇنىت كۈچى ئاجىزلىشىدۇ،نەتىجىدە، ئۇلار ئاسانلا كېسەل بۇلۇدۇ ۋە يۇقۇملۇنۇدۇ.

پاكىتلار

ئاممىۋى ساغلاملىق

ئاخىرقى 100 يىل ئىچىدە،نورۋېگىيەدىكى ئاممىۋى ساغلاملىق ماھىيەتلىك ياخشىلاندى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، پاراۋانلىق جەمىيىتى تەرەققى قىلدى ۋە بارغانسىرى تېخىمۇ كۆپ كىشلەرگە، ياخشى ۋە خاتىرجەم ياشاشنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىمكانىيەتلىرىنى يارىتىپ بەردى. ھازىر نورۋېگىيەدىكى كىشلەر بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئۇزۇن ياشايدۇ. ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىگىمۇ بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدىن ياخشى. بۇلار،ئۇزۇنغىچە،ياخشى ۋە ئاكتىپ ھايات كەچۈرۈشكە ئىمكانىيەت بېرىدۇ.