سالامەتلىك

روھى ساغلاملىق

ھەممە ئىنسان، بەلكىم ھاياتىنىڭ مەلۇم مەزگىلىدە روھى ئازاپقا دۇچ كېلىدۇ. كىشلەردىكى روھى مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەپلەر ھەر خىل بۇلۇشى مۈمكىن. بەلكىم ھاياتتا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، مەسىلەن،ئائىلىۋى مەسىلىلەر ياكى خىزمەت شارائىتىدىكى زىدىيەتلىك ئەھۋاللار تۈپەيلى كېلىپ چىقىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا روھى مەسىلىلەر بىر كىرزىستىن كېيىن،ئۆلۈم- يىتىم،بىر كېلىشمەسلىك ياكى ئۇرۇشتا باشتىن كەچۈرگەنلىرى سەۋەبىدىن پەيدا بۇلۇدۇ. بەزى ئادەملەرنىڭ ئىرىسيىتىدە روھى ئازاپ چېكىشكە مايىللىق يۇشۇرۇنغان بۇلۇدۇ، ۋە شۇنىڭدەك روھى بېسىم بۇنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بۇلۇشى مۈمكىن.

روھى سالامەتلىككە بولغان كۆز قاراش، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەردى. بۈگۈنكى كۈندە نورۋېگىيە ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمىدا، روھى كېسەللىككە قارتا بىر ئوچۇق- يورۇقلۇق ۋە چۈشۈنۈش پوزىتسىيەسى شەكىللەندى. كىشلەرنىڭ كۆپۈنچىسى، روھى كېسەللەرمۇ،خۇددى ئادەتتىكى جىسمانى كېسەل بولغانلا بىلەن باراۋەر شەكىلدە،سەھىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن داۋالىنىش ۋە ياردەمگە ئېرىشىشى كېرەك- دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدەك،كىشلەر يەنە، روھى كېسەللەرنىڭمۇ كېسەلدىن خالاس بۇلۇپ ئەسلىگە كېلىشى تامامەن مۈمكىن – دەپ ئىشىنىدۇ.

كۆچمەنلىك جەريانى

يېڭى بىر دۆلەتكە كۆچۈپ بارغان كىشلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىز دەيدىغان روھى كۆچمەنلىك جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ: يەنى بىر دۆلەتكە يېڭى كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە،ھايات ياخشى ئۆتىدۇ ۋە ئادەم بۇ يېڭى دۆلەتكە نىسپەتەن ئىجابى پوزىتسىيەدە بۇلۇدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن،نۇرغۇنلار روھى جەھەتتىن ئۆزىنى چۈشكۈن ھىس قىلىدۇ ھەمدە،بۇ يېڭى دۆلەتكە قارتا نۇرغۇن سەلبى ئويلار پەيدا بۇلۇدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن كۆپۈنچىلەرنىڭ ھاياتى تۇراقلىشىدۇ.