ئىش ھاياتى

ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق

مۈمكىنقەدەر كۆپ ساندىكىلىرىمىزنىڭ مۇئاشلىق خىزمەتلەردە بۇلۇشىمىز،دۆلەت ۋە كومۇناغا كىرىدىغان باج كىرىمىنىڭ يۇقۇرىراق بۇلۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ،جەمىيەت ئۈچۈن بىر قانچە جەھەتتىن پايدىلىق:

  • مەكتەپ، سەھىيە ئىشلىرى ۋە يول قاتارلىقلارغا كۆپرەق پۇل ئاجراتقىلى بۇلۇدۇ.
  • پاراۋانلىق ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا يېتەرلىك پۇلىمىز بۇلۇدۇ. دۆلەتنىڭ چىقىملىرى ئازىيىدۇ.(ئىشسىزلىق پۇلى،ئىجتىمائى ياردەم،پاراۋانلىق پۇلغا ئېھتىياج بولۇدىغانلارنىڭ سانى ئازىيىدۇ..دىگەندەك).

1960- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ نورۋېگىيە بىر نېفت دۆلىتىگە ئايلاندى. نېفت دۆلىتى دىگەنلىك،بىر دۆلەتتە نېفت ۋە نېفت سانائىتىنىڭ مۇھىم ئىگلىك شەكلى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈدۇ.

نورۋېگىيە،نېفت ۋە گاز ئېكسپورتىدىن نۇرغۇن كىرىم قىلىدۇ. نۇرغۇن ئادەملەر،دەل مۇشۇ پۇل بولغاچقىلا نورۋېگىيە بىر پاراۋانلىق دۆلىتى بولالىغان- دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ توغرىمۇ؟

نېفت ۋە گاز ئىكسپورتىدىن كىرگەن كىرىم پاراۋانلىق دۆلىتىنىڭ پاراۋانلىق چىقىملىرىنى قامداشقا ياردەمدە بۇلۇدۇ. كوللىكتىپنىڭ ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىدىغان خىراجەتنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسمى نېفت كىرىمىدىن ئاجرىتىلىدۇ. قالغان قىسمى باج ۋە سېلىقلار بىلەن قامدىلىدۇ.

بىز ئىشلىسەك، بۇنىڭ پايدىسى يالغۇز جەمىيىتكىلا بولمايدۇ. قۇرامىغا يەتكەن كىشلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىگى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان بىر خىزمەتنىڭ بۇلۇشى بىر ياخشى ئىش.

خىزمەت بىزگە مۇنۇلارنى بېرىدۇ:

  • ئىختىسادى ئىمكانىيەتلەر
  • مۇستەقىللىق ۋە مەنىلىك كۈنلەر
  • ئىجتىمائى سالاھىيەت ۋە ئىجتىمائى ئالاقە
  • ئۆز ئىقتىدارى ۋە قابىليىتىنى ئىشقا سېلىش پۇرسىتى
  • جەمىيەتكە ھەسسە قوشۇش ئىمكانىيىتى ۋە ئۆز قىممىتىمىزنى ھىس قىلىش

پاكىتلار