ئىش ھاياتى

تارىخى تەرەققىيات

بۇندىن 150 يىل بۇرۇن،نورۋېگىيەدىكى ئاساسلىق ئىگلىك شەكلى، دېھقانچىلىق،ئورمانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق ئىدى. ئۇندىن كېيىن كۆپ ئۆزگۈرشلەر يۈز بەردى. 1800- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا زاۋۇتلار قۇرۇلدى، نۇرغۇن كىشلەر شەھەرلەرگە كۆچۈپ كىرىپ،سانائەت ئىشلىرىدا ئىشلەشكە باشلىدى. 1900- يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا،سانائەت ساھەسىدە كۆپلىگەن ئىش ئورۇنلىرى بەرپا قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،نۇرغۇنلىغان نورۋېگىيېلىكلەر ئامرېكىغا كۆچۈپ كەتتى ۋە شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.

1950- يىلى ئاھالىنىڭ %20 تى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى،ھازىر بۇ سان ئازىيىپ پەقەت %3 گە چۈشۈپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ، نورۋېگىيەدە بۇرۇنقىدىن كۆپ ئۇزۇقلۇق مەسھۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرلىدۇ. بۇ ئاساسلىغى، ھازىر بىزدە دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ بولغانلىغىدا. ماشىنا،دېھقانچىلىق قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئاشۇردى.

ئاخىرقى 30 يىل ئىچىدە،نورۋېگىيەنىڭ ئەمگەك بازىرىدا،يەنە چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. مەسىلەن، سانائەتتە ئىشلەيدىغانلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتتى.

1960- يىللارنىڭ ئاخىردا شىمالى دېڭىزدىن نېفت تېپىلغاندىن كېيىن، نېفت ۋە گاز ئىشلەپچىقىرىش،نورۋېگىيە سانائىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلاندى. نېفت ۋە گازنىڭ نورۋېگىيە ئىختىسادىدىكى ئەھمىيىتى بەك چوڭ. بۇ ئەھۋال ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ،گەرچە مۇھىت مەسىلىلىرى سەۋەپلىك بۇندىن كېيىن مۇھىت ئاسراش(يېشىل ئۆزگۈرۈش) قا دىققەت ئاغدۇرۇلىدىغان بولسىمۇ.

بۈگۈنكى كۈندە بىز،مۇتلەق كۆپ سانلىق خىزمەتلەرنى مۇلازىمەت كەسپى ساھەسىدىن تاپالايمىز. ئۇ ساھەدە تەخمىنەن 1،8 مىليۇن ئادەم ئىشلەيدۇ. بۇ دىگەنلىك، نورۋېگىيەدە ئىش ئىزلىمەكچى بولغان ئادەم ئۈچۈن، دۇكان،سەھىيە- ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى،مەكتەپ ۋە يەسلى ۋە شۇنىڭدەك شەخسى تىرانسىپورت ساھەسىدە ياخشى ئىش تېپىش پۇرسىتى بار. يەنە نۇرغۇن كىشلەر،يېڭى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئالاقىدار بولغان ساھەلەردىنمۇ خىزمەت تاپالىشى مۈمكىن.