ئىش ھاياتىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەر
نورۋېگىيەدىكى ئىش ھاياتى،ئەمگەك مۇھىتى قانۇنى،دەم ئېلىش قانۇنى قاتارلىق نۇرغۇن قانۇن ۋە كېلىشىملەر ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدۇ.
قانۇننى پارلامېتتىكى سىياسەتچىلەر ماقۇللايدۇ،لېكىن،ئىش بەرگۈچىلەر ۋە ئەمگەكچىلەر ئۆلىرىنىڭ كەسپى ئۇيۇشمىلىرى ئارقىلىق تۈزۈلگەن كېلىشىملەردە بىرلىككە كەلگەن بۇلۇشى كېرەك.
قانۇنلار،بارلىق ئىش بەرگۈچىلەر ۋە ئىشلەۋاتقانلارغا ئائىت. كېلىشىملەر بولسا،مەلۇم بىر كەسپى ساھەدىكىلەرگىلا ئالاقىدار بۇلۇدۇ.
قانۇندا بېكىتىلگەن ھوقۇقلاردىن مىساللار:
- نورۋېگىيەدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر بىر ئىش توختامنامىسىغا ئىگە بۇلۇشقا ھوقۇقلۇق. ئىش توختامنامىسى كېلىشىلگەن مۇئاش ۋە ئىش ۋاقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
- بىر نورمال ئىش ھەپتىسى 37،5 سائەت.
- نورۋېگىيەدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىر يىلدا كەمىدە 25 كۈن دەم ئېلىشقا ھۇقۇقلۇق.
- نورۋېگىيەدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر،ئۆزى ياكى بالىسى ئاغرىپ قالغاندا مەلۇم ساناقلىق كۈنلەر مۇئاش ئېلىپ تۇرۇپ، ئىشقا كەلمەسلىككە ھۇقۇقلۇق.
- ئىشچى- خىزمەتچىلەر بالىلىق بولغاندا، مۇئاش ئېلىپ تۇرۇپ رۇخسەت سوراشقا ھۇقۇقلۇق.