ئىش ھاياتى

ئۇيۇشمىلار ۋە ئىشتىراك قىلىش

ئىشقا ئالاقىدار ئۇيۇشمىلار

  • ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭمۇ، ئىش بەرگۈچىلەرنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيۇشمىلىرى بار. ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ نورۋېگىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۇيۇشمىسى LO(ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسى) دەپ ئاتىلىدۇ. ئىش بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇيۇشمىسى NHO(سودا سانائەتچىلەرنىڭ مەركىزى ئۇيۇشمىسى) دۇر. بۇ ئۇيۇشمىلارنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى مۇئاش ۋە ئىش ۋاقتى ھەققىدە كېلىشىم قىلىشتىن ئىبارەت. قاچانكى ئىش بەرگۈچىلەر بىلەن ئىشچى- خىزمەتچىلەر بۇ خىل ئىشلاردا بىرلىككە كېلەلىسە،ئاندىن كېلىشىم تۈزىلىدۇ. بۇنداق كېلىشىم ئادەتتە ئىككى يىلغىچە كۈچكە ئىگە بۇلۇدۇ ۋە بىز بۇنى كوللىكتىپ توختام دەيمىز. بۇ جەرياندا، ئىشچى- خىزمەتچىلەرمۇ، ئىش بەرگۈچىلەرمۇ كېلىشىمگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.
  • ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەتىنى قوغدايدىغان ئورگانلارنى بىز،كەسپى ئۇيۇشمىلار دەپ ئاتايمىز. نورۋېگىيەدە كۆپلىگەن ئىشچى- خىزمەتچىلەر بۇ خىل ئۇيۇشمىلارغا ئەزا.
  • ئەزالار بۇ ئۇيۇشمىلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا ئەزالىق بەدىلى تۆلەيدۇ.

ئەمگەك مۇھىتىغا ئورتاق تەسىر كۆرسۈتۈش

ياخشى بىر ئەمگەك مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، چۇقۇم،ئىش بەرگۈچىلەر بىلەن ئىشچى- خىزمەتچىلەر تۈزۈلگەن ھەرقايسىكېلىشىملەردە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

شۇڭلاشقا،نورۋېگىيەدىكى ئىش ھاياتىدا،ئورتاق قارار قىلىش بىلەن ئىش ئورنى دېمگۇراتىيىسى بىرقانچە ئۇسۇللار بىلەن قولايلاشتۇرۇلغان.
ھەر بىر خىزمەتچى خادىم،سۆزىنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنىش ۋە ئۆز خىزمەت شارائىتىنىڭ تەشكىللىنىش ئىشىغا قاتنىشالايدىغان بۇلۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بۇلۇشى لازىم. خىزمەتچى خادىملار، كەسپى ئۇيۇشمىلار ئارقىلىق،تالاش- تارتىشلارغا قاتنىشىدۇ ۋە ئىدارىسىنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئالىدۇ.

چوڭراق شىركەتلەرگە،ئىش ئورنىدا سالامەتلىك، مۇھىت ۋە بىخەتەرلىك(HMS) ئىشلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلىۋى قۇيۇلغان. بۇ خىزمەت،بىر نەپەر خزمەتچىلەر ۋەكىلى ۋە بىر نەپەر رەھپەرلىكنىڭ ۋەكىلى تەرىپىدىن تەشكىللىنىدۇ ۋە نازارەت قىلىنىدۇ.

پاكىتلار

نورۋېگىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلەشمىسى (LO)بولسا نورۋېگىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىدۇر.

سودا سانائەتچىلەرنىڭ مەركىزى تەشكىلاتى (NHO)بولسا، نورۋېگىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىش بەرگۈچىلەر تەشكىلاتىدۇر. Landsorganisasjonen (LO) Næringslivets hovedorganisasjon (NHO)