ئىش ھاياتى

پاراۋانلىق دۆلىتى خىزمەت ئورۇنلىرىنى يارىتىدۇ

پاراۋانلىق دۆلىتىنىڭ نورمال ئىشلىشى ئۈچۈن،كۆپ ساندا،خىلمۇ- خىل كەسپلەر بۇلۇشى كېرەك.

تۆۋەندىكىسى شۇلاردىن بەزى مىساللار:

  • مەكتەپتىكى،ئوقۇتقۇچىلار،ئىشخانا خادىملىرى،تازلىق خادىملىرى ۋە باشقا خىزمەتچىلەر
  • دوختۇرخانا ۋە ياشانغانلار ساناتۇريەسىدىكى،دوختۇر، سېستىرا، سالامەتلىك ئاسراش خادىملىرى،ئىشخانا خادىملىرى، تازلىق خادىملىرى ۋە باشقا خىزمەتچىلەر
  • NAV دىكى،ئىش بېجىرگۈچىلەر، ئىشخانا خادىملىرى ۋە باشقا خىزمەتچىلەر

نورۋېگىيەدىكى مائارىپ ۋە سەھىيە مۇلازىمىتى تارماقلىرىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىگى دۆلەت خىزمەتچىلىرىدۇر. بۇ دىگەنلىك،ئۇلار دۆلەت ئورۇنلىرىدا، ناھيە ھاكىميىتىدە ياكى كومۇنالاردا ئىشلەيدۇ. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بەزىدە،خۇسۇسى شىركەتلەردىن تۈرلۈك مۇلازىمەتلەرنىمۇ سېتىۋالىدۇ. مۇقىم دوختۇر تۈزىمى (fastlegeordningen) بۇنىڭ بىر مىسالى بۇلۇپ،بۇنىڭدا،كومۇنا ۋە دۆلەت،شەخسى دوختۇرلارغا قۇشۇمچە پۇل تۆلەيدۇ.

پاكىتلار

پاراۋانلىق جەمىيىتى كۆپلىگەن خىزمەتچىلەرگە مۇھتاج!

نۆۋەتتە،نورۋېگىيەدىكى ئىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىشلەرنىڭ تەخمىنەن %30 تى، ھۆكۈمەت تارماقلىرىدا ئىشلەيدۇ.