خىزمەت ئىزدەش
گەرچە نورۋېگىيەدە ئىشسىزلىق نىسپىتى تۈۋەن بولسىمۇ،بوش خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئېرىشىشتە كۈچلۈك رىقابەت بۇلۇشى مۈمكىن. خىزمەت ئىزدىگەن ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزى چۇقۇم ئاكتىپ بۇلۇشى كېرەك. ئۆزىنىڭ تونۇشلىرى ۋە ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلەشكە قىزىقىدىغانلىغىڭىزنى كۆرسۈتۈشمۇ مۇھىم. نۇرغۇنلىغان بوش خىزمەت ئېلانلىرى ئىنتېرنېت ياكى گېزىتلەردە ئېلان قىلىنىدۇ.
ئەگەردە سىز ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلىدىغان بىر خىزمەتنىڭ ئېلانىنى تاپسڭىز، ئۇ چاغدا سىز، بىر خىزمەت ئىلتىماسى يېزىشىڭىز ۋە CV (قىسقىچە ئوقۇش،خىزمەت تارىخى) يوللىشىڭىز كېرەك. CV سىزنىڭ كىملىگىڭىز،ئوقۇش تارىخىڭىز، ۋە بۇرۇن نىمە ئىش قىلغانلىغىڭىزنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. يېتەرلىك ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياخشى بىر خىزمەت ئىلتىماسى يېزىپ تەيارلاش مۇھىم، بەلكىم بۇ سەۋەپلىك ئىش بەرگۈچى تەرىپىدىن خىزمەت كۆرۈشمىسىگە(ئىنتېرۋىيۇ) چاقىرتىلىشىڭىز مۈمكىن.
سۆھبەتكە بېرىشتىن بۇرۇن چۇقۇم ياخشى تەيارلىق قىلىش كېرەك. مەزكور شىركەت ھەققىدە مەلۇمات ئىگەللەش،بەلكىم بۇ ھەقتىكى مەلۇماتنى ئىنتېرنېتتىن تېپىپ ئوقۇش مۈمكىن،ياكى بولمىسا،ئۇ شىركەتنى ياخشىراق بىلىدىغان بىرسىدىن سورىسىچۇ؟
سورالغان ھەر خىل سۇئاللارغا قانداق جاۋاپ بېرىشنىمۇ ئويلۇشۇپ قويۇش كېرەك. ئىش بەرگۈچى نىمىلەرنى سورىشى مۇمكىن؟ سىز قانداق جاۋاپ بەرسە بولۇدۇ؟