ئىش ھاياتى

مۇئاش ۋە باج

نورۋېگىيەدە،يىللىق مۇئاش ھەققىدە سۆزلىشىش نورمال بىر ئىش. نورۋېگىيەدىكى پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى تەخمىنەن 000 500 كرۇن. ئاياللارنىڭ ئوترىچە كىرىمى، ئەرلەرنىڭ كرىمىنىڭ تەخمىنەن %85 گە توغرا كېلىدۇ.

ئادەتتە،ھەر ئايدا بىر قېتىم، مۇقىم بىر كۈندە مۇئاش تارقىتىلىدۇ. جەمئى مۇئاش،خىزمەتچىنىڭ بانكا ھېساۋاتىغا چۈشۈرۈپ بېرىلىدۇ. خىزمەتچى يەنە، مۇئاش قەغىزىمۇ تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، ئۇنىڭدا مەزكور كىشىنىڭ قانچە پۇلغا ئىشلىگەنلىگى،قانچە پۇل باج تۇتۇلغانلىغى كۆرسۈتۈلگەن بۇلۇدۇ.

خىزمەتچىنىڭ جەمئى مۇئاشدىن باجنى تۇتۇپ قېلىش ئىش بەرگۈچىنىڭ مەسئۇليىتى بۇلۇپ، ئىش بەرگۈچى بۇ پۇلنى دۆلەتكە ئاغدۇرۇپ بېرىدۇ.

نورۋېگىيەنىڭ جەمىيەت مودىلى،تامامەن،پۇقرالار تۆلەيدىغان ھەر تۈرلۈك باج ۋە سېلىقلارغا تايىنىدۇ. بۇ باج ۋە سېلىقلار بولسا پاراۋانلىق ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىدۇ. نورۋېگىيەدىكى بارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۆزى تۇرىۋاتقان كومۇناغا باج تاپشۇرۇدۇ. ئىش بەرگۈچىلەرمۇ ئوخشاشلا كومۇناغا ۋە دۆلەتكە باج تاپشۇرۇدۇ.

ئىشچى- خىزمەتچىلەر تاپشۇرىدىغان باجنىڭ مىقتارى پەرقلىق بۇلىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا،تاپىدىغان پۇلى قانچە كۆپ بولسا، تۆلەيدىغان باج پىرسەنتىمۇ يۇقىرى بۇلۇدۇ. ئەمما،بىزنىڭ قانچىلىك ئۆسۈم تۆلىشىمىز،بالىغا قارىغۇچىغا قانچە پۇل كېتىدىغنى، ئىشقا بېرىپ- كېلىشتە كېتىدىغان يول خىراجىتى قاتارلىقلارمۇ بىزنىڭ قانچىلىك باج تۆلىشىمىزنى بەلگۈلەشتە ھېساپقا ئېلىنىدۇ. ھەر بىر ئىشچى- خىزمەتچى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن %25 باج تاپشۇرىدۇ.

پاكىتلار

باج كارتىسى

ئىشلەۋاتقان ھەممە ئادەمنىڭ باج كارتىسى بۇلۇشى كېرەك. باج كارتىسىنى بۇ توربەتتىن زاكاز قىلىسىز: Skatteetaten.

مۇئاش قەغىزى

ئىشلەپ مۇئاش ئالغان مەممە ئادەم، بىر مۇئاش قەغىزى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. مۇئاش قەغىزى بولسا،باج تۆلىگەنلىك تالۇنى.

جەمئى مۇئاش سوممىسى

بۇ،سىزنىڭ باج،پېنسىيە تۆلىمى ۋە باشقا خىراجەتلەر تۇتۇلمىغاندىكى ئالغان مۇئاشىڭىز.

ساپ مۇئاش

بۇ سىزنىڭ باج،پېنسىيە تۆلىمى ۋە باشقا خىراجەتلەر تۇتۇلغاندىن كېيىنكى نەق قولغا تەككەن مۇئاشىڭىز.