ئىش ھاياتى

قارا ئىشلەش

قارا ئىشلەش قانۇنسىز. قارا ئىشلەش سەۋەبىدىن، ھەم ئىش بەرگۈچى ھەم ئىشلىگۈچى ئىختىسادى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەيبى بىلەن جازالىنىدۇ.

قارا ئىشلەش بولسا ئەخلاقسىزلىقتۇر. باج تۆلىمەي ئىشلىگەن ئادەم،جامائەتچىلىككە ھەسسە قوشامايدۇ. بۇ بۇيىچە قارىغاندا،قارا ئىشلەش خۇددى جەمىيەتتىكى باشقىلارنىڭكىنى ئوغۇرلىۋالغان بىلەن باراۋەر.

دۆلەت ھەر يىلى، قارا ئىشلىگۈچىلەر تۈپەيلى،باج كىرىمى، ئىش بەرگۈچىلەر خىراجىتى ۋە ئىجتىمائى كاپالەت خىراجەتلىرىدىن بولۇپ، قانچە مىليۇنلىغان كرۇن پۇلدىن مەھرۇم قالىدۇ. بۇ پۇللارمۇ ئەسلىدە، جەمىيەت پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتشكە تېگىشلىك پۇللارنىڭ بىر قىسمى بۇلۇشى كېرەك ئىدى.

قارا ئىشلەش،قانۇنسىز ۋە ئەخلاقسىزلىق بولۇشتىن تاشقىرى، قارا ئىشلىگۈچىگە ئېغىر ئىختىسادى ۋە باشقا ئاقىۋەتلەرنىمۇ ئېپ كېلىشى مۈمكىن:

  • كېسەل بوپ قالغاندا ھىچقانداق مۇئاش ئالمايدۇ
  • يازلىق دەم ئېلىش پۇلى ئالالمايدۇ
  • ھىچقانداق پېنسىيە پۇلى جۇغلانمىسى بولمايدۇ
  • ئىشسىز قالغاندا ئىشسىزلىق ياردىمى ئالالمايدۇ
  • ئىش يېرى خېيىم- خەتەر سوغۇرتىسىغا قاتنىشالمايدۇ
  • بانكىدىن قەرز ئېلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ
  • ھىچقانداق خىزمەت توختامى،ئاخىرلاشتۇرۇش خېتى ۋە ئىسپاتلىق ئىش تەجىربىسى بولمايدۇ،يېڭىدىن ئىش تېپىشى قىيىن بۇلۇدۇ

پاكىتلار

قارا ئىشلەش ھەم ئەخلاقسىزلىق ھەم قانۇنسىزلىقتۇر!

قارا ئىشلەش دىگەنلىك،خىزمەت توختامىسىز ۋە باج تۆلىمەي ئىشلەش دىگەنلىكتۇر. ئىش بەرگۈچى، ئىش بەرگۈچىلەر بېجىنىمۇ ۋە ئىشلىگۈچىگە بېرىلىدىغان سوغۇرتا ياردەم پۇلىنىمۇ تۆلىمەيدۇ.