مائارىپ ۋە لاياقەت

بالىلار يەسلىسى بولسا بىر پىداگوكىلىق سېستىمىدۇر

Barn og voksen i barnehage

يەسلىدە بالىلار كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگۈنىدۇ:

  • باشقا بالىلار بىلەن بىرگە بۇلۇش تەجىربىسىگە ئىگە بۇلۇدۇ.
  • باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۈگىنىدۇ.
  • بارغانچە مۇستەقىل بۇلۇپ يېتىلىدۇ.
  • ئۇلار كۆپلىگەن ئەمىلى بىلىملەرنى ئۆگۈنىدۇ.
  • مەكتەپ باشلاشقا ياخشىراق تەيارلىق كۆرەلەيدۇ.

يەسلى خىزمەتچىلىرى، بالىلارنىڭ يەسلىدە نىمە ئۈگەنسە بۇلۇدىغانلىغى توغرۇلۇق پىلان تۈزۈشكە نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىدۇ. ئۇلار بۇنداق پىلان تۈزۈشتە،يەسلى قانۇنى ۋە دۆلەتنىڭ بۇ ھەقتە بېكىتكەن باشقا قائىدە- بەلگۈلىمىلىرىنى چىقىش نۇقتا قىلىدۇ.
ئاتا- ئانىلار، يەسلى خىزمىتىنىڭ مەقسىدى ۋە بالىلار قاتنىشىدىغان پالىيەتلەر توغرۇلۇق يەسلىدىن مەلۇمات تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.

يەسلىنىڭ تېشىدا ئويناش

ئاتا- ئانىلار، ئاتا- ئانىلار يىغىنى ياكى ئايرىم ئاتا- ئانىلار سۆھبىتىگە چاقىرلىدۇ. ئاتا- ئانىلار يىغىنىدا، ئاتا- ئانىلار ئۆز- ئارا تۇنۇشۇدۇ ۋە كىچىك باللىرى بولسا قانداق بولىدىغانلىغى ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ. نورۋېگچە بىلمەيدىغان ئاتا- ئانىلار، ئاتا- ئانىلار يىغىنىدا تەرجىمان ئىشلىتىش ھۇقۇقىغا ئىگە.

ئقتىسات

پارلامېنت ھەر يىلى نورۋېگىيەدە يەسلىگە تۆلەيدىغان پۇلنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى بېكىتىدۇ. ھىچقانداق ئاتا-ئانا بۇنىڭدىن ئارتۇق پۇل تۆلىمەيدۇ. بۇ بەلگۈلىمە،ھۆكۈمەت يەسلىلىرىگىمۇ، شەخسى يەسلىلەرگىمۇ ئوخشاش. تاماق، يول ماڭغىلى چىقىش ۋە باشقا ئشلار ئۈچۈن بۇلۇدىغان چىقىم بۇنىڭ سىرتىدا.

تېخمۇ كۆپرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن: makspris barnehage

بالىلارنىڭ يەسلى خىراجىتىنىڭ قانچە بۇلۇشى كومۇنادىن- كومۇناغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. بەزى كومۇنالاردا،تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر كەمرەك پۇل تۆلەشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلۇدۇ، ئەمما باشقا كومۇنىلاردا،باھا ھەممىگە ئوخشاش، گەرچە كىرىمى ئوخشاش بولمىسىمۇ. بىرقىسىم كومۇنىلاردا،بىرقانچە بالىسى بىرلا يەسلىگە بارىدىغان ئائىلىلەرگە باھادا ئېتىۋار بېرىدۇ.

 

پاكىتلار

يەسلى

يەسلىگە بېرىش مەجبۇرى ئەمەس، ئەمما بالىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك مەكتەپ باشلاشتىن بۇرۇن يەسلىگە بارىدۇ. بىر ياشتىن 5 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ %90 تىن كۆپرەگى يەسلىگە بارىدۇ.

يەسلىلەر،يەسلى قانۇنىغا رئىئايە قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن يەسلى خىزمەتچىلىرى يەسلىدىكى پالىيەتلەرنى پىلانلىغاندا چۇقۇم مەزكور قانۇنغا رىئايە قىلىشى كېرەك.

يەسلى ھەقسىز ئەمەس. ئاتا-ئانىلارھەر ئايدا ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك قىسمىنى تۆلەيدۇ، قېپقالغىنىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدۇ.