مائارىپ ۋە لاياقەت

باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوترا مەكتەپ

Småskolebarn Ungdomsskoleelever

باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوترا مەكتەپ ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلار:

  • بارلىق بالىلار 10 يىل باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوترىدا ئوقۇش ھۇقۇقىغا ئىگە.
    بالىلار 6 ياشقا كىرگەندە 1- سىنىپنى باشلايدۇ.
  • ھەممە بالىلارنىڭ، ئۆزىگە ماس ئوقۇتۇشتىن بەھرىمەن بۇلۇش ھۇقۇقى بار، قۇشۇمچە ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئوقۇغۇچىلار بولسا،ئۇلارمۇ ياردەمگە ئېرىشىدۇ.
  • باشلانغۇچ سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلار يازمىچە ياكى ئېغىزچە باھاغا ئېرىشىدۇ،لېكىن نۇمۇر(دەرىجە) بېرىلمەيدۇ.
  • تولۇقسىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەممە دەرسلەردە نومۇر قۇيلىدۇ. نۇمۇر دەجىسى 1 دىن 6 گىچە بۇلۇپ، 1 ئەڭ ناچىرى، 6 ئەڭ ياخشىسى.
  • باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يازلىق تەتىلدىن كېيىن ئاپتۇماتىك يۇسۇندا سىنىپ ئاتلايدۇ. بۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى بىلەن بىر ئالاقىسى بولمايدۇ. بىر ئوقۇغۇچى بىر سىنىپتا ئۇدا ئىككى يىل ئوقۇيدىغان ئىش مەۋجۇت ئەمەس.
  • باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، پۈتۈن دۆلەت بۇيىچە ئوخشاش شەكىلدە تەشكىللەنگەن. مەسىلەن،يىللىق ئوقۇش كۈنلىرى ھەممەيلەنگە ئوخشاش، 190 كۈن،لېكىن،بايرام ۋە تەتىل كۈنلىرىنىڭ قاچانغا ئورۇنلاشتۇرلىشىنى ھەر بىر كومۇنادىكى سىياسەتچىلەر بېكىتىدۇ.
  • بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش دەرسلىك پىلانى بۇيۇچە ئوقۇتۇلىدۇ. دەرسلىك پىلانىنى پارلامېنتتىكى سىياسەتچىلەر تەستىقلايدۇ. شۇنداقلا، بالىلار مەيلى قايسى كومۇنادا تۇرۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۈگۈنىدىغانلىرى ئاساسەن ئوخشايدۇ.
  • ھۆكۈمەت قارمىغىدىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوترا مەكتەپلەردىن سىرت،نەزى شەخسى مەكتەپلەرمۇ بار.نورۋېگىيەدىكى بالىلارنىڭ تەخمىنەن %2،5 لا شەخسى مەكتەپلەردە ئۇقۇيدۇ.

ئاممىۋى مەكتەپ

مائارىپ قانۇنىغا كۆرە،بارلىق بالىلار،ئىقتىدارى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنىڭ قانداق بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۆزى ئوقۇيدىغان مەكتەپتە،ئۆزىگە ماس ئوقۇتۇشتىن بەھرىمەن بۇلۇش ھۇقۇقىغا ئىگە. بۇ خىل سىياسى پىرىنسىپ ئاممىۋى مەكتەپ دىيىلىدۇ. ئاممىۋى مەكتەپ ، دولەتتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش بولغان مائارىپ پىلانى بۇيۇچە ئوقۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوترا مەكتەپلەرنىڭ ئىختىسادى

باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوترا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلار ئۈچۈن ھەقسىز. ئوقۇغۇچىلار دەرسلىك كىتاپنى مەكتەپتىن ئارىيەت ئالىدۇ،ئۇلارغا،دەپتەر،قەلەم ۋە باشقا لازىملىقلار بېرىلىدۇ.

پۈتۈن چىقىملارنى ھۆكۈمەت كۆتۈرۈدۇ. ئەڭ چوڭ چىقىملار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشى ھەمدە،مەكتەپ بىناسى سېلىش ۋە ئۇنى ماڭغۇزۇش.

شەخسى مەكتەپلەردە،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوقۇش پۇلىنى تۆلەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ تۆلىگىنى پەقەت ئۆز
ئۈلۈش قىسمى، قالغان چىقىملارنى دۆلەت ئۈستىگە ئالىدۇ.

پاكىتلار

س ف ئۇ(SFO ) – دەرستىن سىرتقى ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى، ئا ك س (AKS) – پائالىيەت مەكتىۋى

ئوسلودىن باشقا بارلىق كومۇنىلاردا دەرستىن سىرتقى ئورۇنلاشتۇرۇش(SFO ) دەپ ئاتىلىدۇ. ئوخشاش بىر مۇلازىمەتنىڭ ئسمى پەقەت ئوسلودىلا – پالىيەت مەكتىۋى (AKS) دىيىلىدۇ
بارلىق كومۇنىلاردا 1 – 4 –سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن (SFO)ياكى (AKS) مۇلازىمىتى يولغا قويۇلغان.

ياكى (AKS) بولسا، مەكتەپتە دەرس باشلاشتىن بۇرۇن ۋە دەرستىن كېيىن بالىلىرىغا قاراپ بېرىش ياردىمىگە ئېھتىياجى بولغان ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بىرخالىسانە مۇلازىمەتتۇر. چۈنكى شۇ پەيتتە ئاتا-ئانىلار ئىشتا بولىدىغان بولغاچقا. لېكىن بۇ بىر پېداگوكىلىق مۇلازىمەت ئەمەس. ئەمما بالىلار ئۇ يەردە تاپشۇرۇق ئىشلەشتە ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ.

(SFO)| (AKS)ھەقسىز ئەمەس. ئاتا-ئانىلارھەر ئايدا ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك قىسمىنى تۆلەيدۇ، قېپقالغىنىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاتا-ئانىلانىڭ ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك پۇلنىڭ مىقدارى ھەرقايسى كومۇنىلاردا ئوخشىمايدۇ. بەزى كومۇنىلاردا كىرىمى تۈۋەن ئائىلىلەرئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك پۇلنىڭ مىقتارىنى ئازايتىش ھەققىدە ئىلتىماس قىلسا بولۇدۇ. ئەمما يەنە باشقا كومۇنىلاردا بولسا كىرىمىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر باھا ھەممىگە ئوخشاش. بىرقىسىم كومۇنىلاردا بىرئائىلىدىن ئوخشاش قائىدىگە چۈشىدىغان بىرقانچە بالا بولسا، باھانى ئەرزانلىتىپ بېرىدۇ.

ئىنتىزام

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ،ئوقۇغۇچىلارغا قارتا ھەرقانداق شەكىلدىكى زورلۇق قوللۇنۇشىغا رۇخشەت يوق.مەكتەپ ئىنتىزامى،بالىلارنىڭ ئىنسانى قەدر- قىممىتىگە ئۇيغۇن بىر شەكىلدە تۇرغۇزۇلۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئوقۇغۇچىلارمۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەت قىلىشى لازىم.