مائارىپ ۋە لاياقەت

مەكتەپلەرنىڭ قىممەت قارىشى ئاساسى

Aktiv elev

ئوخشاشلىق، قەدىر – قىممەت باراۋەرلىگى،شەخسنىڭ تاللاش ئەركىنلىگى، نورۋېگىيە جەمىيىتىدىكى ئاساسى قىممەت قارىشىدۇر. بۇ قىممەت قارىشى مەكتەپلەردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مەكتەپتىكى دەرس ۋە پالىيەتلەر، ئوقۇغۇچىلارغا،
ھەممە ئادەمنىڭ قەدىر- قىممەتتە تەڭ- باراۋەر بولىدىغانلىغىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك مەكتەپ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىلەيدىغانلىغىنى، شۇنداقلا كىچىگىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ ئوقۇشىغا مەسئۇل بۇلۇشنى ئۈگۈتۈدۇ. مەكتەپنىڭ،بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى،ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ سەۋىيىسىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ئوقۇتۇش بىلەن تەمىن ئېتىش مەجبۇريىتى بار.

مەكتەپنىڭ مەقسىدى، مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان، ياخشى ئىجتىمائى ۋە پەننى ماھارەتلەرگە ئىگە بولغان ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈش.

زامانىمىزدىكى بىر دېمگۇراتىك دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىدىن،ھەم بىلىملىك ھەم مۇستەقىل پىكىرلىك بۇلۇش ۋە شۇنىڭدەك خىزمەت ۋە جەمىيەت ھاياتىغا ئاكتىپ قاتنىشىدىغان بۇلۇشى كۈتۈلىدۇ. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا،ياخشى ئومۇمى بىلىم بېرىدۇ. بۇ دىگەنلىك، بالىلار بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك تېمىلاردىكى بىلىملەرنى ئۈگۈنىدۇ . يەنى،تىل، ماتېماتكا،جەمىيەت ۋە ئەتراپىمىزدىكى تەبىئەت دىگەندەك.

مەكتەپنىڭ بالىلارغا ئومۇمى بىلىم بېرىشتىن تاشقىرى،يەنە باشقىمۇ نۇرغۇن ۋەزىپىلىرى بار. مەسىلەن، بالىلار يەنە بۇلارنىمۇ ئۈگىنىدۇ:

  • ئۇچۇر- مەلۇمات ئىزدەش ۋە ئۇنى ئۇنىڭغا تەنقىدى باھا بېرىش.
  • شۇ ئۇچۇر- مەلۇماتلار ۋە بەرگەن باھاسى ئاساسىدا ئۆز كۆز
    قارىشىنى شەكىللەندۈرۈش.
  • ئۆز كۆز قارىشى ئۈچۈن مۇنازىرلىشىش.

Ungdomsskuleelevar

ئوقۇتۇشنىڭ مەقسىدى(مائارىپ قانۇنى)

  • مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرى ۋە شاگرىت يېتىشتۈرۈش كارخانىلىرى- ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ،ئىشىكنى دۇنياغا ۋە كېلىچەككە ئېچىش،ئوقۇغۇچىلارغا،تارىخى ۋە مەدەنى چۈشەنچە ۋە باغلىنىش تۇيغىسى بېرىش.
  • تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى – خىرىستىئانلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مىراسى ۋە ئەنئەنىلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئاساسى قىممەت قارىشىنى يىتۈلدۈرۈش، يەنى،ئىنسان قەدىريىتىگە ۋە تەبىئەتكە بولغان ھۆرمەت، روھى ئەركىنلىك ،ئادىمىگەرچىلىك،ئەپۇچانلىق
    باراۋەرلىك،ئۇيۇشچانلىق، ھەم شۇنىڭدەك،باشقا دىن ۋە ئەقىدىلەردە ئىپادىلەنگەن،كىشلىك ھۇقۇققا ئۇيغۇنلىشىدىغان قىممەت قاراشلىرى.
  • تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى – بىزنىڭ مىللى مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى ۋە ئورتاق خەلقئارا مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىمىزنى چۈشۈنۈشىنىدىغان بىلىمىنى كېڭەيتىشكە ياردەم بېرىش.
  • تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى – كۆپ خىل مەدەنىيەتلىك جەمىيەت ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش،باشقىلارنىڭ ئتىقادىغا ھۆرمەت قىلىش. دېمگۇراتىيە،باراۋەرلىك ۋە ئىلمىيلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىش.
  • ئوقۇغۇچىلار ۋە شاگرىتلار، كېلىچەكتە ئۆز ھاياتىنى قۇرۇش،خىزمەت قىلىش ۋە ئورتاق جەمىيەت ھاياتىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، بىلىم،ماھارەت ۋە پوزىتسىيە(تونۇشى)نى تەرەققى قىلدۇرىشى. ئۇلار، ئىجات قىلىش خۇشاللىغى ، ئاكتىپچانلىق ۋە ئىزدىنىش قىزغىنلىغىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى كېرەك.
  • ئوقۇغۇچىلار ۋە شاگرىتلار،تەنقىدى ئويلىشى،ئەخلاق ۋە مۇھىتنى نەزەردە تۇتقان ھالدا ھەركەت قىلىشى، ئۇرتاق مەسئۇليەت ۋە تەسىر كۆرسۈتۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.
  • مەكتەپ ۋە شاگرىت تەربىلەش ئىدارىلىرى،ئوقۇغۇچىلار ۋە شاگرىتلارغا ئىشەنچ،ھۆرمەت كۆرشۈتىشى ۋە تەلەپچان بولۇشى، ئۇلارغا قۇرۇش ۋە ئۈگۈنۈش ئىستىگىنى ئويغىتىدىغان چېنىقىش پۇرسەتلىرىنى بېرىشى،ھەرقانداق شەكىلدىكى كەمسىتىشكە يول قويۇلماسلىغى كېرەك.

پاكىتلار

    مەكتەپنىڭ ۋەزىپىسى:

    • بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىدارى ۋە تالانتىنى ھەم ئۆز ئالدىغا ھەم باشقىلار بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى ۋە باراۋەر پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىش.
    • ئۈگۈنۈش قىزغىنلىغى، قىزىقىشچانلىق ۋە چىدامچانلىغىنى قوزغاش.
    • ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ ئۈگۈنۈش سىتراتېگىيىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە تەنقىدىي ئويلۇنۇش ئىقتىدارىنى يېتىكدۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش.
    • ئوقۇغۇچىلارنى،شەخسى تەرەققىيات ۋە ئۆز خاسلىغىنى كۈچەيتىشكە، ئەخلاقى، ئىجتىمائى ۋە مەدەنىيەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە، شۇنىڭدەك،دىمگۇراتىيەنى چۈشۈنىدىغان ھەم ئۇنىڭغا قاتنىشىدىغان ئقتىدارنى يېتىلدۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش.
    • ئۆز قىممەت قارىشىنى ۋە كەلگۈسىدىكى ئوقۇش ۋە خىزمەتنى ئاڭلىق يۇسۇندا تاللىشىغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ قاتنىشىشى ۋە تەسىر قىلىشىنى شەرت – شارائىت بىلەن تەمىنلەش.
    • ماسلاشقان ئوقۇتۇش ۋە كۆپ خىل ئۈگۈنۈش ئۇسۇللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش
    • ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنى، ئۆز قابىليىتىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
    • ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئىلمى خادىملارنىڭ بالىلار ئۈچۈن ياخشى يېتەكچى ۋە ئۈلگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش.
    • جىسمانى ۋە مەنىۋى ئەمگەك-ئۈگۈنۈش مۇھىتىنىڭ، ساغلاملىق، ھۇزۇر ۋە بىلىم ئېلىشقا تۈرتكە بۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش.
    • ئائىلىلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىققا شارائىت ھازىرلاش، ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپكە قارتا ئۆزنىڭ تېگىشلىك مەسئۇليىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش.
    • ئەھمىيەتلىك ئۇسۇللار بىلەن يەرلىك جەمىيەتنى ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا جەلپ قىلىشقا شەرت-شارائىت ھازىرلاش.