مائارىپ ۋە لاياقەت

ئاتا- ئانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق

Foreldre og skolebarn
ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەپ ئۆستۈرۈش مەجبۇريىتى بار. مەكتەپ، ئاتا- ئانىلار بىلەن بۇ ىۇسۇستا ھەمكارلىشىشنى ۋە ئۇلارنى قوللاشنى قوللاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بالىلارنىڭ مەكتەپتە تېخىمۇ ياخشى ئوقۇشى ئۈچۈن،مەكتەپ بىلەن ئاتا- ئانىلارنىڭ ھەمكارلىشىشى مۇھىم.

ئوقۇغۇچى،ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۆزئارا سۆزلىشىشى مۇھىم. ئۇلار ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسلەردىكى ئىلگىرلىشى ۋە مەكتەپتە قانداق ئۆتىۋاتقانىلغى ھەققىدە سۆزلىشىشى كېرەك. ھەر يىلدا ، كەمىدە ئىككى مۇشۇنداق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەكتەپ ئەۋەتكەن بارلىق يازمىچە ئۇچۇرلارنى ئوقۇش ۋە ئۇنىڭدىن خەۋەردار بۇلۇش مۇھىم. بەلكىم ئۇ بالىلارنىڭ دەرس جەدۋىلى ياكى پەسىللىك دەرس پىلانى بۇلۇشى مۈمكىن. بۇ پىلاندىن بالىلارنىڭ سىنىپتا ھەر خىل دەرسلەردە نىمىلەرنى ئۈگۈنۈۋاتقانلىغىنى بىلگىلى بۇلۇدۇ. ئاتا- ئانىلارغا ۋە (بالىلارغا) ھامىلىق قىلغۇچىلارغا يەتكۈزىلىدىغان مۇھىم خەۋەرلەرمۇ مۇشۇ پىلاننىڭ ئىچىدە بۇلۇدۇ. ناۋادا ئاتا- ئانىلار بىرەر نەرسىنى سورىماقچى بولسا،ئوقۇتقۇچى ياكى مەكتەپتىكى باشقىلار بىلەن ئالاقىلاشسا بۇلۇدۇ.

ئاتا- ئانىلارنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا ئاتا- ئانىلار بىلەن ئۇچرىشىشى دائىم بوپ تۇرىدۇ. ئۇلار، سىنىپ، سىنىپ مۇھىتى،پىلانلار ۋە پالىيەتلەر ھەققىدە سۆزلىشىدۇ. بۇنداق ئۇچرۇشۇش يىلدا كەمىدە ئىككى قېتىم ئۆتكۈزلىشى كېرەك. بۇنداق يىغىنلاردا باشقا ئاتا- ئانىلار بىلەن تۇنۇشۇش ياخشى ئىش.

پاكىتلار

مەكتەپ مۇھىتى

مەكتەپ بالىلىرى،ھەم ماددى ھەم روھى- ئىجتىمائى جەھەتتىن ياخشى بولغان بىر مەكتەپ مۇھىتىغا ئېرىشىشكە ھۇقۇقلۇق. بالىلار ئۆزىنى ھۇزۇر ۋە بىخەتەر ھىس قىلىدىغان مەكتەپ ھاياتىغا ئېرىشىشكە ھەمدە،بىر ياخشى،ماسلاشقان ئۈگۈنۈش مۇھىتىغا ئىگە بۇلۇشقا ھۇقۇقلۇق.

ئەگەر ئاتا- ئانىلار،بالىلىرىنىڭ ھۇقۇقلىرى يېتەرلىك قانائەتلەندۈرۈلمىدى- دەپ قارىغان تەقدىردە،ئەرز قىلسا بۇلۇدۇ. ئەرز مەكتەپكە يوللىنىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا- ئانىلار بىلەن مەكتەپ بىرلىككە كېلەلمىسە،ئۇ ھالدا ئاتا- ئانىلار كومۇناغا ئەرز قىلسا بۇلۇدۇ. ناھيەلىك ھۆكۈمەت باشلىغى ئەڭ ئاخىرقى ئەرز قىلىش ئورنىدۇر.