مائارىپ ۋە لاياقەت

تولۇق ئوترا مەكتەپ مائارىپى

تولۇق ئوترا مەكتەپ مائارىپى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلار:

  • نورۋېگىيەدە، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن بارلىق ياشلارنىڭ ئۈچ يىللىق تولۇق ئوترا مائارىپىدىن بەھرىمەن بۇلۇش ھۇقۇقى بار.
  • ياشلار مەلۇم بىر تۈردىكى تولۇق ئوترا مەكتەپ ئوقۇشىنى،ئەڭ كېچىككەندە 24 ياشقا كىرگەن يىلنىڭ ئىچىدە تاماملاپ بولۇشى كېرەك.
  • ناھيە ھۆكۈمىتى تولۇق ئوترا مەكتەپ مائارىپىنىڭ چىقىمىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ، تولۇق ئوترا مائارىپىدىن بەھرىمەن بۇلۇشقا ھەقلىق بولغان ھەممەيلەنگە بۇ پۇرسەتنى يارىتىپ بىرىش مەجبۇريىتى بار.
  • تولۇق ئوترا مائارىپىنىڭ ئالى مەكتەپلەرگە تەيارلىق سىنپى ۋە كەسپى سىنىپتىن ئىبارەت ئىككى خىل پروگراممىسى بار.

Elektriker Rørlegger Tømrer

پاكىتلار

باشلانغۇچ- تولۇقسىز ئوترا مەكتەپ ۋە تولۇق ئۇترا مەكتەپ

ئۆسمۈرلەر 16 ياشقا تولغاندا تولۇقسىزنى پۈتتۈرىدۇ. تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەنلەر ئۈچۈن قىلىدىغان خزمەتلەر ئۇنچە كۆپ ئەمەس، شۇڭا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوترىدا ئوقۇشنى داۋام قىلىدۇ.

ھۆكۈمەت قارمىغىدىكى تولۇق ئۇترا مەكتەپلەردىن سىرت،بىر قىسىم خۇسۇسى تولۇق ئۇترا مەكتەپلەرمۇ تېپىلىدۇ. خۇسۇسى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مەكتەپ پۇلى تۆلەيدۇ. ئەمما ئۇلار بەرىبىر پەقەتلا ئۆز ئۈلۈش پۇلى تۆلەيدۇ،قالغان كۆپ قىسم چىقىمنى دۆلەت ئۈستىگە ئالىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە،جەمىيەتتىكى كۆپ قىسىم كەسپ ۋە خىزمەتلەر ئۈچۈن،تولۇق ئوترا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى مەلۇمات ئالغان بۇلۇشى كېرەك. شۇنىڭدەك،پاراۋانلىق جەمىيىتى ئۈچۈن،مۇمكىن قەدەر كۆپرەك كىشىنىڭ ئوقۇشى زۈرۈر. بۇ ئارقىلىق بىز قىممەت يارىتىشنى داۋام قىلدۇرالايمىز ۋە يېڭى ئىش ئورۇنلىرىنى بەرپا قىللايمىز.

ئاھالىنىڭ يۇقىرى تەربىيلىنىش سەۋىيەسى بولماي تۇرۇپ،پاراۋانلىق جەمىيىتىنى ۋە پاراۋانلىق بەھرىمەنلىكلىرىنى ساقلاپ قېلىش قىيىن بۇلۇدۇ.

تولۇق ئۇترا مەكتەپ مائارىپى بولسا ھەقسىزدۇر.

ئوقۇغۇچىلار دەرسلىك كىتاپلارنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلەتسە بۇلۇدۇ،ئەمما،دەپتەر- قەلەم ۋە باشقا ئۇقۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئۆزى سېتىۋېلىشى كېرەك.