مائارىپ ۋە لاياقەت

چوڭلار ۋە مائارىپ

Voksen student Foto fra et norskkurs

جەمىيەت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. تېخنىكىنىڭ ئۈزلىكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىشى، ئىش ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ،خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز بىلىمىنى يېڭىلاپ تۇرۇشى ۋە يېڭى نەرسىلەرنى ئۈگۈنۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

چوڭلار تامامەن يېڭى بىر ساھەدە ئوقۇيالايدۇ،ئىلگىركى ئوقۇغان ساھەسىدە يۇقۇرلاپ ئوقۇشنى داۋام قىلدۇرالايدۇ ياكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوترىنىڭ دەرسلىرىنى ئۈگۈنۈپ ئىش ھاياتىدىكى يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشالايدۇ.

كۆپلىگەن ئورۇنلار چوڭلار ئۈچۈن ھەر خىل كۇرسلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. مەسىلەن،بىر ھەۋەسكارلار كۇرسى، تىل كۇرسى ياكى لاياقەتلىك ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈش كۇرسى دىگەندەك. بۇ خىل كۇرسلاردىن بەزىلىرىنىڭ چىقىمىنى كۆپىنچە دۆلەت كۆتۈرىدۇ.

چوڭلار ئۈچۈن، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوترادا ئوقۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش مەجبۇريىتى كومۇنالار ، تولۇق ئوترادا ئوقۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش مەجبۇريىتىنى بولسا ناھيىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۈستىگە ئالغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوترىدا ياكى تولۇق ئوترىدا ئوقۇشقا لاياقىتى توشىدىغان چوڭلارنىڭ بۇ خىل ئوقۇشتا ھەقسىز ئوقۇش ھۇقۇقى بار. ۇندىن باشقا يەنە كۆپلىگەن شەخسى مەكتەپلەرمۇ چوڭلارغا،تولۇق ئوترىدا ئوقۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

ئىش ئىزدىگۈچىلەر، NAV(نورۋېگىيە ئەمگەك پاراۋانلىق ئىدارىسى) ئارقىلىق،ھەر خىل كۇرسلارغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت،كۈرس قاتناشچىلىرىنى ئىش لاياقىتىگە ئىگە قىلىش. بۇكۇرسلارنىڭ چىقىمىنى NAV كۆتىرىدۇ ۋە كۇرسانتلارغا كۇرس پۇلى بېرىدۇ.

پاكىتلار

چوڭلارنىڭ،باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوترادا ئوقۇش ھوقۇقى

باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوترا مەلۇماتىغا ئىگە بۇلۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان چوڭلارنىڭ بۇنىڭغا ئېرىشىش ھوقۇقى بار. بۇ خىل ئوقۇتۇش ھەقسىز بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتنى كومۇنا بېرىدۇ.

چوڭلارنىڭ،تولۇق ئوترادا ئوقۇش ھوقۇقى

باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوترىنى تۈگەتكەن،ئەمما تولۇق ئوترىدا ئوقىمىغان چوڭلارنىڭ، تولۇق ئوترىدا ئوقۇش ھوقۇقى بار. بۇنىڭغا ناھيەلىك ھۆكۈمەتلەر مەسئۇل بولۇدۇ.

چەتئەلدە ئوقۇغان ئوقۇش تارىخىنى تەستىقلاش

ئەگەر سىز چەتئەلدە بىرەر كەسىپنى ئۈگەنگەن ئەمما بۇنىڭ يازما(قەغەز) ئىسپاتى بولمىسا، ئۇ ھالدا سىز، نىمە قىلالايدىغانلىغىڭىزنى، كەسپى سىناق ئارقىلىق كۆرسەتسىڭىز بولۇدۇ. كەسپى سىناق بولسا، تولۇق ئوترا سەۋىيىسىدىكى لاياقەتلەرنى باھالايدىغان بىر تۈرلۈك ئۇسۇل بولۇپ، سىز ئەلۋەتتە، مەكتەپكە بارماي تۇرۇپمۇ بىرەر كەسىپنى ئۈگۈنەلەيسىز.
تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن بۇ ئۇلۇنۇشقا قاراڭ: www.nokut.no