مائارىپ ۋە لاياقەت

تارىخى تەرەققىيات

مەكتەپ ۋە مائارىپ ئىشلىرىدا نورۋېگىيەنىڭ ئۇزۇن ئەنئەنىسى بار. 1700- يىللىرى،نورۋېگىيەنىڭ ئىختىسادى ئەھۋالى ئىنتايىن ناچارتى. شۇنداق بۇلۇشىغا قارىماي،مائارىپ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان ۋە بارلىق بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى قارار قىلىنغان،بۇنىڭ چىقىمىنى دۆلەت ئۈستىگە ئالىدىغان بولغان.

Guteklasse, 1885 Jenteskule, 1895

  • ئاللىبۇرۇن،1700 – يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا ھەممە بالىلارغا- ھەم قىزلار ۋە ئوغۇللار ئۈچۈن ھەقسىز،مەجبۇرى مائارىپ تۈزىمى يولغا قۇيۇلغان. بۇنىڭدىن مەقسەت،ھەممەيلەنگە ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۈگۈتۈش ئارقىلىق،ئولارنى ئىنجىلنى ئۆزى ئوقۇيالايدىغان قىلىش. شۇنىڭدەك ھەممە كىشىگە ئىنجىلدىن دەرس بىرىش.
  • ئۇ زاماندا،بالىلار ھەر كۈنى مەكتەپكە بارىدىغان ئىش كەم ئۇچرايتتى. نۇرغۇن بالىلار ئىككى كۈندە بىر،ياكى يىلدا پەقەت بىرقانچە ھەپتىلا مەكتەپكە باراتتى.
  • ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن،مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىرقانچە دەرسلەر كۆپەيدى. مەسىلەن،يېزىقچىلىق،ماتېماتكا ۋە ناخشا دەرسلىرى، 1800- يىللارنىڭ باشلىرىدا مەجبۇرى ئوقۇلىدىغان دەرس بولدى.
  • 1936- يىلى،بارلىق بالىلارنىڭ كەمىدە يەتتە يىل مەكتەپتە ئوقۇشى كېرەكلىگى قارار قىلىندى. 1997- يىلدىن باشلاپ 10 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ تۈزىمى يولغا قۇيۇلدى.
  • ھەرقايسى مەكتەپلەردە قوللىنىدىغان ئوقۇتۇش پىلانىنى پارلامېنتتىكى سىياسەتچىلەر تەستىقلايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە دولەتتىكى ، پۈتۈن مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان مەزمۇنلار ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ.

پاكىتلار

تارىخى تەرەققىيات

1739: تۇنجى مەكتەپ قانۇنى. مەجبۇرى ئوقۇلىدىغان دەرسلەر بولسا، خىرىستىئان دىنى ۋە خەت ئوقۇش.

1822: يېڭى مەكتەپ قانۇنى. خەت يېزىش ۋە ھېساپلاشنى ئۈگۈنۈش مەجبۇرى.

1936: بىرلىككە كەلگەن ئوقۇتۇش سېستىمىسى يولغا قويۇلدى.

1969: توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپ.

1997: 10 يىللىق باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوترا مەكتەپ مەجبۇرى مائارىپى.

مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرى

نورۋېگىيەدە مەجبۇرى مائارىپ يولغا قويۇلغان ئاخىرقى 300 يىل مابەينىدە، مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولدى. 1700- يىللاردا، ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسى مەقسىدى،ئوقۇغۇچىلارغا خىرىستىئان دىنى بىلىملىرىنى ئۈگۈتۈش ئىدى. كېيىنچە،خەت يېزىش،ھېساپلاش،تاماق ئېتىش،تىككىچۈلىك ۋە ياغاچچىلىققا ئوخشاش ئەمىلى ماھارەتلەرنى ئۈگۈتۈشمۇ ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا قوشۇلدى.

ئۇچۇر

بۈگۈنكى كۈندە،ئۇچۇر ئىگەللەش ئىنتايىن ئاسان. بالىلار كىچىگىدىن باشلاپلا كومپۇيۇتۇر ۋە ئىنتېرنېت ئىشلىتىدۇ. بالىلارغا ياخشى ئۇچۇرلارنى تېپىشنى ۋە تاپقان ئۇچۇرلارغا تەنقىدى قاراشنى ئۈگۈتۈش مۇھىم.
بالىلار مۇستەقىل ئويلاشنى ئۈگۈنىشى كېرەك. ئۇلار ئۆزى تاپقان ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، ھەر خىل مەسىلىلەرنى يېشىشنى ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈگۈنىشى لازىم. بۇلاردىن تاشقىرى ئۇلار،پاكىت خارەكتىرلىك بىلىملەرنى ھەمدە،ئوقۇش،يېزىش ۋە ماتېماتكىغا ئوخشاش ئاساسى ماھارەتلەرنى ئۈگۈنىشى كېرەك.