تارىخ،جۇغراپىيە ۋە تۇرمۇش ئادىتى

قىسقىچە نورۋېگىيە تارىخى

Vikingskip

ۋىكىڭلا دەۋرى

مىلادىنىڭ 800 ۋە 1050- يىللىرى ئارىسىنى بىز ۋىكىڭ دەۋرى دەپ ئاتايمىز. ۋىكىڭ دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نورۋېگىيە بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ئەمەس بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا پادىشاسى بولغان نۇرغۇن كىچىك دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. 872 – يىلى ۋىكىڭ ھارالد ھورفارگە( Harald Hårfarge) پۈتۈن نورۋېگىيەنىڭ پادىشاسى بولدى. نۇرغۇن ۋىكىڭلار باشقا دۆلەتلەرگە سەپەر قىلغان. ئۇلارنىڭ بەزىسى سودىگەرلەر بولۇپ،تاۋارلارنى ئېلىپ- ساتاتتى،باشقىلىرى جەڭچى بولۇپ،بۇلاڭچىلىق قىلاتتى ۋە ئادەم ئۆلتۈرەتتى. بۈگۈنكى كۈندە بىز، ۋىكىڭلار ھەققىدە گەپ بولغاندا دائىم شۇ جەڭچىلەرنى ئويلايمىز. خىرىستىئان دىنى نورۋېگىيەگە 1000- يىللاردا كىردى ۋە نورۋېگىيەنىڭ بۇرۇنقى كونا دىنىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىدى. Borgund stavkirke

دانىيە بىلەن نورۋېگىيە ئارىسىدىكى ئىتتىپاق

1300- يىللار داۋامىدا دانىيەنىڭ نورۋېگىيەدىكى تەسىر كۈچى بارغانچە ئېشىپ باردى ۋە 1397- يىلدىن باشلاپ نورۋېگىيە رەسمى يۇسۇندا دانىيە ۋە شىۋېتسىيە بىلەن بىر ئتتىپاق بولۇپ قوشۇلدى. بۇ ئىتتىپاقنىڭ بىر ئورتاق پادىشاسى بار ئىدى. كېيىنچە شىۋېتسىيە ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىقتى، لېكىن دانىيە- نورۋېگىيە ئىتتىپاقى تاكى 1814- يىلغىچە داۋام قىلدى. سىياسەت دانىيە تەرىپىدىن يۈرگۈزىلەتتى. كوپېنھاگېن ئىتتىپاقنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بۇلۇپ، نورۋېگىيىلىكلەر دانىيەچە ئوقۇيتتى ۋە يازاتتى. نورۋېگىيە دېھقانلىرى كوپېنھاگېندىكى پادىشاغا باج تۆلەيتتى.

ئىتتىپاقنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە يېڭى ئىتتىپاق

Eidsvoll 1814 - © Stortingsarkivet/ foto: Teigens fotoatelier as 1814- يىلى نورۋېگىيە تارىخىدىكى مۇھىم بىر يىل. شۇ يىلى 17- ماي كۈنى نورۋېگىيە ئۆزىنىڭ ئاساسى قانۇنىغا ئىگە بولدى. 1800- يىللارنىڭ بېشىدا ياۋرۇپادا بىرقانچە ئۇرۇش بولىۋاتاتتى. مەسىلەن،بۇلاردىن بىرى ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە ئارىسىدا بولغان چوڭ ئۇرۇش ئىدى. دانىيە- نورۋېگىيە ئىتتىپاق، فىرانسىيە تەرەپتە تۇرغان بولۇپ، فىرانسىيە ئۇرۇشتا يېڭىلگەنلىگى ئۈچۈن دانىيە پادىشاسى نورۋېگىيەنى ئۇرۇشتا ئەنگىلىيە تەرەپتە تۇرغان شىۋېتسىيەگە بېرىۋېتىشكە مەجبۇر بۇلدى. 1814- يىلى دانىيە- نورۋېگىيە ئىتتىپاقى بىكار قىلىندى. بىر بۈلۈك نورۋېگىيىلىكلەر ئتتىپاق بىكار قىلىنغاندىن كېيىن نورۋېگىيەنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى،شۇڭا بەزى تەسىرى كۈچلۈك ئادەملەر ئاكەرشۈس ناھيىسى( Fylke) نىڭئەيدسۋول دىگەن يېرىگە توپلاندى. ئۇلار مۇستەقىل نورۋېگىيە ئۈچۈن بىر ئاساسى قانۇن يېزىپ چىقماقچى ئىدى. ھالبۇكى، نورۋېگىيە يەنىلا شىۋېتسىيە بىلەن بىر ئىتتىپاق بۇلۇشقا مەجبۇر قىلىندى ۋە 1814- يىلى نويابىردا شىۋېتسىيە- نورۋېگىيە ئىتتىپاقى بىر ئەمىليەت بولۇپ قالدى. شىۋېتسىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاق،ئىلگىركى دانىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاققا قارىغاندا يۇمشاقراق ئىدى. نورۋېگىيە ئۆزىنىڭ ئاساسى قانۇنىنى قىسمەن ئۆزگەرتىشلەر بىلەن ساقلاپ قالالىدى ۋە ئىچكى جەھەتتە ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. تاشقى ئىشلار سىياسىتى شىۋېتسىيە تەرىپىدىن باشقۇرلاتتى ھەمدە، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ پادىشاسى شىۋېتسىيەلىك ئىدى. Eidsvollsbygningen

مىللى رومانتىزىم ۋە نورۋېگچە سالاھىيەت

Brudeferd i Hardanger (Hans Gude & Adolph Tidemand, © Nasjonalmuseet for kunst, arkitektur og design) ياۋرۇپادا تەخمىنەن 1800- يىللارنىڭ ئوترىلىرىدىن باشلاپ سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە بىر ئېقىم باش كۆتەرگەن بولۇپ،ئۇنى بىز مىللى رومانتىزىم دەيمىز. بۇنىڭدا، مىللى خاسلىقنى نامايەن قىلىش ھەمدە ئۇلارنى تېخىمۇ سەلتەنەتلەشتۈرۈش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. نورۋېگىيەدە ئاساسلىغى بۇ دۆلەتنىڭ گۈزەل تەبئى مەنزىرىسى نۇقتا قىلىندى ۋە دېھقانلار جەمىيىتى “تىپىك نورۋېگچە” دەپ قارالدى. مىللى رومانتىزىم، ئەدەبىيات،ھەيكەلتاراشلىق ۋە مۇزىكا ساھەسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. بۇ مەزگىلدە نورۋېگىيەلىكلەر بارغانسىرى ئۆزىنىڭ مىللى سالاھىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. نۇرغۇن كىشلەردە ئۆزىنىڭ نورۋېگىيەلىك بولغىنىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئاشتى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ نورۋېگىيەنىڭ مۇستەقىل بۇلۇشىغا بولغان كۈچلۈك بىر ئارزۇ يېتىلىپ چىقتى. دانىيە بىلەن بولغان بىرنەچچە يۈز يىللىق ئىتتىپاقنىڭ ئاقىۋىتىدە، نورۋېگىيەنىڭ يېزىق تىلى دانىيىچە بولغان ئىدى. بۈگۈن بىز كۆرۈپ تۇرغان بۇكمول( bokmål) شۇ تىلنىڭ تەرەققىياتىنىڭ داۋامىدۇر. مىللى رومانتىزىم دەۋرىدە، نۇرغۇن كىشلەر نورۋېگىيەلىكلەرنىڭمۇ، دانىيەچىدىن پەرقلىق بولغان ئۆزىگە خاس يېزىق تىلى بۇلۇشى كېرەك دەپ قارايتتى. شۇ سەۋەپتىن تىل تەتقىقاتچىسى ئىۋار ئوسەن(Ivar Aasen 1813- 1896) نورۋېگىيەنى ئايلىنىپ سەپەر قىلىپ نورۋېگ تىلىنىڭ ھەر قايسى ئوخشىمىغان دىئالېكتلىرىنىڭ ئۈلگۈسىنى توپلايدۇ. مۇشۇ ئۈلگىلەر ئاساسىدا ئۇ، يېڭى بىر يېزىق تىل، نۈنورسك(Nynorsk يېڭى نورۋېگچە) نى تۈزۈپ چىقىدۇ. 1800- يللاردىن تارتىپ نۈنورسكمۇ،بۇكمولمۇ كۆپ تەرەققى قىلدى، لېكىن نورۋېگىيەدە ھازىرمۇ،سامىچە(Samisk) ۋە كۋەنچە(Kvensk) دىن باشقا نورۋېگ تىلىنىڭ ئىككى خىل رەسمى نۇسخىسى ئشلىتىلىدۇ.

نورۋېگىيەنىڭ سانائەتلىشىشى

Fabrikkarbeidere 1880, (Oslo Museum, fotograf: Per Adolf Thorén) 1800- يىللارنىڭ ئوترىلىرىدا، نورۋېگىيە ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن %70 يېزىلادا ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىغى دېھقانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللۇناتتى. نۇرغۇنلار ئۈچۈن ھايات مۇشاقەتلىك ئىدى. ئاھالە سانى ئېشىۋاتاتتى، ئەمما ھەممەيلەنگە يەتكۈدەك تېرۇلغۇ يەر ۋە ئىش يوقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەھەرلەردە ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. كۆپلىگەن زاۋۇتلار ئىش باشلىدى،نۇرغۇن كىشلەر ئىش تېپىش ئۈچۈن يېزىلاردىن شەھەرلەرگە كۆچۈپ كەلدى. شەھەردىكى كۆپلىگەن ئەمگەكچى ئائىلىلەر ئۈچۈن ھايات ئېغىرتى. ئش ۋاقتى ئۇزۇن،شارائت ناچار ئىدى. ئائىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كۆپ بالىلىق بولۇپ،كىچىك بىر ئۆيدە بىرقانچە ئائىلە بىرگە تۇرىدىغان ئەھۋاللار ئادەتتىكى ئىش ئىدى. شۇنىڭدەك،نۇرغۇن بالىلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە مەجبۇر بولاتتى. نۇرغۇن ئادەملەر يەنە چەتئەللەردىن ئامەت ئىزدىمەكنى سىناپ بېقىشتى ۋە 1850- يىللىرى بىلەن 1920- يىللىرى ئارلىغىدا 800.000 دىن كۆپرەك نورۋېگىيەلىك ئامرېكىغا كۆچۈپ كەتتى.

بىر ئەركىن ۋە مۇستەقىل دۆلەت

1905- يىلى شىۋېتسىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاق بىكار قىلىندى. نورۋېگىيە پارلامېنتى بىلەن شىۋېتسىيە پادىشاسى ئوترىسىدا ئۇزۇندىن بېرى سىياسى ئىختىلاپ مەۋجۇت ئىدى، 1900- يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ تېخىمۇ كۆپ كىشلەر نورۋېگىيە بىر ئەركىن ۋە مۇستەقىل دۆلەت بولۇشى كېرەك دەپ قارايدىغان بولدى. 1905- يىلى 7- ئىيۇندا نورۋېگىيە پارلامېنتى،شىۋېتسىيە پادىشاسىنىڭ بۇندىن ئېتىبارەن نورۋېگىيە پادىشاسى ھېساپلانمايدىغانلىغى ۋە بۇ سەۋەپلىك شىۋېتسىيە بىلەن بىلەن بولغان ئىتتىپاقنىڭ بىكار قىلىنغانلىغىنى جاكارلىدى. شىۋېتسىيەنىڭ بۇنىڭغا قارتا ئىنكاسى بەك قاتتىق بولدى ۋە نورۋېگىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئوترىسىدا ئۇرۇش پارتلىغىلى تاس قالدى. شۇ بىر يىل ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق خەلق رايىنى سىناش ئارقىلىق شىۋېتسىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقنىڭ بىكار قىلىنىش تەل- تۆكۈس مۇقىملاشتى ھەمدە بۇ يېڭى دۆلەت نورۋېگىيە بىر پادىشالىق ھاكىميەت بولىدىغان بولدى. دانىيە شاھزادىسى كارل نورۋېگىيەنىڭ يېڭى پادىشاسى بولۇشقا تاللاندى. ئۇ نورۋېگچە خوكۇن(Haakon) دىگەن پادىشالىق ئسىمنى قوللاندى. پادىشا خوكۇن 7- چى،1905- يىلدىن تارتىپ 1957- يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر بورۋېگىيە پادىشاسى بولدى.

20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى

Vannkraftverk 1800- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا نورۋېگىيە سۇ كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك ئشلەپچىقىرىشقا باشلىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كۆپلىگەن سانائەت كارخانىلىرى قۇرۇلدى. ئەمگەك كۈچىگە بولغان ئاشتى ۋە شەھەرلەر تېخىمۇ زورايدى. ئايرىم بىر قانۇن تۈزۈلۈپ، خۇسۇسىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان سۇ ئىلىكتېر ئستانسالىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھەققى ئۇلارنىڭ ئۆزىدە بولۇش، ئەمما سۇ بايلىغىغا دۆلەت ئىگىدارلىق قىلىش بەلگۈلەندى. ياۋروپادا 1914 – 1918- يىللىرى ئارىسىدا 1- دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىدى. نورۋېگىيە بۇ ئۇرۇشقا قاتناشمىدى،ئەمما ئۇرۇشنىڭ ئىختىسادى ئاقىۋەتلىرى بۇ يەرگىمۇ كۆرىنەرلىك تەسىر قىلدى. 1930- يىللىرى ياۋروپا ۋە شىمالى ئامرېكىدا ئىختىسادى كىرزىس يۈز بەردى. نۇرغۇن كىشلەر خىزمىتى ۋە ئۆيىدىن ئايرىلىپ قالدى. گەرچە نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت باشقا جايلاردىكىدەك ئۇنچە ئېغىر بولمىغان بولسىمۇ،بىز يەنىلا بۇ دەۋرنى”ئەشۇ ئېغىر 30- يىللىرى”دەپ تىلغا ئالىمىز.

2- دۇنيا ئۇرۇشى 1939| 1940- 1945

Stortinget med tysk banner 1940-45, (Oslo Museum, ukjent fotograf) 2- دۇنيا ئۇرۇشى، 1939- يىلى سېنتەبىردە گېرمانىيەنىڭ پولشانى بېسۋېلىشى بىلەن باشلاندى. نورۋېگىيە 1940- يىلى 9- ئاپرىل كۈنى گېرمانىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن بېسۋېلىندى. ئۇرۇش،نورۋېگىيە تەسلىم بولغىچە بولغان ئارلىقتا پەقەت بىرقانچە كۈنلا داۋام قىلدى. پادىشا ۋە ھۈكۈمەت ئەنگىليەگە قېچىپ كەتتى ۋە نورۋېگىيەنىڭ ئەركىنلىگى ئۈچۈن كۈرەشنى شۇ يەردە داۋام قىلدى. بۇ چاغدا نورۋېگىيە، دېمگۇراتىك ئۇسۇلدا سايلانمىغان، ۋىدكۈن كۇيسلىڭ(Vidkun Quisling) يېتەكچىلىگىدىكى گېرمانىيەپەرەس بىر ھۈكۈمەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلدى. گەرچە نورۋېگىيە زىمىنىدا بىۋاستە ئۇرۇشلار ئانچە كۆپ يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ،كۆپلىگەن قارشىلىق كۆرسۈتۈش گۇرۇپپىلىرى،بۇزغۇنچىلىق قىلىش،قانۇنسىز گېزىت چىقىرىپ تارقىتىش،پۇقرالار بويسۇنماسلىق ھەركىتى ۋە ھۆكۈمەتكە پاسسىپ قارشىلىق كۆرسۈتۈش ھەركەتلىرىنى تەشكىللەشكە ئوخشاش ھەركەتلەرنى ئېلىپ باردى. قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرىغا قاتناشقانلارنىڭ نۇرغۇنلىرى، نورۋېگىيەدىن قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. تەخمىنەن 50 000 نورۋېگىيەلىك، 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىۋېتسىيەگە قېچىپ كەتتى. كېيىنچە نېمىسلار ،كۆپلىگەن ئۇرۇش مەيدانلىرىدا يېڭىلىشكە باشلىدى ۋە 1945- يىل مايدا تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولدى. تەخمىنەن 9500 نورۋېگىيەلىك ئۇرۇش ئاقىۋىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى.

نورۋېگىيەنىڭ بۈگۈنى

En oljeplattform ئۇرۇشتىن كېيىن،دۆلەتنى قايتا قۇرۇش كېرەك ئىدى. تاۋارلار ئىنتايىن كەمچىلتى،كىشلەر تۇرىدىغانغا يېتەرلىك ئۆي يوق ئىدى. قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى مۈمكىن قەدەر تېزراق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئۇيۇشچانلىق بولۇشى كېرەكتى. دۆلەت ئىختىسات ۋە ئىستىمالنى تەڭشەشنى قاتتىق كۈچەيتتى. ئۇرۇش ئاخىرلىشىپلا،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى(ب.د.ت) قۇرۇلدى. ب.د.ت نىڭ ئەڭ ئاساسى مەقسىدى بولسا،دۇنيادا تىنچلىق ۋە ئادالەت ئورنىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدى. نورۋېگىيە، 1945- يىلى نويابىردا بۇ تەشكىلاتقا بىرىنچى بولۇپ قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرسى بولدى. ئامرېكا، ئۇرۇشتىن كېيىن ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئىتىسادى ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. بۇ ئىختىسادى ياردەم ھەركىتى “مارشال پىلانى” دىگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى ھەمدە،ياردەم ئالغۇچى دۆلەتلەرگە ئىختىسادى ۋە سىياسى تەلەپلەرنى قويدى. نورۋېگىيە تەخمىنەن،ئۈچ مىرلىيات كرۇن ياردەم ئالدى. 1949- يىلى نورۋېگىيە ۋە باشقا 11 دۆلەت بىرلىكتە ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدىنامىسىگە قول قويدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان مۇداپە تەشكىلاتى بولغان ناتۇ (NATO) قۇرۇلدى. غەربى ياۋرۇپا بىلەن ئامرېكا ئارىسىدىكى بۇ خىل يېقىن مۇناسىۋەت تا بۈگۈنگىچە داۋاملاشماقتا. 1950 ۋە 1960- يىللاردا نورۋېگىيەنىڭ ئىختىسادى خېلىلا ياخشى بولدى،دۆلەت پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى. 60- يىللادا بىرمۇنچە شىركەتلەر نورۋېگىيە دېڭىز تەۋەلىگىدىن نېفىت ۋە گاز ئىزدەشنى ئارزۇ قىلدى. خۇددى 50 يىل بۇرۇن سۇ ئىلىكتېر ئشلىرىدا بولغىنىدەك،نېفت بايلىغى دۆلەت ئىگدارچىلىغىدا قالدۇرلۇپ، خۇسۇسى شىركەتلەر چەكلىك دائىرىدە، چەكلىك مۇددەت ئىچىدە نېفت ئىزدەش،بۇرغۇلاش ۋە نېفت ئېلىش ھۇقۇقىنى سېتىۋالىدىغان بولدى. 1969- يىلى تۇنجى قېتىم شىمالى دېڭىزدىن نېفت تېپىلدى ۋە شۇندىن باشلاپ نورۋېگىيە تەرەققى قىلىپ بىر نېفت دۆلىتىگە ئايلاندى. نوۋەتتە نورۋېگىيە دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ نېفت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نېفت سانائىتىنىڭ نورۋېگىيە ئىختىسادىدا تۇتقان ئورنى ئالاھىدە چوڭ. ئۇندىن باشقا،ئەشۇ بىر قاتار چوڭ خەلق ھەركەتلىرىمۇ بۈگۈنكى نورۋېگىيەنىڭ تەرەققىياتىدا چوڭ رول ئوينىدى. بۇنىڭدا بولۇپمۇ ئەمگەكچىلەر ھەركىتى ۋە ئاياللار ھەركىتى مەركەزلىك ئورۇن تۇتۇدۇ. نورۋېگىيەدىكى ئەمگكچىلەر ھەركىتىنىڭ يىلتىزىنى 1600- يىللارغىچە سۈرۈش مۈمكىن، لېكىن 1880- يىللاردىن باشلاپ سانائەت ئىش ئورۇنلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇلار تېخىمۇ تەشكىللىنىشكە باشلىدى. 1920- يىللاردىن كېيىن بۇ ھەركەتنىڭ تەسىر كۈچى تېخىمۇ ئاشتى. ئەمگەكچىلەر ھەركىتى ئەمگەكچىلەرنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، يەنى،ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىش،ئىش ئورنىدىكى بىخەتەرلىكنى ياخشىلاش،كېسەللىك سوغۇرتىسى ۋە ئىشسىز قالغاندا ئىختىسادى ياردەمگە ئېرىشىش ھۇقۇقى قاتارلىقلار ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. ئاياللار ھەركىتى بولسا،ئاياللارنىڭ جەمىيەتتىكى ھەق- ھۇقۇقلىرى، جىنسلار ئارا باراۋەرلىك،ئىمكانىيەتلەرنىڭ ئەر ۋە ئاياللار ئۈچۈن ئوخشاش بۇلۇشى ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. نىكاھتىن ئجرىشىش ھۇقۇقى، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ۋە ئەركىن ھامىلە چۈشۈرۈش ھۇقۇقى، شۇنىڭدەك،ئاياللارنىڭ ئۆز بەدىنى ئۈستىدە قارار بېرىش ھۇقۇقى قاتارلىقلار ئاياللار ھەركىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئاياللار بىلەن ئەرلەر، ئوقۇش، خىزمەتكە ئېرىشىش، مۈلۈك ۋە مىراسقا ئىگە بۇلۇش، دورا ۋە سالامەتلىككە ئېرىشىش جەھەتلەردە باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.

 

پاكىتلار

بۈگۈنكى نورۋېگىيە

نورۋېگىيە بۈگۈنكى كۈندە،يۇقۇرى پاراۋانلىققا ئىگە،ھازىرقى زامان دېمگۇراتىيە دۆلىتى. نورۋېگىيەدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشلەرنىڭ ئخىتىسادى ئەھۋالى ياخشى ۋە ئاھالىنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىمۇ بىرقەر يۇقىرى. ئەرلەرمۇ،ئاياللارمۇ خىزمەت قىلىدۇ. جەمىيەت،پۇقرالارنىڭ تەربىلىنىشى، سالامەتلىك ياردىمى ۋە ئېھتىياج تۇغۇلغاندا ئىخىتىسادى ياردىمىگە ئېرىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىرقاتار قانۇن ۋە كېلىشىملەر ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدۇ.

ئاخىرقى 10 يىل ئىچىدە،تېخنىكا ۋە كومپۇيۇتۇر ساھەسىدىكى تەرەققىيات تېز بولدى. بۇمۇ نورۋېگىيە جەمىيىتىگە بەلگۈلۈك تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. كۆپلىگەن ئىش ئورۇنلىرى بەرپا قىلىندى،خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئۆزگەردى ۋە كۆپۈنچە كىشلەرنىڭ شەخسى ھاياتىدىمۇ ئۆزگۈرۈشلەر بولدى.

ئاخىرقى 10 يىل داۋامىدا، نورۋېگىيە بىر كۆپ مەدەنيەتلىك ۋە كۆپ خىللاشقان جەمىيىتكە ئايلاندى.

مەشىقلەرنى ئىشلەڭ