كۆچمەنلەر پايدىلىنىدىغان تۈرلۈك مۇلازىمەتلەر

كۆچمەنلەر پايدىلىنىدىغان تۈرلۈك مۇلازىمەتلەر

نورۋېگىيەگە يېڭى كەلگەن ئادەم دائىم، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بىرمۇنچە ئىشخانا،ئورگانلار بىلەن ئلاقىلىشىدۇ. نۇپۇس تىزىملاش ئىشخانىسى، يەسلىسى ئىشخانىسى، كېسەل كۆرسىتىش مەركىزى، باج ئىدارىسى ۋە ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق ئىدارىسى(NAV). تۆۋەندە ئولاردىن بەزىلىرى بىلەن بىراز تەپسىلىرەك تونۇشىمىز. بۇ ئوخشىمىغان ئىشخانىلارنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىغىنى ۋە ئۇلارنى قانداق تېپىشنى بىلىۋېلىش مۇھىم. ھۈكۈمەت ئورگانلىرى ۋە باشقا ئورۇنلارغا قىلىنىدىغان مۇراجەتلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى ئىنتېرنېت ئارقىلىق قىلىنىدۇ. توردىن يەنە نۇرغۇن ئانكىتلارنى چۈشۈرگىلى ۋە ئۇ ئورۇنلار ھەققىدىكى كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى ئۇلارنىڭ تور سەھىپىسىدىن تاپقىلى بۇلۇدۇ. بارلىق كوممۇنالارنىڭ ئۆز تور سەھىپىسى بولۇپ ئۇنىڭدا ئاھالىلەر ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن. باج باشقارمىسى (Skatteetaten) باج باشقارمىسى بولسا، باج ۋە سېلىقلارنىڭ تۆلىنىشىگە مەسئۇل. باج ئىشخانىسىدىن باج تاپشۇرۇش كارتىسى ئالىسىز. بۇ، قاچانكى ئىشلىمەكچى بولغىنىڭىزدا ياكى باشقا بىر باج تۆلەش مەجبۇرىيىتى بولغان كىرىمگە ئېرىشكىنىڭىزدە كېرەك بۇلۇدۇ. باج ئىدارىسىدىكى كۆپلىگەن مۇلازىمەتلىرىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق بىجىرگىلى بۇلۇدۇ. نۇپۇس تىزىملاش ئىشخانىسى Folkeregisteret )) نۇپۇس تىزىملاش ئىشى بولسا باج باشقارمىسىنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ، بۇ بىر، نورۋېگىيەدە تۇرىۋاتقان ياكى بۇرۇن تۇرغان بارلىق كىشلەرگە ئائىت ئاممىۋى تىزىملاشتۇر. ئادرىسىنى ئالماشتۇرغان ھەرقانداق ئادەم، كۆچكەن كۈندىن باشلاپ 8 كۈن ئىچىدە بۇنى نۇپۇس تىزىملاش ئىشخانىسىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. بۇنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق قىلغىلى بۇلۇدۇ. نۇپۇس تىزىملاش ئىشخانىسى يەنە ئىسىم يۆتكەش، كىملىك نۇمۇرىنى ۋە D- نۇمۇرنى تەقسىملەش ئىشلىرىغا مەسئۇل. ئەگەر بىرسى توي قىلماقچى بولسا چۇقۇم نۇپۇس تىزىملاش ئىشخانىسىغا مۇراجەت قىلىشى كېرەك. نورۋېگىيە ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق ئىدارىسى (NAV) نورۋېگىيە ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق ئىدارىسى بىر ئاممىۋى ئورگان بۇلۇپ،ئوخشىمىغان تۈردىكى كۆپلىگەن مۇلازىمەتلەرنى بېرىدۇ. مەسىلەن، NAV تۆۋەندىكىدەك ئىشلارغا مەسئۇل:

  • بالىلار پاراۋانلىق پۇلى
  • k نەق پۇل ياردىمى
  • كېسەل پۇلى
  • ئشسىزلىق ياردەم پۇلى
  • مېيىپلىق پاراۋانلىق پۇلى
  • پىنسىيە

نورۋېگىيە ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق ئىدارىسى (NAV)يەنە ئىشسىزلارغىمۇ مۇلازىمەت يەتكۈزىدۇ. نۇرغۇنلار پۇلىنى NAV تۆلەپ بىرىدىغان كۇرسقا بارىدۇ،بۇ كۇرسلاردىن مەقسەت قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىش تېپىشىغا ياردەم بېرىش. تەرجىمان قوللۇنۇش ھۇقۇقى كۆچمەنلەر نورۋېگ تىلىنى يېتەرلىك ئۈگۈنۈپ بۇلۇشتىن بۇرۇن، تەرجىمان ئىشلىتىشى زۈرۈر بۇلۇدۇ. مەسىلەن، NAV، ساقچى ۋە سەھىيە ئورگانلىرىدىكى ھۈكۈمەت خادىملىرىنىڭ، يەتكۈزۈلگەن مەلۇمات ۋە يېتەكچىلىكنى قارشى تەرەپنىڭ چۈشەنگەن بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن تەرجىمان قوللۇنۇش كۆچمەنلەر ئىگە بولغان بىر ھوقۇق ۋە بۇنىڭغا ھۈكۈمەت ھەق تۆلەيدۇ.