پۈتۈن خەلق خىزمەتتە!

پۈتۈن خەلق خىزمەتتە!

مۇمكىن قەدەر ئەڭ كۆپ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىر مەقسەت. نورۋېگىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن. ئىشسىزلىق ھەققىدىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى ستاستىكا ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىن كۆرەلەيسىز:

نورۋېگىيە دۆلىتى، يېڭى ئىش ئورۇنلىرىنى بەرپا قىلىش ياكى ئىش ئورۇنلىرىنى ساقلاپ قېلىش تەدبىرلىرى ئۈچۈن ھەر يىلى نۇرغۇن ئىختىساد سەرپلەيدۇ. تۆۋەندىكىسى شۇ خىل تەدبىرلەردىن بەزى مىساللار:

  • دۆلەت ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقتا قالغان شىركەتلەرگە ئىختىسادى ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن،بۇ شىركەت تاقىلىش ياكى ئادەم قىسقارتىش خەتىرىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ.
  • ھۈكۈمەت،ئىش ھەققىنى تەڭشەش مۇزاكىرلىرى ۋە ئۆسۈم سىياسىتى ئارقىلىق كىشلەرنىڭ كىرىمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
  • دۆلەت،شىركەتلەر تۆلەيدىغان سېلىق ۋە باجنى كەمەيتەلەيدۇ.
  • ھۈكۈمەت،ھۆكۈمەت ئورگانلاردىكى ئىش ئورۇنلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. بۇگۈنكى كۈندە، تەخمىنەن، 750 000 ئادەم بۇ ساھەە خىزمەت قىلىدۇ.
  • ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىش ۋە پېنسىيە يېشىنى تۆۋەنلىتىشكە بۇلۇدۇ.

Nav
ھۆكۈمەت، NAV ئارقىلىق تۈرلۈك ئەمگەك بازىرى كۇرسلىرىغا نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىدۇ. بۇ كۇرسلار، كۈرس قاتناشچىلىرىنىڭ لاياقىتىنى ئۆستۈرۈپ،ئىش تېپىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇندىن سىرت، كۈرس قاتناشچىلىرىغا ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى ياكى شەخسى ياردەم بېرىلىدۇ.
NAV يەنە،تولۇقلىما مۇئاشمۇ بېرىدۇ. بۇ دىگەنلىك،بىر ئىش بەرگۈچى،بىر ئىش ئىزدىگۈچىگە مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن مۇقىم ياكى ۋاقىتلىق ئىش بېرەلەيدىغان بولسا، شۇنىڭغىچە بولغان ئارلىقتىكى مۇئاشنى NAV بېرىپ تۇرىدۇ – دىگەن بۇلۇدۇ.

NAV كۆپلىگەن ئىش بەرگۈچىلەر بىلەن ” ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىش ھاياتى كېلىشىمى” (IA-avtalen) ھەققىدە ھەمكارلىشىدۇ. بۇ كېلىشىمنىڭ مەقسىدى بولسا:

  • ھۆكۈمەت ۋە ئىش بەرگۈچىلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسەل دەم ئېلىشى قىلغان خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا قايتىپ كېلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش.
  • ھۆكۈمەت ۋە ئىش بەرگۈچىلەر، مېيىپلارنىڭ ئاسانراق ئىشقا كىرىشىگە قولايلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىش.
  • ياشانغان خىزمەتچى خادىملارنى ئۇزۇنغىچە ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش.

نورۋېگىيەگە يېڭى كەلگەن بارلىق كۆچمەنلەرگە، ئۆزى تۇرىۋاتقان كومۇنالاردا تونۇشتۇرۇش پروگراممىسىغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتى ھازىرلاپ بېرلىدۇ. تونۇشتۇرۇش پروگراممىسىغا قاتناشقانلار،نورۋىگ تىلى ۋە جەمىيەت بىلىملىرى دەرسىگە ھەقسىز قاتنىشىدۇ. پروگرامما داۋامىدا نۇرغۇنلىرى تىل پىراكتىكىسى ياكى ئوخشىمىغان ئىش ئورۇنلىرىدا ئىش پىراكتىكىسىغا قاتنىشىدۇ. تونۇشتۇرۇش پروگراممىسىنىڭ مەقسىدى، پروگراممىسىغا قاتناشقۇچىلارنى خىزمەت تېپىپ ئىشلەش ياكى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇش لاياقىتىگە ئىگە قىلىشتۇر. تونۇشتۇرۇش پروگراممىسى ئادەتتە ئىككى يىل تولۇق كۈن داۋام قىلىدۇ، قاتناشقۇچىلار پروگراممىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىختىسادى ياردەم ئالىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت ئىشسىز قالغان ۋە ئىختىسادى جەھەتتىن سوتسىئال ياردەمگە تايىنىپ قالغان كىشلەر، NAVئارقىلىق بىر تۈرلۈك لاياقەتلەشتۈرۈش پروگراممىسىغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. لاياقەتلەشتۈرۈش پروگراممىسى ھەر بىر قاتناشقۇچىغا،ئۇنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان تەربىيە ۋە ئىش بىلەن چېنىقىش پۇرسىتى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاسانراق ئىش تېپىشىغا ئىمكانىيەت تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ. لاياقەتلەشتۈرۈش پروگراممىسى ئادەتتە بىر يىل پۈتۈن كۈنلۈك داۋام قىلىدىغان بۇلۇپ، قاتناشقۇچىلارغا لاياقەتلەشتۈرۈش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

ئىش ئورۇنلىرى،كۈرس تەشكىللەپ ئۆز خىزمەتچىلىرىنى ئوقۇش، يېزىش، ماتېماتكا ۋە كومپۇيۇتۇر ساھەسىدە ئىلگىرلەپ تەربىيلىمەكچى بولسا بۇنىڭ ئۈچۈن ئىختىسادى ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن،خىزمەتچىلەر ھەم ئۆزى ئىشلەۋاتقان خىزمەتنى ساقلاپ قېلىش لاياقىتىگە ئىگە بۇلۇدۇ، ھەم باشقا خىزمەتلەرنى ئىلتماس قىلالايدۇ.